مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1345|ئىنكاس: 33

ئاياللار بايرىمىڭ مۇبارەك بولسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 12:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاياللار بايرىمىڭ مۇبارەك بولسۇن
گۆھەرقىز ئىبرايىم
   

يوشۇرۇپ قايغۇنى كۈلكەڭ ئىچىگە،
يولۇقساڭ  ئەلەمگە  تەمكىنە بولۇپ.
دەردىڭنى چاندۇرماي چىداپ ھەممىگە ،
ياشىدىڭ  بىر ئۆمۇر  مەردانە  بولۇپ.

بالا دەپ بىر ئۆمۇر ئۆزەڭ بىغىشلاپ ،
ئۆتتىڭكى جان ئانا ۋايسىماي پەقەت.
ئۆزەڭنى  دىمىدىڭ دىدىڭكى  بالا ،
پۇرسەتلەر كەلسىمۇ كىچىپ نەچچە رەت.

قەلبىمدە مەشئەلدۇر  سىماسىڭ ئانا،
مىھرىبان پاك قەلبىڭ قورغاندۇر ماڭا.
يىغلىماي  تۇرامدىم  سۈكۈت  ئىچىدە،
سەن ئۆلۈپ بارلىغىم تۈگىگەن تۇرسا.

ئازاپنى  مەن بىسىپ  ياتاي  باللىرىم،
دىدىڭمۇ جان  ئانا  گۆرۈمگە كىرىپ.
چۈشۈمگە كىرىسەن ھەر كۈنى شۇنداق،
گاھىدا شوخ كۈلۈپ گاھى خۇرسىنىپ.

ياشىدۇق سەن ئۈچۈن تىپىپ خاپىلىق،
بايراملىق گۈللەرنى سوغا قىلماستىن.
ئوينىدۇق بىلمىدۇق قىلغان ئەجرىڭنى،
بارىڭدا  جان ئانا  بىلىپ يەتمەستىن.
  
بالا دەپ ياشىدىڭ بالا دەپ كەتتىڭ،
بىر  ئۆمۇر  كۆيىنىپ ئانا سەن بىزگە.
بەرسەڭمۇ قۇربانلار ۋايساپ قاخشىماي،
كەتتىڭكى خاتىرجەم كۆمۈلۈپ يەرگە.
  
كىرپىگىم قەلەمدۇر كۆز يىشىم سىيا،
يازىمەن ئۈزۈندە تۇپراق تىشىڭغا.
ئايرىلىپ سىنىڭدىن يەتتىم قەدرىڭگە،
ئۈندۈرەي گۈللەرنى قەبرەڭ بىشىغا.

پۇشمانلار قىلدۇقكى سەندىن ئايرىلىپ،
ئاھ  بالا  ئىكەنمىز  خۇدا  مىڭ  توۋۋا.
ئاياللار  بايرىمىڭ  بولسۇن  مۇبارەك،
تىزىپ گۈل قەبرەڭگە دىدىمكى ئانا.
مەنبە: گۆھەرقىز ئىبرايىم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
篮球美女 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 12:39:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز
بارلىق ئاياللارنىڭ بۇ بىر كۈننى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزىشىگە تىلەكداشمەن

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8005
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2499 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mastana888 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 12:39 PM
ياخشى يىزىپسىز
بارلىق ئاياللارنىڭ بۇ بىر كۈننى خۇشالل ...

ئىنكاسىڭىزدىن قۇسۇر چىقارغىنىم ئەمەس، ئاتالمىش بىر كۈنلۈك ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزىمىز دەپ، بىر ئۆمۈر خارلىققا، بەخىتسىزلىككە دۇچار بولماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
تۆۋە دېمىسە بىكار.....  ئاتالمىش ئاياللار ھوقۇقى، ئاتالمىش ئاياللار ئازادلىقى.....
بەخىتنى كېيم - كېچەك، زىبۇ زىننەتتىن ئىزدەپ يۈرگەنلەر...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇران يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 01:00 PM
ئىنكاسىڭىزدىن قۇسۇر چىقارغىنىم ئەمەس، ئاتالمىش بىر ك ...

يارايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:17:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇران يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 01:00 PM
ئىنكاسىڭىزدىن قۇسۇر چىقارغىنىم ئەمەس، ئاتالمىش بىر ك ...

دىگىنىڭىز تامامەن توغرا
لىكىن نۇرغۇن ياشلىرىمىز بار ئاتا- ئانىسى بىلەن كارى يوق ،جۇملىدىن مەنمۇ شۇ
مانا يىرىم يىلدىن بىرى كۇندە تڭلاۇندا پاراڭلىشىمەن لىكىن بىرىپ كۆرۈپ كىلىشكە پۇرسەت يوق
مۇشۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بولسىمۇ بىرىپ بىر يوقلاپ كىلەيمىكىن دەپ تەييارلىنىۋاتىمەن
ئەسلى ئاتا ئانىلارنى يوقلاش بىزگە بايرام كۇنىگە بەلگىلەنگەن ئەمەس .ھەر قاچان ھەر ۋاقىت بوش ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇرساق ياخشى بولاتتى
ئىنكاسىڭىزدىن قىلچىمۇ رەنجىمەيمەن . ھەم بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىشى تەۋسىيە قىلىمەن ، نۇرغۇن خانىم قىزلىرىمىز ئاتالمىش بايرامنىڭ قۇربانى بولۇپ نۇرغۇن ۋاقتىنى،قىممەتلىك نەرسىلىرىنى  ئىسراپ  قىلۋاتىدۇ .
بۇلارغا دەيدىغان سۆزۇم ، نۇرغۇن ۋاقىت ماگىزىن ئارلاپ كىيىم سىتىۋالىسىز ھەم قىممەت باھالىقنى تاللايسىز ، مۇشۇ نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماي كىچىككىنە بوش ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئاتا ئانىڭىزنى يوقلاڭ، ياكى يىتىم يىسىرلارغا، ئاجىزلارغا يىگۇدەك كىچىككىنىە بىر نەرسە ئىلىپ بەرسىڭىز ئۇلارنىڭ چىھرىدىن قانچىلىك خۇشاللىقنى كۆرەلەيسىز
بۇ كۈننى يىلدا بىر كىلىدۇ دەپ ئاتا -ئانىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن خانىم قىزلار
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۇرگەيسىلەر

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 497 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:24:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى خانىم قىزلارنىڭ بايرىمىنى تەبىركلەيمەن.

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:29:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتاردىن قالماي مەنمۇ بارلىق خانىم - قىزلارنىڭ 8 - مارىت بايرىمىنى تەبىرىكلەپ قوياي
مۇنبەردە نېمىشقا مۇنبەرداشلار ئېچىدىن مۇنبەردىكى  ‹‹ سەككىزىنجى مارىت قىزىل بايراقدار ›› خانىم قىزنى باھالاپ چىقمدىڭلار............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   篮球美女 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 01:29 PM  


تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالماس يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 01:24 PM
مۇنبەردىكى خانىم قىزلارنىڭ بايرىمىنى تەبىركلەيمەن.

قۇرۇق كەلگۈچە بىرەر دەستە ئەتىرگۈل ئالغاچ كەلمەپسىز ئەمەسمۇ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   篮球美女 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 01:30 PM  


تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:32:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mastana888 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 12:39 PM
ياخشى يىزىپسىز
بارلىق ئاياللارنىڭ بۇ بىر كۈننى خۇشالل ...

بىر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈش نەدە تۇرسۇن
بىز ئالدىنقى سەپتە جىددى ئېشلەۋاتىمىز. يىرىم كۈن قويۇپ بەرسە بىر پۇت - قولنى سوزۇپ يىتىۋالمىز دېسەك. باغانسرى بۇ بايرامنىڭمۇ ئەھمىيتى قالمىغىلى تۇردى

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8994
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.ئەمدى ئاددىي بولسىمۇ.

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش