جىسمىڭدا بارنى پۈتۈن ماڭا بەردىڭ
ھەسەنجان ئۆمەر
ئاقىدۇ تومۇرىمدا ئىسسىق قېنىڭ،
جان ئانا،جېنىم ئانا يۈرىكىمسەن.
سەن بىلەن قەد كۆتۈردۈم بولۈپ شەمشاد،
ئېگىلمەس،مەڭگۈ سۇنماس تۈۋرىكىمسەن.
ئەجرىڭدە كۈلدۈم ھايات سەيناسىدا،
بىلىقتەك ئۈزۈپ مېھرىڭ دەر ياسىدا.
چېھرىمدىن بالقىپ تۇرغان نۇر-زىيادىن،
لال بولۇپ قۇياش تاققا مۆكۈنىدۇ.
تارايدۇ دېمىقىمدىن گۈلنىڭ ھېدى،
ھەسەت قىپ پەرىلەرمۇ ئۆكىنىدۇ.
سەن بەردىڭ گۈزەللىكنى جېنىم ئانا،
شادلىقتىن كۆككە يەتتى بېشىم مانا.
ياشىدىم ھالال تەرىم قەنتىن چېقىپ،
ياشايمەن يەنە مېھنەت بىلەن ئەبەت،
ئەجرىمدىن پۈتكەن ئوماچ تەنگە سېڭەر،
ئۆزگىدىن تېلىمەسمەن مېھىر -شەپقەت.
سەن پاكلىق پەرىشتىسى جېنىم ئانا.
ئۈگەتكەن پاك ياشاشنى ئۆزۈڭ ماڭا.
دىلىمغا ياردۇر ھامان شەرمىي ھايا،
ئەل بىزار قىلىقلاردىن يىرگىنىمەن.
ئەلنى چىن خۇشھل قىلغان مەردانلارغا،
سۆيۈنىپ قىلىپ تازىم ئېگىلىمەن.
ئۈگەندىم شۇنى يانا ئانا سەندىن.
گۈزەللىك بالقىپ تۇرار شۇڭا مەندىن.
جىسمىڭدا بارنى پۈتۈن ماڭا بەردىڭ،
شادلاندىڭ ھېچ ئۆكۈنمەي دىلىڭ يايراپ.
بىر ئۆزۈڭ غەمگۈزارىم،مەدەتكارىم،
قەلبىمدە ساڭا ھۆرمەت تاشار قايناپ.
ئىشەنچىڭ ئاقلىماق زور ئامەت ماڭا،
سەن ئۈچۈن كەتسە بېشىم راھەت ماڭا.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم