قان بېسىمى يۇقۇرى كىشىلەر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
1.ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چىكىشتىن،بەدەننىڭ سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇخۇم سېرىقى، ھايۋاناتلارنىڭ مايلىق گۆشلىرى، ھايۋانات جىگىرى، شۇنىڭدەك تەس ھەزىم بۇلىدىغان، بەدەندە ھارارەت پەيدا قىلىدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
2.قىش پەسلىدە بەدىنىگە سۇغۇق ئۆتكۈزۈپ قۇيۇشتىن، قار، مۇزلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشتىن، ياز پەسلىدە بەدىنىگە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن، كۈچلۈك كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
3.قاتتىق ھاياجانلىنىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن،قايغۇرۇپ ھەسرەت چىكىشتىن شۇنداقلا بەدەندە قاتتىق روھىي قوزغىلىشنى پەيداقىلىدىغان ئىشلاردىن ھەرۋاقىت ساقلىنىش لازىم.
4.ئۆزىدىكى كېسەللىكتىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ جىددىيلىشىپ كېتىشتىن، شۇنداقلا كېسەللىككە سەل قاراپ، بىپەرۋالىق قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
5.دەم ئېلىش بىلەن ئىشلەشنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش، زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
6.مېڭىنىڭ سىلكىنىپ كېتىشىدىن، پەۋقۇلادەكۈچەپ ھەركەت قىلىشتىن، شۇنداقلا قاتتىق قورقۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
7.ئىستىمال قىلىۋاتقان قان بېسىمنى چۈشۈرگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشنى تۇيۇقسىز توختىتىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
8.قورساقنى زىيادە تويغۇزىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
9.تۇزلۇق ھەم تۇز تەركىبلىك يىمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
10. قەۋزىيەت بۇلۇپ قېلىشتىن ھەم قەۋزىيەتلىكتە كۈچەپ تەرەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
11. ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدىغان ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.
12. كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش لازىم.
13. بىمار داۋالىنىپ قان بېسىمى نۇرماللاشقاندىن كېيىنمۇ قەرەللىك ھالدا قان بېسىمىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، قانبېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان يىمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ئىشلاردىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
14. ئەتتىگەن -كەچتە يېرىم سائەت ئەتراپىدا يەڭگىل ، سەيلە قىلغان ئاساستا پىيادە يول مېڭىپ بېرىش كىرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاكتىپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 01:33 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Q1 Q6 H4 s0 R7 j& g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' \! G$ D% }5 t d. n* |5 v