بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' y5 d5 J. L2 H- V1 I( W$ `& b6 ^
چىشنىڭ ئۈنسىز قاتىلى-چىش ئەتراپى كىسەللىكى چىش ئەتراپى كىسەللىكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاغرىش سېزىمى بولمايدۇ.نۇرغۇن كىشىلەر چىشىدا ئاغرىش ئالامەتلىرى بولمىغاچقا دوختۇرغا كۆرۈنمەيدۇ تاكى چىش مىدىراپ چىش ئەتراپى ئاغرىشقا باشلىغانغا قەدەر تاكى چىشلارنى ساقلاپ قىلىشقا ئامالسىز قالغانغا قەدەر...شۇنداققۇ؟ ئالدى بىلەن بىز كۆرۈپ باقايلى،چىش ئەتراپى كىسەللىكى دىگەن نىمە؟ چىش ئەتراپى كىسەللىكى پەقەت چىشنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردا بولىدىغان كىسەللىك.بۇ چىش مىلىكى توقۇلمىلىرىدا بولىدىغان چىش مىلىك ياللۇغى ۋە چوڭقۇر چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرى(چىش ئەتراپى شىللىق پەردىسى،چىش سۆڭەك ئوقۇرى،چىش سۆڭەك مادىسى)دىكى ياللۇغ دەپ ئىككى چوڭ چىش ئەتراپى ياللۇغىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىققەت!!!چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى!!! ھازىر چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرى ئېغىز بوشلىقى كىسەللىكلىرىدىكى چىرىگەن چىش مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ،چوڭلاردىكى چىش چۈشۈپ كېتىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ بۇلۇپ قالدى.چىش ئەتراپى كىسەللىكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئەلۋەتتە بىر قانچە سىگىنالى بولىدۇ.مەسىلەن:چىش چوتكىلىغاندا چىش مىلىكىدىن قان چىقىش،چىش مىلىكى ئىشىپ ئاغرىش،چىش تاشلىرى قاتارلىقلار...بۇلارنىڭ ھەممىسى چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشتىكى ئاساسلىق باسقۇچلار،ئەگەردە چىش ئەتراپى كىسەللىكىگە تەرەققى قىلىپ بولغان بولسا،ئۇنداقتا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس.راستىنلا بەك تەس.داۋالاش مۇرەككەپ،ۋاقتى ئۇزۇن،بۇ مەزگىلدە بەلكىم چىش چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.ئەگەردە يۇقارقى سىگىناللار بايقالغان ھامان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. چىش ئەتراپى كىسەلىكىگە گىرىپتار قىلىدىغان تۈپكى سەۋەپ نىمە؟ باكتىرىيەلەر بۇ ئۇيۇندىكى ئاساسلىق ئارتىسلار.ھازىر شۇنى گۇۋاھلىق بېرىمىزكى چىش باكتىرىيە داغلىرى چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق مەنبە ۋە سەۋەپ. شۇڭا بىز چىش مىلىكىنى يۇقۇملاندۇرىدىغان بۇباكتىرىيەلەرنى توسقاندىلا ئاندىن چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قانداق قىلغاندا چىش ئەتراپى كىسەلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا چىش باكتىرىيە دېغىنى يوقاتقاندا. چىش باكتىرىيە دىغىنى يوقىتىشتا ئالدى بىلەن ئەتىگەن ۋە كەچتە تازلاش كېرەك.يەنى چىش چوتكىسى بىلەن،چىش يىپى بىلەن چىش ئارسىنى تازلايمىز.ئەمما ئېغىز بوشلىقى ساناقسىز باكتىرىيەلەر توپلاشقان بوشلۇقتۇر. شۇڭا ھەر قىتىم تازلاپ بولغاندىن كىيىن چىش باكتىرىيە داغلىرى تېزدىنلا ئۆسۈپ چىقىدۇ،بىز ھەر سائەت ۋاقىتتا چىش چوتكىلاپ بولالمايمىز.شۇڭا بىز باكتىرىيە يوقۇتۇش ئۈنىمى يۇقۇرى بولغان چىش پاستىسى ۋە ئېغىز چايقاش سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن:تەركىبىدە ئىككى ۋالىنتلىق قەلەي فىتورلۇق ساغلاملىق چىش پاستىسى ۋە تەركىبىدە سېل پىرازون خىلورامىن بولغان ئېغىز چايقاش سۇيۇقلىقىنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقۇرى بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ قايتا ئۆسىشىنى ئاستىلاتقىلى ۋە توپلىشۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىش ئەتراپى كىسەللىكى باشقا ئەگەشمە كىسەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ شۇنداق،چىش ئەتراپى كىسەللىكى يۈرەك،قان تۇمۇر،مىڭە كىسەلىكلىرى،ئۆپكە ياللۇغى ۋە دىئابىت كىسەللىكلىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇلۇپمۇ دىئابىت كىسەللىكىدە روشەن ئىپادىلەنگەن. چىش ئەتراپى كىسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا دىئابىت كىسەللىكلىرى ئاسىيادا بۇلۇپمۇ دۆلىتىمىزدە ئەڭ كۆپ بايقالغان.چىش ئەتراپى كىسەلىكلىرىنىڭ تەسىرىدىن قان شىكىرىنى كونتورول قىلغىلى بولماي،كىسەللىك يامانلىشىپ ئاخىرىدا نېرۋا تۇمۇرلار زەخىمگە ئۇچراش ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چىش ئەتراپى كىسەللىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۈنسىز چىشنىڭ قاتىلىدۇر.ئۇ پەقەتلا چىش چۈشۈپ كېتىشنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىسەللىك بولماي بەلكى پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كىسەلدۇر.شۇڭا كۆپچىلىك بۇ كىسەلگە چوقۇم يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈش زۆرۆردۇر.،قەرەرلىك چىش ساغلاملىقنى تەكشۈرتۇپ چىش ئەتراپى كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ k, y: {7 }) R8 ]/ |* @
|