|
|
|
|
قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ كېلىۋاتىمەن.نېمىگىدۇر ئاچچىقىم بار، نېمىدىندۇر خۇشال بولىمەن.بىراق خۇشاللىقىم خۇشاللىق ئەمەستەك،ئۆزۈم ھەم ئۆزۈم ئەمەستەكلا. مېڭىۋاتقان يوللارنىڭ ئۇ يەر -بۇ يەرلىرى يىرتىلغان،بەزى جايلىرىغا ياماق سېلىنغان.توۋا، دەيمەن ئىچىمدە.توۋا دەۋاتقانلىقىمنى خەق بىلىپ قالسا مېنى مەسخىرە قىلىشى ئېنىق.نېمىشقا مەسخىرە قىلىدۇ؟!...يوللار يىرتىلسا يامىماي قانداق قىلىدۇ دەپچۇ؟ يوللارنىڭ تېخى قورسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن بولغىنى يوق؟ نەدە شۇنداق تۈزۈم چىقىرىلدى؟!...يول دېگەن يول،ئادەم دېگەن ئادەم. _ ئادەم بىلەن يولنىڭ نېمە پەرقى؟!... __ نېمە ،ئادەم بىلەن يولنىڭ پەرقى يوقمۇ؟!...يولنى ئادەم ياسايدۇ،يەنە ئۈستىدە ئادەم ماڭىدۇ،بىراق يول ئادەمنىڭ ئۈستىدە ماڭالمايدىغۇ؟ __ئادەمنىڭ ئۈستىدە يول ماڭالمايدۇ؟يوللارنىڭ ھەممىسى سان-ساناقسىز بىر ئۇچۇم توپىدىن تەركىب تاپقان.سەن ئۇنىڭدا قەدىمكى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇچۇم-ئۇچۇم سۆڭەك ئۇۋۇندىلىرى يوق دىيەلەمسەن؟ __............. ھەي،بۇ قانداق گەپ بوپكەتتى؟ يولمۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدە يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتسا ھە؟ئەندىكىپ كەتتىم،ئاۋازىم ئىچىمگە پاتماي قېيداپ، سىرىتقا چىقىپ كەتتى.مەنزىلسىرى چاقناپ نۇرلىنىۋاتقان غايىلىرىم كۆز ئالدىمدا كۈلۈپ تۇراتتى.مەن يولنى تونۇيالماي،يول مېنى تونۇپ سەپىرىمنى داۋام قىلغان بولۇشۇم مۈمكىن،دەپ ئويلىدىم.بەزىلەر يولنى تالىشىدۇ،بەزىلىرى يولنى تاشلىۋىتىدۇ؛بەزىىرى يول ئىزدەيدۇ،بەزىلەر يول ئاچىدۇ.بەزىلەر يولدىن قاچىدۇ.بەزىلەر يولسىز قاچىدۇ.مەن يولنى تاشلىمىدىم،يول تالاشمىدىم،ئۆز يولۇمنىمۇ تارتقۇزۇپ قويمىدىم،يولدىن يولغا ئۆتمىدىم،بىر يولنى بويلاپ مېڭىپ كېلىۋاتقىنىمغا 35ئۆرۈك پىششىقى بولدى.گەرچە مەن ئوتتۇز بەش قېتىمنىڭ ھەممىسىدىلا ئۆرۈك يېمىگەن، يېيىشنىمۇ ئويلاشمىغان،ئەڭ توغرىسى خىيال قىلمىغان بولۇشۇم مۈمكىن.باھارنىڭ يېرىمى مەن بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى.قالغان يېرىمى يوللىرىمدا ماڭا قارشى يۆنىلىشتە ئۇزاپ كېتىۋاتاتتى. ھېچنىمە دېمىدىم.ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم،ئۇ ماڭا قاراپ تاتلىق ئەركىلەپ قويدى ،خالاس.نېمە قىلاي؟ بوپتۇ، ئۇنى مەجبۇرلىيالمايمەن.قانداق يولدا مېڭىش خەقنىڭ ئۆز ئىشى تۇرسا؟تۇيۇقسىزلا يوللارنى يىرتپ-يىرتىپ،پارچە-پارچە قىلىۋەتكۈم كەلدى.مېنڭچە بولسا يوللارنى يىغىپ، بىر ئۇچىدىن تارتىپ ئەكىلىپ، يولغا چىقىۋالغان ئاۋۇ بەڭباش باھارنىڭ قۇلىقىنى راسا تولغاپ-تولغىۋەتكۈم كېلىۋاتاتتى.لېكىن ئۇنداق قىلمىدىم.نېمىشقا شۇنداق قىلمىغانلىقىمنى دېگۈم يوق.زېرىكىپ قالدىم بولغاي،خاتىرىنى ياپتىم. .تۇيۇقسىزلا ئارقامدىكى يوللار قېچىپ كەتتى .مەيلى دېدىم،راستىنى ئېيىتقاندا ،پەرۋا قىلغۇم كەلمىدى. سىزىۋاتقان يوللىرىمنى قويۇپ ،خاتىرىنى ياپتىم.
|
|
|
|
|
|