باھار ئاپتىپى
تۆتتاش
قۇياشقا تەلمۈرۈپ كىيدى يېشىل بۆك
باھار دەپ يىغلىغان ئېتىز، قىر-دالا.
چىۋىقنى ئىسقېرتىپ كىمنى چاقىرار؟
ئاياقسىز ئوينىغان كەپسىز بىر بالا.
زىمىننىڭ يېرىلىپ چاڭقىغان لىۋى.
سۈپسۈزۈك باھاردىن تاپتى تەسەللى.
دۇئانىڭ ھىدىنى پۇرار نەچچە رەت،
سائەتنىڭ تاڭ سەھەر قىلغان سەنىمى.
توپىلىق يوللارنى باققان قەدەملەر،
سەھرانىڭ مەڭگۈلۈك شاھىنشاھلىرى.
تۇپراقنى قانغۇچە سۆيدى باغاشلاپ،
دېھقاننى سۆيگەندەك باھار ئاپتىپى.
شاخلاردىن مارىشىپ كۆتىرىپ باشنى،
قىيغىتىپ قاچماقتا دەرەختىن پوتلا.
خېمىردەك يۇمشىغان ئاق بوز تۇپراقنىڭ،
باغرىنى قۇچاغلاپ چىقماقتا مايسا .
سۆيمەكتە زىمىننىڭ كۆكسىنى شامال،
يېشىللىق تونىدا مۇڭلۇق سايرىغاچ .
بىر تۇتام تەمەچنى قىلىپ داستىخان
باھار دەپ سايرىشىپ كەلدى قارلىغاچ.
[url=]
[/url]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-4 01:21 AM