ئىشلىتەلمىگەن بىلىم (نازىگۈل)
بىلىم باردۇر كىتاپ ئىچىدە، ئەتراپىمدا، تەبىئەتتە. گەر ھالقىسا كىتاپلاردىن ئىدىيەم، قاقسا يەنە ئەركىن قاناتلار، بەك ئىشىنىمەن بىلىم كۈچ دىگەنگە. *** لېكىن مەن تېخىچە كىتاپ ئىچىدە. *** ئىسمىم يەنە كىتاپ خالتىسى. كىملەر قولىدا ھەقىقەتنىڭ پالتىسى؟! تەنلەر ئېغىر، روھىيەت يېنىك. تەمتىرەشتە نىشان يىراق، يەلكىدە سېلىق. *** مەن كېتىمەن ئاستا-ئاستا ئايلىنىپ توپىغا. *** كېتىمەن يەنە ئايلىنىپ، نامسىز ئاسارە-ئەتىقىگە، تارىخىمنى يېزىپ قۇم ئۈستىگە. *** يا بەلكىم ئايلىنىمەن بىر تال ئۇرۇققا، كۈن چىققاندا، كۆكلەش ئۈچۈن قايتا سۇسىز قۇملۇقتا.
***
مەكتەپ ئىچىدىكى ھاياتلىق
مەكتەپ قوينى بەك ئاۋات بېرىپ تۇرار ھەر ساۋات. *** مەكتەپ ئىچىدە كۆرۈپ تۇرىمىز ھەرخىل چىرايلارنى. *** سۈرۈپ تۇرىمىز ھەرخىل خىياللارنى. *** ئۈگۈنۈپ تۇرىمىز ھەر خىل بىلىملەرنى.
*** تىكلەپ تۇرىمىز ئۈمىد-ئارزۇ غايىلارنى. *** شۇڭا كۈندە يوقلاپ تۇرىمىز تۆت چاسا سىنىپ، تۆت چاسا پارتىنى. *** كۈندە سېرىپ تۇرىمىز سۇ قاچىلانغان، تاماق قاچىلانغان، نام-ئابروي قاچىلانغان، تۆت چاسا كارتىنى. *** بىز ياشايمىز رامكا ئىچىدە، تۇغۇلۇپلا تۆت چاسىغا كىرىش ئۇدۇمدەك. غايە ئىسىل چېپىش دۇلدۇلدەك. *** بىز ياشايمىز كارتا ئىچىدە، رامكا ئىچىدە... چۈنكى ياخشى خىزمەت دېپلوم ئىچىدە. ھەممە ھەممە تۆت چاسا ئىچىدە.
مەن بىر تۈپ شېئىر دەرىخى
مەن بىر تۈپ شېئىر دەرىخى تۆت پەسىلدە ياپ-يېشىل تۇرىدىغان. يوپۇرمىقىم مېھىرلىك مىسرا، يىلتىزىم مۇھەببەتتىن سۇغۇرۇلغان.
******
تۈنۈگۈننى ئۇزۇتۇش
تۈنۈگۈن شادلىققا تولغان، ئازابمۇ يانداش. *** مەن تېخىچە تۈنۈگۈن ئىچىدە. *** ئاۋارىمەن يۇلتۇز بېقىپ كېچىدە. *** ئۇزاتقۇم بار تۈنۈگۈنىمنى، چۆكۈپ تۇرۇپ بۈگۈن ئىچىگە. *** ئارمانلىرىم قەدەم ئالسا ئەتە ئورنىغا، ئىشەن، مەن پارتلايمەن چوقۇم ئەتىدە. پارلاپ چىققان قۇياش چېھرىدە.
مەنبە: ئەركىن خىياللىرىمنىڭ يېڭىياچى تەرمىلىرىدىن پارچە. 2015.3.6 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 02:35 PM
|