مومامنىڭ ناخشىسى
سەھراسىدا مومامنىڭ
كۆككە بوي سوزىدۇ نامرات بىر كېچە.
جىگدىلەرنىڭ فىچىرلىشىدا
ۋىچىرلايدۇ قۇشقاچ قىپ غەلۋە.
سەھرادىكى سەھەردە
قىزغۈچ قۇياش قىلماقتا جىلۋە،
زەپ گۈزەلدۈر نۇرانە سەھرا
مومامنىڭ دەرەخ شاخلىرىدىكى ئالتۈن ياپراقلار
شاختىن يەرگىچە بولغان بوشلۇقتا
ھېچنىمىنى تۇيماي چۈشەر ئۇسۇلغا.
مومامنىڭ ئىشەك ھارۋىسى
ئىھ، مومامنىڭ ئېشەك ھارۋىسى
قايىتماقتا ئۆيىگە ئېغىر.
مومام بىلەن ئېككىمىزلا بار
غىچىرلايدۇ توختىماي ھېچبىر.
مومام باشلىۋالدى چۆچەكنى
ئېشەك بىلىپ ماڭار كونا يوللارنى
پۇتۇن خېيالىم
بۇ ھارۋىنىڭ غىچىرلىشىدا
غىچىرلىشى ئۇنىڭ قانچېلىك؟
مومام
بازاردىن ئېشىپ قالغان زاغرىسىنى
قوينىدىن ئېلىپ
ئۇشتۇپ بەردى ماڭا بىر ئېلىك،
يوللار تېخى خېياللار ئۇزۇن
مومام،كېتىپ-كېتىپ باشلايدۇ
«بۈرۈننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر بوۋاي ئۆتكەن ئېكەن...»-دەپ
مەن-ئولتۇرىمەن نېنىمنىلا يەپ
ھارۋا ماڭار غىچىرلاشلىرى
بىردەم كۈچىيىپ،بىردەم ھەم پەسلەپ.
مومامنىڭ ئۆيى
قىش ئاخشىمى سوغاق بىر شامال،
چېكىپ قاتتىق قوللىرى بىلەن
دېرىزىدىن مارىلار ئاستا.
دۇرۇت ئوقۇپ ئولتۇرغان مومام،
يېقىن كېلىپ چوغسىمان مەشكە
نېمىلەرنىدۈر ئەسلەر شۇ تاپتا.
چاقىرىدۇ مۇزلىغان شامال،
ئەتراپىدا ياپراقسىز دەرەخ
پۇچۇق كۆزنەك تىرىقلار شۇندا.
ئاڭلىمايدۇ مومام ھېچنىمە،
كېچە
سىڭىپ كېتەر قاراڭغۇلۇققا
بەكمۇ سوغاق سىرىت مۇئەمما.
يۇچۇقلاردىن كىرگەن سوغ شامال
مومامنىمۇ سەگىتەر ئاستا
مومامنىڭ سوۋغىتى
.
-ئەي شەھەرگە ماڭغان شاماللار
سوۋغا بېرەي ئالغاچ كېتىڭلار
كەچلىك بازار توختاپ كەتكۈچە
ئېغىر كۆرمەي قېنى كېلىڭلار.
بۇ سەھرانىڭ كىچىك جەننىتى
يۈز ئاچىدۇ ھەر كۈن سەھەردە
بەرنا قوياش ئوتلۇق تەپتىدە.
بۆلۇپ بېرەي يېمىش جىگدىدىن
يېڭى چىققان بېدە كۆكىدىن
راسا پىشقان مېۋىللىرىدىن
سۈت تەمى بار چۈرۈچلىرىدىن.
يەرلىك توخۇ تۇخۇملىرىدىن
ھەم يېڭىلا ساققان بۇ سۈتتىن
چامغۇر،سەۋزە ھەمدە پەمىدۈر
يېسىۋىلەك ھەم يۇمغاقسۈتتىن.
شەھەر مېنىڭ نېممەتلىرىمنى
تېتىپ ئالسۈن ھەم تىزىپ قويسۇن
ئاۋات كوچا رەستىللىرىگە.
ياندۈرماڭلار ئۇشبۇ قولۇمنى
بۇ سەھرانىڭ نېممەتلىرىنى
ئارام ئالسۈن بىردەم شۇ يەردە
بەرىكەتلىك ئاشۇ شەھەردە.
مومامنىڭ مۇشىگى
تاك.تاك.تاك...
ئىشىگىنى چەكتىم مومامنىڭ
بىر پەستىن كېيىن
ئىشىگىنى ئاچتى
ئوماققىنا ياغلىق ئارتقان
ئاسلانچىقى مومامنىڭ.
مەن ئۇنى قولۇمغا ئالدىم
باشلىرىنى سىلىدىم ھەمدە
ئىزى چىقىپ قالدى قولۇمنىڭ
مومام ماڭا قىيا بىر بېقىپ
دۇا قىلدى ئۇزاقتىن-ئۇزاق
قوپماي تۇرۇپ جەينىمىزىدىن.
مەن-
يۈرىگىمنى ئېلىپ قولۇمغا
قويۇپ قويدۈم مومام ئالدىغا
ئۇ قول كۆتۇردى يەنە دۇاغا.
مومامنىڭ مۇشۇگى
ئۇخلاپ قالدى قۇچىغىمدا.
1
مومامنىڭ ئۆيى
سەھراسىدا سەھرانىڭ.
مومامنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە
يازدا ھەرگىز ئاپتاپ چۈشمەيتتى
دەل-دەرەخنىڭ بەك كۆپلىگىدىن.
ھازىر پەقەت ئۆيىلا قالدى
ئوخشاپ بىر تال ئۈرۈك قېقىغا.
كېسىلىپ ئورمان
يولغا كەلدى-دەپ
رەتكە كەلدى-دەپ
ۋەزىپىگە شاخ-قوزۇق كەلدى-دەپ.
مومامنىڭ ئۆيى
يىغلىماقتا ئېسەدەپ
چېقىلىدۇ بەلكىم ئەتىلا
ياراشمىدى يېڭىلايلى-دەپ.
2
مومامنىڭ ئۆيى
يەرشارىنىڭ بىر بۇرجىگىدە
بەكمۇ يىراق-يىراق بىر جايدا.
ئەتىگەندىن كەچ كىرگىچە توختىماي مېڭىپ
ھېرىپ قالغان شۇ ھارغىن قوياش
كەچتە كىرىپ كېتەر ئاستىلا.
قوياش ئۇخلاپ چىقىپ كەتكەندە
نۆۋەتلىشىپ يۇلتۇز،ئاي يەنە
كۈندۈزلىرى چۈشەر ئارامغا.
مومام
ئەۋارىدۈر ئېھ شۇلار بىلەن
كۆرپىسىنى سېلىپ ھەم يىغىپ
تامىغىنى ھارماستىن ئېتىپ
ئۇيقۇسىزدۇر ئۆزى دائىما.
مومامنىڭ ئۆيى
بەكمۇ ئېگىز تاغنىڭ باغرىدا
كېچە توڭۇپ كەتسە شاماللار
كىرىۋالار ئۇ يەرگە ئاستا.
گۈلگۈن سەھەردە
ئۆزگىرىدۇ باھارغا.
مومامنىڭ ئۆيى
جەنۇپتىكى قۈشلارغا ئۇۋا
مەن ياشايمەن شۇ يەردە
ياردەملىشىپ مومامغا.