بار، يوق
يۇلغۇن
‹1›
دوستلار يۈرگەن چۆللەردە مەن بار،
شەيتان كىرگەن باغلاردا مەن يوق.
دوستلار كۈلگەن ئۆتەڭدە مەن بار،
دۈشمەن ياتقان سارايدا مەن يوق.
ئەل توۋلىغان ‹‹ھۇررا››دا مەن بار،
ئەلگە زىيان ئۈنلەردە مەن يوق.
ئەلگە پايدا ‹‹غەۋغا››دامەن بار،
ئەلگە تەتۈر كۈيلەردە مەن يوق.
دوستلار كۆيگەن گۈلخاندا مەن بار،
دۈشمەن ياتقان سايىدا مەن يوق.
دوستلار تارتقان جاپادا مەن بار،
دۈشمەن كۈلگەن راھەتتە مەن يوق.
دوستلار يۈرگەن جۇدلاردا مەن بار،
دۈشمەن سۇنغان گۈلخاندا مەن يوق.
دوستلار سوققان چودلاردا مەن بار،
دۈشمەن ئويان قويغاندا مەن يوق.
دوستلار كەزگەن چۆللەردە مەن بار،
دۈشمەن ئۈزگەن كۆللەردە مەن يوق.
دوست دۆۋلىگەن چەشلەردە مەن بار،
دۈشمەن يىگەن چۆپلەردە مەن يوق.
باھار كۈتكەن باغلاردا مەن بار،
دۈشمەن يۈرگەن گۈلزاردا مەن يوق.
يولۋاس قونغان غارلاردا مەن بار،
تۈلكە ھۈرگەن دوڭلەردە مەن يوق.
دوستلار ئەتكەن يارلاردا مەن بەن بار،
دۈشمەن ئاچقان چاغلاردا مەن يوق.
دوستلار قونغان غارلاردا مەن بار،
دۇشمەن كۈلگەن باغلاردا مەن يوق.
‹2›
دوستلار بىلەن جاپادا بىللە،
دۈشمەن كۆرگەن راھەتتە مەن يوق.
دوستلار بىلەن دوزاقتا بىللە،
دۇشمەن كىرگەن جەننەتتە مەن يوق.
يۇۋاشلارنى بۇزەكلەپ ئۆتكەن،
ئۆكتەملەرنىڭ ئىچىدە مەن يوق.
ئاشنى يەپلا تاۋاقنى چاقار،
تۇز كورلارنىڭ ئىچىدە مەن يوق.
ياخشىلارنى دۈشمەنگە ساتقان،
ناكەسلەرنىڭ ئىچىدە مەن يوق.
ياخشىلارنى چاياندەك چاققان ،
مەلئۇنلارنىڭ ئىچىدە مەن يوق.
بۇلبۇل كىرگەن چاتقالدا مەن بار،
ھوقۇش كۈلگەن گۈلزاردا مەن يوق.
كۆك بۆرىدەك ھۇۋلايمەن تاغدا،
تۈلكە ھۈرگەن يايلاقتا مەن يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-4 09:38 AM