مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 472|ئىنكاس: 11

تەمبۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4357
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 09:17:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەمبۇر

(مۇخەممەس )


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

گويا بۇلبۇل بولۇپ خەندان ئەجەپ سايرايدىكەن تەمبۇر ،
كۆڭۈل ئوخشاش تېشىپ قايناپ ھامان مۇڭلايدىكەن تەمبۇر ،
ئەلەم دەرتلىك پىغان ئۆرلەپ ئۆزى يىغلايدىكەن تەمبۇر ،
تېپىپ شاتلىق قەدىم كۈيدىن بەخىت خالايدىكەن تەمبۇر ،
باھار ئېللىق ھاۋاسىدەك ھوزۇر چىللايدىكەن تەمبۇر .

ئۇلۇغ ئەجداد كامالىدىن يېغىپ بەركەت مۇقام جەۋلان ،
پايانسىز ئىز ئەجىر بىرلە كۈيى جانغا ئارام دەرمان ،
ئۈمىد دەرياسىدا جۇشقۇن ياساپ دولقۇن سۈزۈك ئاققان ،
ھايات رىشتىگە جان قاتقان مۇھەببەتتىن سۇنۇپ ئارمان ،
ئەسىرلەردىن بولۇپ دىلكەش پەقەت ھارمايدىكەن تەمبۇر .

پۈتۈن ئىقلىم تامامىدىن تاراپ نۇردەك سۇنۇپ شاتلىق ،
مىراس سەنئەت تۇمارىدىن پۈتۈپ ھىكمەت ئاھاڭ ئاتلىق ،
ئاشىقلىقنىڭ جاپاسىدىن كەبى قالغان كى مۇشتاقلىق ،
غېرىب يۇتقان ئېغىرھىجران دالاسىنى قىلىپ باغلىق ،
قۇياش يەڭلىغ سۈزۈك تاڭدەك ئىشىق باغلايدىكەن تەمبۇر .

سۈيۈنگەندىن بۇلاقتەك كۈي بولۇپ شەربەت سىڭىپ كەتكەن ،
ئېسىل دىللار ھوزۇرىدىن بۈيۈك ھىممەت بەخىش ئەتكەن ،
ئۇنىڭ خۇشبۇي خۇمارىدىن سازەندىلەر بىلىپ يەتكەن ،
ئەزىز خەلقىم مەنىۋىيەت روھىغا گۈل نەقىش چەككەن ،
تارى بىرلە چىكىپ دىلنى ۋىسال ساقلايدىكەن تەمبۇر .

مەنبە ؛ ئىجادىيىتىم


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4764
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 10:15:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ.
بولسا مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ مۇزىكىلىرىدىن بىرەنى كىرىشتۈرۈپ قويغان بولسىڭىز گۈل-گۈلىگە، خىل-خىلىغا كىلەتتىكەن..

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4974
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1119 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:37:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەمبۇرگە بولغان ئىشتىياقى  شېئىرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . تەشەككۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9009
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەمبۇرنىڭ مۇزىكىسى بىر خىل مۇڭلۇق جۇمۇ دىمىسىمۇ .

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 458
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 12:04:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سازلىرى ئىچىدىكى سەرخىلى بولغان تەمبۇرنى ئاجايىپ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ياخشى مەدھىلەپسىز . ئاپىرىن . ئىجادىيەتلىرىڭىزگە زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن . كىچىككىنە سەمىمى تەكلىپ : 2-كوبلىتنىڭ  3،4-مىسراسىدا ئەزاراق مەسىلە باركەن .3-مىسراسىنى«ئۈمىد دەرياسىدا دولقۇن ياساپ جۇشقۇن ، سۈزۈك ئاققان ،» دەپ 4-مىسراسىنى« مۇھەببەتتىن سۇنۇپ ئارمان ھايات رىشتىگە جان قاتقان ، » دەپ ئالغان بولسىڭىز بولاتتىكەن . بۇ پەقەت تەكلىپ خالاس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 693
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1539
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 12:05:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4342
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 09:52:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياختۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 10:42:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nasif يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 10:15 PM
ياخشى چىقىپتۇ.
بولسا مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ مۇز ...

مەنمۇ شۇ قاراشتا .

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 683 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 11:12:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ خۇددى تەمبۇرنىڭ مۇڭلۇق كۈيىدەك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 11:36:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش