قۇياش ئىسسىقلىق تارقاتمايدۇ.(2- قېسىم)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھازىر مەن ئالدىنقى قېتىم يوللىغان قۇياشتىن ئىسسىقلىق كېلەمدۇ؟ ناملىق تىمام توغۇرسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
ئالدىنقى قېتىم مۇنازىرە سورۇنىغا سۇئال تاشلىغان ئىدۇق. سورۇندا ئوتتۇرغاقويۇلغان كۆز قاراشلار ئىككى خىل ، بىرخىل قاراشتىكىلەر ئىسسىقلىق كېلىدۇ دېگەن يەكۈننى قوللىغان. يەنەبىر تەرەپ بولسا قۇياشتىن ئىسسىقلىق بىۋاستە كەلمەيدۇ، يەنى (قۇياش ئىسسىقلىق تارقاتمايدۇ) دېگەن يەكۈننى قوللىغان مەن ئىنكاسلار ئاخىرىغا ئۆزۈمنىڭ خۇلاسىسىنى پات ئارىدا يوللايمەن دېگەن ئېدىم. ئۇنداقتا نەخ گەپنى باشلايلى.
ئالدىنقى تىمىدىكى تورداشلار ئىنكاسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئورۇننى بېسىڭ.
قۇياش بولسا قۇياش سىستىمسىى ئىچىدىكى بىردىنبىر نۇر تارقىتالايدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز. قۇياش سىستىمىسى ماسسىسىنىڭ %99.86تى قۇياشقا مەركەزلەشكەن .ئۇ يەرشارىدىن ئىبارەت جانلىقلار ئائىلىسىنى بېقىۋاتقان غايەت زور ئوت شارىدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە توختىماستىن، بىز ھىس قىلىپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدىكى چوڭ پارتىلاشلار ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە بىز كىتاپلاردا قۇياش يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ دەپ خاتىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.بىز مىسال ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.
1. چايدان ....مەسىلىسى
بىز چايداننى كۈزىدىتىغان بولساق ، چايداننى ئىچكى قېپى ئىككى ئايرىلغان يەنى ئارلىق ۋاكوم.بۇ جەرياندا ۋاكوم ئارقىلق ئىسسىقلىقنى تۇتۇپ قېلىش مەقسىتىگە يەتكەن ، چايداننىڭ ئېغىزى چايداندىكى چاينىڭ سوۋۇشىدىكى ئەڭ تۈگۈنلۈك سەۋەپتۇر. دېمەكچى بولغىنىم چايدانغا مەلۇم تىخنىكا ئارقىلىق 100گرادۇسلۇق قايناق سۇ قاچىلاپ ئەتراپىنى پۈتۈنلەي ۋاكوم ئارقىلىق ئېتىۋىتىش ئىمكانىيتى بولسىلا سىز 1000 يىلدىن كىيىن بۇ چايداننى چاقسىڭىزمۇ بۇچايداندىكى سۇنىڭ قايناق ھالەتتە تۇرۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.
يەنى ۋاكوم ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدۇ.
قۇياش بىلەن يەر شارى ئارلىقى بولسا ۋاكوم.
2.مەشنى مىسال قىلىش مەسىلىسى
ئالدىنقى تىمىدىكى بىر توردىشىمىز دەپ ئۆتكەندەك بىز مىسالغا تاللىغان مەشتىكى ئىسسىقلىق بىزگە يېتىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇ ھاۋادىن ئىبارەت بۇ مۇھىتتىن پايدىلىنىدۇ.لىكىن:
قۇياش بىلەن يەر شارى ئارلىقى بولسا ۋاكوم.
3. يازدا ئىسسىق ، قىشتا سوغۇق بولۇش مەسىلىسى
يەر شارىنىڭ شىمالى يىرىم شار ۋە جەنۇبى يىرىم شار قىسمىدكى ئوخشاش زاماندىكى پەرقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك . قۇياشتىن ئىسسىقلىق كېلىش نەزەرىيسى يەرشارىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى ئوخشاش زاماندىكى ئوخشىمغان كىلماتقا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بۇسۇئالغا پەقەت مەزكۇر تىمىنىڭ ماۋزۇسىلا جاۋاب بېرەلەيدۇ.
يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى بىلەن يەرشارىنىڭ ئوربىتىلىق ئايلىنىش تەكشىلىك ئارىسىدىكى يانتۇلۇق بۇلۇڭى تەخمىنەن 66 گرادۇس ئەتراپىدا . شۇ تۈپەيلى بىر يىل ئىچىدە بەزى ۋاقىتتا شىمالى يىرىم شار قۇياشقا قىيسايغان (قۇياشقا مايىل)ھالەتتە بولسا بەزى ۋاقىتتا جەنۇبى يېرىم شار قۇياشقا قىيسايغان (قۇياشقا مايىل)ھالەتتە تۇرىدۇ.بۇ ئىككى خىل قىيسايغان جەريان بىر بىرىگە ئالمىشىش جەريانىدا كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىق ئۆزگىرىشى ۋە تۆت پەسىلنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ياز پەسلىدە قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارلىقى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ يىراق ئارلىققا يېتىدۇ. قىش پەسلىدە يەر شارى بىلەن قۇياش ئارلىقى ئەڭ يىقىن ئارلىققا يېتىدۇ. بۇ ئىككى جەرياندا شىمالى يىرىم شار بىلەن جەنۇبى يىرىم شارنىڭ قۇياشقا قىيسايغان قۇياشقا مايىل شەكلى بىر-بىرىگە ئالمىشىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكتىن بۇ جەريان نۇرنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا چۈشۈش بۇلۇڭىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھادىسىنى تەھلىل قىلساق قىش-ياز مەسىلىسى ئايدىڭ بوپ كەتتى دېگەن گەپ.
4.ئاپتاپقا كەلسە گەدەن قىززىيدۇ ،نان يېسە قوساق توىيدۇ مەسىلىسى .
بۇ ئىنىقتىن ئىنىق نۇرغا قاقلانسا دېگەن گەپ بولماي نېمە؟
5.يورۇقلۇق قانداق قىلىپ ئىسسىقلىق پەيدا قېلىدۇ مەسىلىسى
بۇ مەسىلىدىكى مۇرەككەپ ئاتالغۇ ۋە جەريانلارنى ھەممەيلەن چۈشىنىدىغان ھالەتتەئوخشىتىش ئۇسۇلىدا بايان قىلماقچىمەن.
ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلىگەندە يورۇقلۇق بىز بۇ يېزىقلىرىمىز ، سان سىپىرلىرىمىز ۋە تىلىمىز بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايدىغان دەرىجىدىكى ئىنتايىن كىچك زەررىچىلەر توپىدۇر. يەنى نۇر تارقاتقۇچى مەنبەدىكى كىچىككىنە بىر كۈچ تۈپەيلىدىن بەرداشلىق بېرەلمەي ئىنتايىن تىز سۈرئەت بىلەن يۆتكىلىپ كېتىدۇ. ئۇ تاكى بىر توسالغۇغا ئۇچۇرمىغۇچە مەڭگۈ شۇ ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ. نېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئۇ شۇ قەدەر كىچىككى ئۇ ھەتتا بىر ئاتوم ئىچىدىنمۇ بىر ۋاكوم بوشلۇققا ئېرىشەلەيدۇ. توسالغۇغا ئۇچۇرغاندا بولسا باشقا مۇھىتتىكى زەررىچىلەرگەسوقۇلۇپ نۇرغۇن زەررىچىلەر توپىدا قاتناش ھادىسسى كېلىپ چىقىدۇ.(بۇ جەرياندىكى مۇرەككەپ رىئاكسيە ھادىسىسىنى ئاددى قىلىپ ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق چۈشىنىشى ئۈچۈن قاتناش ھادىسسى دەپ ئېلىپ تۇردۇم ، توغراچۈشەنگەيسىلەر. ) بۇ قاتناش ھادىسسى ئاستا ئاستا كىڭىيىپ بىر قەدەر چوڭ زەررىچىلەرتوپىدا ئىپادىلىنىدۇ دە شۇ مۇھىتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن (بۇ مۇھىت سۇ ، ئەينەك ياكى باشقا دېگەندەك ، ئوخشىمغان ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇھىتتا ئوخشىمغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. ) ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ھادىسسى شەكىللىنىدۇ. بۇ خۇددى بىليارد ئويناش ھادىسىگە ئوخشايدۇ.ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بۇ قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش تىزلىكى بىز ئويلاپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە تىز بولغانلىقتىن بىز بۇ جەريانلارنى كۆرۈشكە ئامالسىز. يەنى نۇر تەرىپىدىن كەلتۈرلۈپ چىقىرىلغان قاتناش ھادىسسسى (مۇرەككەپ رىئاكسىيە جەريانى) بۇ ئىسسىقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
بۇ تاكراڭ ، توكچاڭ نۇرلار نېمىگە دال بولاتتى دەپ قالماڭ. بۇ نۇرنىڭ قانداق كارامىتى بار ئىكەنلىكىنى 6- مەسىلە ئۈچۈن بېرىلگەن مىسالدىن ھىس قىلالايسىز. (ئەسكەرتىش :ئىنىرگىيەنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكىنى پۇتقا ئوخشاتساق بۇزەررىچىلەر پايپاققا ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ تازا جايىدا ئوخشىتىش بولمىسىمۇ تەپەككۇر ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. )
6.قۇياشقا يىقىن بولسا ۋە يىراق بولسا مەسىلىسى.
قۇياش بىلەن بولغان ئارلىق مەسىلىسى ئىسسىقلىقنىڭ ساقلىنىش ھادىسسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. (بۇ پىلانىتلارغا نىسبەتەن ئىيتىلغان) لىكىن بۇ يەنىلا نىگىزلىك تەرىپى ئەمەس . ئەڭ نىگىزلىك تەرىپى بولسامەركەز بىلەن بولغان ئارلىق ۋە نۇرنىڭ بىرلىك يۈزىگە چۈشۈش زىچلىق پەرق مەسىلىسى .
قۇياش غايەت زور ئوت شارى بولۇپ ئۇ شارغا مايىل. شۇڭا ئۇنىڭدىن چىچىلغان نۇرلارمەركەزدىن چەكسىز يىراقلىققا يۈزلەنگەن يۆنىلىشتە بولىدىغانقى ئىنىق. بۇنداق مەركەز ۋە چەكسىز يىراقلىق ھادىسىسىدە ئادەتتە مەركەزدىن يىراق نوقتا شالاڭ نوقتا . مەركەزگە يىقىن نوقتا زىچ نوقتابولىدىغانلىقى فىزىكىدىكى ئاددى بىر قائىدە.
زاغىر تىلدا دېسەك قۇياشقا يىقىن بولساچۈشىدىغان نۇر تال سانى كۆپ ، يىراق بولسا ئاز دېگەنلىك.
نۇر زىچلىقى ۋە ئىسسىقلىق مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن لوپا ئەينەك پولاتتەك ئىسپات.
باشقا باشقا چىچىلىپ كېتىۋاتقان نۇرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان بولساق كارامەتنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىز. ئالدىنقى تىمىدىكى ئىنكاس يازغان بىر توردىشىمىز سۆزلەپ ئۆتكەندەك بىر كاللەك چوغ ۋە يىتەرلىك چوڭلۇقتىكى لوپا ئەينەك بولسىلا بىر چوڭ شەھەرنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ ، چوغدا بۇندا چوڭ كۈچ ئەزەلدىن بارتۇرۇپ ئۇ يەنىلا لوپا ئەينەكنىڭ نۇرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ (يىغىپ ) بېرىشىگە مۇھتاج بولىۋاتىدۇ. مۇھتاج بولىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭدىكى بۇ كۈچلۈك ئىسسىقلىقنى بىز ئاۋال دەپ ئۆتكەن ئاتوم ۋە مالىكۇلا ئارىسىدىكى نۇر ئىرىشەلەيدىغان ۋاكوم بوشلۇقى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ.
(قۇياشتىن يىراقلاشقانسىرى بۇ ئىتتىپاقلىق ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. ھەرگىز نۇر ئەمەس.نۇرنىڭ ئاجىزلىشىشغا توسالغۇ سەۋەپ بوبولىۋاتىدۇ. ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاجىزلىششىغا مەركەز بىلەن بولغان ئارلىق سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. ماۋۇ نوقتىنى چۈشىنىڭ. )
7. ئاي شارى ۋە يەر شارىدىكى تىمپىراتۇراپەرقى... مەسىلىسى
ئەمدى ئويلاپ كۆرەيلى ، پايدىلىنىش سىستىمسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق ئەمىلىيەتتە يەر شارى ۋە ئايشارىنى قۇياشقا نىسبەتەن ئىككى نەرسە دېيىش كەتمەيدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم،لىكىن شۇنداق تۇرۇپ تىمپىراتۇرا پەرقى شۇنداق چوڭ بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب نىئىزدىنىپ كۆرىدىغان بولساق يەنە شۇ نۇرنىڭ بىۋاستە چۈشۈش ۋە بىۋاستە چۈشمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.نۇر يەر يۈزىگە يىتىپ كېلىش جەريانىدا نۇرغۇن لەشكەرلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئۇنى بىز كۈتكىلى چىققان ۋاقتىمىزدا ئۇ ھالسىراپ ھالىدىن كەتكەن بولىدۇ. ئاي شارىدىكى نۇرنىڭ ئاي يۈزىگە چۈشكەن ھالىتى بولسا ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بىر ئەھۋال ، ئاي يۈزىنىڭ تىز ئىسسىپ تىز سوۋۇش ھادىسسىنى ئەسلەڭ، نۇر چۈشكەن ۋاقىتتىكى تىمپىراتۇرىسى بىلەن نۇر چۈشمىگەن ۋاقتتىكى تىمپىراتۇرا پەرقى پولاتتەك ئىسپات. يەر شارىدىكى ئاتموسفىرا قاتلىمىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ، چىچىش ،سۈمۈرۈش رولى تۈپەيلى كېلىپ چىقىۋاتقان تىمپىراتۇرا تەڭلىشلىش ھادىسسى پولاتتەك ئىسپات. ھەر يىلى يۈز بىرىدىغان شىمالى قۇتۇپ ۋە جەنۇبى قۇتۇپتىكى 24 سائەت كۈندۈز بولۇش ۋە 24 سائەت كېچە بولۇش ھادىسىسىدىكى (قۇتۇپ كۈندۈزى ۋە قۇتۇپ كېچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ) كېچە كۈندۈز تىمپىراتۇرا پەرقى پولاتتەك ئىسپات.
8. فانتازىيلىك فىلىملەردىن نەقىل ئېلىش...مەسىلىسى
ئەلۋەتتە بۇ ئىنق پاكىت بولالماسلىقى مۇمكىن،شۇنداقتىمۇ مەلۇم ئاساسقا ئىگە تەپەككۇرنى سۆزلەپ ئۆتكۈم كېلىپ قالدى. ئامىرىكا ئىشلىگەن فانتازىيلىك فىلىملەر جۇڭگوغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار فىلىمنى ئىلىم-پەنگەئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئىشلەيدۇ. ھەم نۇرغۇن كۆرۈنىشلىرى مەلۇم ئاساسقا ئېگە.
قۇياشنى تەكشۈرۈش فىلىمىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قۇياشقا يىقىلاشقان ۋاقىتتا ئۇلاربىر چوڭ قالقان ئىشلەتكەن، يەنى %100 نۇر قايتۇرىدىغان قالقان ئارقىسىغا يوشۇرنۇپ تۇرۇپ قۇياشقا يىقىنلاشقان كۆرۈنىشى ئىشلەنگەن. بۇ كۆرۈنۈشتىكى ئەڭ خەتەرلىك ، ئەڭ قوقۇنۇشلۇق ئەھۋال بولسا قۇياش نۇرىنىڭ تېگىپ كېتىشىدىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا قۇياش نۇرىدىن بىز قورۇقمايمىز ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن قورقىدۇ. بۇ مەركەز ،ئارلىق ، زىچ نوقتا ، شالاڭ نوقتا مەسىلىسىگە بىرىپ تاقىشىدۇ. يەنى بىرلىك يۈزىگەچۈشىدىغان نۇرنىڭ زىچلىق سانى ئوخشاش بولمايدۇ.( ئۇلار تۇرىۋاتقان جاي بولسانۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن رايۇن . ئۇلارنىڭ زىچلىقى ئىتتىپاقلىقى شۇ قەدەر كۈچلۈك. )
بۇ گەرچە بىر تەسەۋۋرۇ بولسىمۇ لىكىن مەلۇم ئىلمى ئاساسقا ئېگە . بۇ تەسەۋۋرۇمۇمەزكۇ تىمىنى قوللاۋاتىدۇ.
يۇقۇرقى يازمىلاردا چۈشۈنۈش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئاددى ئوخشىتىش تەپەككۇر يوللىرى بىلەن بەزى ئاتالغۇلارنى كىرگۈزۈپ قويدۇم ، بۇ جەھەتتە كۆپچىلىك بىلەن ياخشى چۈشىنىشىپ كېتەلەيمىز دەپ ئويلايمەن.
ھەر قايسى مۇنبەرداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىگە قاتنشىپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.
ئۇنداقتا، ئەمدى مۇنبەرداشلار نېمە دەيدىكىن ، ئاڭلاپ باقساق. ......
ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن بۇ يازمىنى تولۇق ئەستايدىل ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ، تولۇق ئوقۇمىغانلارنىڭ ئىنكاس يېزىپ يۈرمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن. يازمىدا جاۋابى بېرىلگەن سۇئاللارغا ئىنكاس قايتۇرۇلمايدۇ. توغرا چۈشەنگەيسىلەر. رەھمەت.
مۇنبەرگە تەكلىپ: مۇنبەرگە تىما يوللىغاندا بەزى خەتلەر ئۇلىنىپ قالىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن. ئوڭشاپ قويساڭلار . رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەجدەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 07:59 PM