ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
تەنگە داۋا، دەرتكە شىپا ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى، جانغا راھەت،ھەم بىر قۇۋۋەت ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى، خىسلىتىدىن نامى مەشھۇر، بىلەر ئۇنى بارچە ئەل، تېبابەتتىن تەڭدىشى يوق ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى.
شۈبھىلەردىن خالى ئۇ ھەم ساپ ئۆسۈملۈك جەۋھېرى، تۈمەن مىڭ خىل شىپاسى بار، ئۇ بىر ھايات كەۋسېرى، ئەكس تەسىر بەرمەس پەقەت ، دورىلارنىڭ سەرخىلى، رىقابەتتىن ئەندىشى يوق ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى.
لوقمان ھەكىم، ئىبنى سىنا، تەجەللىنىڭ قولى بار، ئەجەل-قىسمەت توشمىغانغا ھەم شىپالىق رولى بار، ساختىپەزلىك قىلسا ھەركىم بولۇر بىر كۈن ئۆزى خار، ساختىپەزدىن سەبدىشى يوق ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى.
ئەجداتلارنىڭ مىراسى ئۇ ، ھۆرمىتىڭنى بەر ئاڭا، تەتقېق قىلغىن ئۇنى ھەردەم بارىكاللا دەر ساڭا، تاپساڭ ئەگەر زەررە ھېكمەت بىر بىشارەت بەر ماڭا، ھېكمىتىدىن تەڭدىشى يوق ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى.
ئاپتور: قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن |