تېما يوللۇغۇچىنىڭ ئىزاھاتى:
ھازىر شىنجاڭ ئونېۋىرىستېتىدا ئىشلەۋاتقان دوكتۇر،دۇتسىنىت مۇھەممەت رىشات مۇئەللىم تۆۋەندىكى يازمىنى 2011-يىلى ياپۇنيەدىكى ۋاقتىدا "كائىنات" مۆنبىرىگە يوللىغان.بۇ تېما بىزنى گەرچە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان تەجىربىلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ 29-تىئورمىچە ئېغىش مەقسەت قىلىنغان تەجىربىلەرنىڭ ئىلىم دۇنياسىدا ئىشلەنمىگەنلىگىدىن خەۋەردار قىلىپ،بىزنىڭ ئېنىق قارارغا كېلىشىمىزگە ،ئىككىلەنمەسلىكىمىزگە سەۋەپ بولغان ئىدى.ئۇنىڭ بۇ يازمىسىدا 29-تىئورمىغا ئالاقىدار نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلار بار.مۇھەممەت رىشات مۇئەللىم بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئىزچىل ھالدا شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا كۆڭۆل بۆلۈپ كەلدى.ھازىرمۇ 29-تىئورما ۋە ئۇنىڭ تەجىربە،ماتىماتىكىلىق نەتىجىلىرى نۇقتۇلۇق تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان مۇھاكىمە يىغىنىغا تەييارلىنىۋاتقان ماقالىلەرتوپلىمىنىڭ ماقالىلىرىگە كەسپى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش،بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھەممەت رىشات مۇئەللىمگە ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۇرىمەن.ئائىسلىگە بەخىت،ئامانلىق ،خىزمەت ۋە تەتقىقاتلىرىغا مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن!
ھۆرمەت بىلەن: قاسىم سىدىق
2015.3.4
روزى ھىيتلىق سوۋغا: 29- تىئورمىغا مۇناسىۋەتلىك تەجىربىنڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن- ئىشلەنمىگەنلىگى توغرىسىدا
ھەۋەسكار
سالام «فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى»دىكى قىرىنداشلار:
تۈنۇگۈندىن بىرى 29-تېئورما مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش كاللامغا كىرىۋىلىپ بۈگۈنگىچە توردىن ئىزدەش ئىلىپ باردىم، ھەم ئاز بولمىغان ماتىرياللارنى بايقىدىم. يەنى « ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەركىتى» بۇرۇن تەتقىق قىلىنغانمۇ-يوق دىگەن مەسلە، 29- تىئورما تەجىربىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسلە بۇلۇپ، مىنىڭ توردىن تەكشۈرۈپ كۆرگەن ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، « ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەركىتى» خىلى بۇرۇنلا تەتقىق قىلنىشقا باشلىغان. لىكىن، تەتقىقات مەقسىتى، ۋە ئۇسۇلى تامامەن 29- تېئورما بىلەن باشقا مەقسەتتە بۇلۇپ، يەنى «ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەركىتى» نىڭ ھەركەت قانۇنىيىتنى نىسپىيلىك نەزىرىيسى نۇقتىسىدىن ۋە ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى بىلەن بىلەن يەر شارىنىڭ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ ئۆزئارا تەسىر نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، < ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ ئەركىن چۈشۈشى» بىلەن « ئۆز ئوقىدا ئايلانماي ئەركىن چۈشۈش» نىڭ پەرقى سىلىشتۇرۇلغان.
« ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەركىتى»گە مۇناسىۋەتلىك بۇ تەتقىغات نەتىجىلىرى بەزىبىر يىڭى تۇنۇشلارنى خۇلاسىلەپ چىقارغان.
1) دوۋكەر.ج.س نىڭ 1965- يىلى «فىزىكا جەمىيىتى ئىلمى ژورنىلى»دا ئىلان قىلغان ئىلمى تەتقىقات ماقالىسىدە، « ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەركىتى»گە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتنى 1964-يىلى خارۋەي ئەپەندىنڭ ئىينېشتىيننىڭ تەڭ ئۈنۈمداش پرىنسىپىنى قايتا بايان قىلىش زۆرورىيىتى بىلەن زۆرۈر دەپ بىلىپ ئىلىپ بارغانلىقى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى تەتقىقاتلار 1912 – يىلى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان نوردسترۈم نەزەريىسىگە تاقىلدىغانلىقى، 1914-يىلى ئىينېشتىين بىلەن دوۋكەرنىڭ نوردسترۈم نەزەرىيىسىنىمۇ ئويلشىپ ئوتكەنلىگى بايان قىلىنغان. ماقالىدە بايان قىلىنغان يەنە بىر ئۇچۇر بولسا «ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئەركىن چۈشكەن جىسىم» نىڭ «ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلانماي ئەركىن چۈشكەن جىسم»گە سىلىشتۇرغاندا ۋاقىت جەھەتتە كىچكىىپ چۈشىدىغانلىقىنى، نوردسترۈم نەزەريىسىگە ئاساسەن
1964-يىلى خارۋەي ئەپەندىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلقى ئەسلەپ ئۈتۈلگەن.
J.S. Dowker, Spinning particles in Nordstroms theory, Proceedings of Physical Society,Vol.85, 1965.
2) تومىمۇرا.ن ئەپەندىنىڭ 1993- يىلى «ئاستورنومىيە ۋە ئالەم پەنلىرى» ژورنىلغا ئىلان قىلغان،«ئۆز ئۇقىدا ئاستا ئايلىنۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزلانىڭ تارتىش كۈچى مەيدانى سەۋەپلىك گۇمران بۇلۇشى » تىمىلق ئىلمى تەتقىقات ماقالىسىدە، ئۆز ئۇقىدا ئاستا ئايلىنۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزلانىڭ تارتىش كۈچى مەيدانى سەۋەپلىك « قارا
ئۆڭكۈر»گە ئايلنىپ كىتىش ئىھتىماللىقى قىياس قىلنىغان، ۋە «ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش» ئامىلنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇردىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
N. Tomimura, Gravitational collapse in free fall of slowly rotating star, Astrophysics and space science, Vol.201,1993.
3) مارچال.س ئەپەنىدىنىڭ 2003-يىلى «فىزىكا ئۈزۈندىلىرى» ژورنىلدا ئېلان قىلغان «ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان جىسىم ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلانمىغان جىسىمغا سىلىشتۇرغاندا كىچكىپ چۈشەمدۇ؟» تېئىمىلق ماقالىسىدە، جاۋاپ بىرىش قىيىن بولغان بۇ مەسلىنىڭ نىسپىيلىكنىڭ كىڭەيتىلىشىنى مۇۋاپىق ھالدا تاللاشنى تەلەپ قىلدىغانلىقى شەرھىلىنىپ، بۇ يەردىكى پەرقنىڭ ئىتبارغا ئالمىسىمۇ بۇلدىغان دەرىجىدە كىچىك ئىكەنلىگى، ھەم بۇ پەرقنىڭ ئۇلارنىڭ «سىپىن»نىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى تەرىپىدىن بەلگىلىندىغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. ماقالىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا 2001- يىلى ئىتالىيەنىڭ پىسا ئۇنۋىرسىتىدىكى ئاننا نوبىلى ئەپەندىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلىگەن «گالىلىئو گالىلىې ئالەم تەجىربىسى» دە، تىز ئايلىنۋاتقان جىسىمنى ئىشىلتىش ئارقىلىق ئىغىر ھەم قىممەت باھالىق ئۈسكۈنلەرنى ئىشىلتشتىن ساقلانغانلىقى، لىكىن بۇ ئارقلىق ئوربىتىلىق ئەركىن چۈشىشنى يۇقۇرى ئېنىقلىقتا ئۆلچەشتە نۇرغۇنلىغان « تەجىربە خاتالىق» مەنبەلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلۋەتكەنلىگى، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بۇ تەجىربىنىڭ تۈۋەنىدىكىدەك سۇئالنى تۇغدۇردىغانلى بايان قىلىنغان، يەنى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسىدە ئۆز ئۇقىدا ئايلىنىش بولسا ئەركىن چۈشكەن سىناق جىسمغا مۇناسىۋەتسىزمۇ؟ ياكى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئۆز ئۇقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئەملىي پەرقى نەزەردىن ساقىت قىلۋەتسىمۇ بۇلىدىغان دەرىجىدە كىچكمۇ؟ بۇ تەتقىقات بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەپ ئىلىپ بىرىلغان بۇلۇپ، تەتقىقات نەتىجىسى بولسا، ئادەتتىكى جىسىملار (مەسلەن، ھالقا ياكى قوش توقماقسىمان جسىملار) )غا نىسبەتەن ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان جىسىم
بىلەن ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلانمىغان جىسىمنىڭ چۈشۈش ۋاقىت پەرقىنىڭ ناھايتى كىچىك بۇلۇپ، نەزەردىن ساقىت قىلۋەتسىمۇ بۇلدىغانلىقىنى دەلىللەپ كۆرسەتكەن.
C. Marchal, General theory of relativity: does a rapidly rotating body fall slower than a non-rotating body, Physics Letters A, Vol. 318, 2003.
خۇلاسە:
ناھايتى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا شۇنى بايقىدىمكى، «فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى»نىڭ 29- تىئورمىسىنىڭ دەلىلەش يۈزسىدىن ئىلىپ بىرىلغان « ئۆز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنۋاتقان جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەركىتى»نىڭ تەتقىقاتى بۇندىن بۇرۇنقى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن خىلى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىنغان، ئىلىپ بىرلغان تەتقىقاتلار مەيلى نەزەرىيە جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى تەجىربە جەھەتتىن بولسۇن خىلى مۇكەممەل ئىلىپ بىرىلغان. گەرچە تەتقىقات مەقسىتى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بۇ تەتقىقاتلار نۆۋەتتىكى «فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى»نىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى»نىڭ 29- تىئورمىسىنى ئىسپاتلاش تەجىربىسنى داۋاملىق ئىلىپ بىرىش- بارماسلىق ياكى قانداق ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىش تۇنۇشىغا كىلىشىگە بىر مۇھىم ماياك بۇلىشى مۇمكىن.
تەۋسىيە:
1) 29-تىئورمىنى ئىسپاتلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆز ئۇقىدا ئايلانما ھەركەت قلىش بىلەن بىرگە « سىزىقلىق» ھەركەت قىلۋاتقان جىسىمنىڭ ئۆزئۇقى ئايلىنىش يۈنلىشىگە ئىغىششىغا تۈرتكە بولغان ئامىل زادى نىمە؟ بۇ ئامىل جىسىمغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللانى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن ئاندىن تەجىربە لاھىسىنى باشلىسىمۇ كىچىكمەيدۇ دەپ قارايمەن.
2)تەتقىقاتنى باشلاشتىن بۇرۇن، بۇ جەھەتتە بۇندىن بۇرۇن دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئىلىپ بارغانمۇ-يوق دىگەننى ئوبدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلشىمىز زۆرۈردۇر. بۇ باشقىلار قىلىپ بولغان ئىشلارنى تەكرارلاپ بىھۇدە ۋاقىت، زېھىن ئىسراپ بۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ماتىرىيال تەكشۈرۈش جەھەتتە، خەلىق ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلىرىمىز ئاجىز ھالەتتە، يەنى ھەر قايسى دەرىجىلىك تەتقىقات ژورناللىردا ئېلان قىلىنغان ئەسلى تەتقىقات ماقاللىرىنى تىپىشتا ئەسلى مەنبەلەرگە ياكى بىرىنچى قول ماتىريالغا ئىرشىش پۇرسىتى ناھايتى تەسكە توختايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، زۆرۈرۈر تىپىلغاندا تەتقىقات ئورۇنلىردا تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بۇلۇشى مۇمكىن. ياكى، جۇڭگو دۆلەتلىك كۈتۈپخانىنىڭ تور ئارقىلق ماتىريال چۈشۈرۈش رەسمىيىتىنى بىجىرپ ماتىريال ئىزدەش ئىلىپ بارسىمۇ بۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە، دۆلەتلىك كۈتۈپخاننىڭ تور بىتىدە تەپسىلى ئۇچۇرلار بۇلۇشى مۇمكىن.
3)«فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى» نىڭ چىتىلدىغان دائىرىسى كەڭرى، تەتقىقات مەزمۇنى چۇڭقۇر بولغانلىقتىن، تەتقىقاتنى چوڭ ھەم قىيىن بولغان مەسىللەردىن باشلىماستىن، تەتقىقات نىشانلىرىنى كونكىرتىنى تىزىپ چىقىپ (بەلكىم شۇنداق قىلغان بۇلشىڭلار مۇمكىن)، تىيىز ئاسان مەسىللەردىن مۇرەككەپ مەسىللەرگە يۈرۈش قىلغان ياخشىراقمىكىن دەيمەن.
ئەسكەرتىش: ئاپتۇر ئىسىملىرى، ۋە ژورنال ئىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلىنشى بەلكىم ئۆلچەملىك بولمىغان بۇلىشى مۇمكىن، بۇ جەھەتتە ئەسلى ئېنگلىزچە مەنبەگە ئشتىراك قىلغايسىلەر. مەندە ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەن ئىغىر، تۈزۈتۈپ ئۇقۇيارسىلەر.
پايدىلىنغان ماقالىلارنى توردىن يوللىيالماي قالدىم، قانداق يوللايمەن؟
Dowker-spinning particles in NOrdstroms theory-Proc_Phys_Soc-1965.pdf10 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (298.64 KB)
Tomimura-gravitational colopse in free fall of rotating body-1992.pdf10 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (253.02 KB)
Tomimura-gravitational colopse in free fall of rotating body-1992.pdf
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى
تور ئارلاش جەريانىدا،بەزى ياخشى تور بەتىلىرىنى بايقىدىم. قىرىنداشلارغا پايدىسى بوپ قالار دىگەن ئۈمۈتتە، ھوزورىڭلارغا سۇنماقچىمەن.
1) سامان يولى سىستمىسىنىڭ ھەركەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تەھلىل قىلغان تور بەت؛
http://www.cosmicastronomy.com/motions.htm
2) فىزىكا دەرسلىكى كۆرسەتمىلىك تەجىربسىگە مۇناسىۋەتلىك تور بەت؛
http://www.physicsclassroom.com/class/newtlaws/u2l3e.cfm
3)بىركىلى (Berkely)ئۇنۋىرسىتى فىزىكا دەرسلىكى كۆرسەتمىلىك تەجىربسىگە مۇناسىۋەتلىك تور بەت؛
http://www.mip.berkeley.edu/physics/physics.html
يۇقۇرقى يازمىنىڭ مەنبەسى:
http://www.kayinat.com/bbs/forum ... &extra=page%3D4
ئەسكەرتىش:
بەزى قۇرۋە ئابزاسلارنى تېما يوللىغۇچى رەڭلىگەن.