مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 6

شېئىرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103799
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 05:02:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پۇشايمان


مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

قۇچاقتىن چۈشمىگەن بوۋاق چىغىمدا،
باقسىمۇ ھاپاشلاپ ئانام پەپىلەپ.
كىچىسى ئويغۇتۇپ سەۋەپسىز يىغلاپ،
يېتىلدىم مېھرىدە غەمسىز ئەركىلەپ.


ياشلىقىم شاشلىقىم نەسىھەت بىكار،
ئوينۇدۇم تالادىن كىرمەي ھەپتىلەپ.
دەردىمدە يىقىلدى سەكراتتا ئانام،
ئاھ! توۋا، كېچىكتىم ، قالدىم تەمتىرەپ.


جان ئۈزۈپ توختىغان ئاخىرقى نەپەس،
پۇشايمان ،ئاھلىرىم ئاشتى ھەسسىلەپ.
ۋاي ئىسىت ،بولسىچۇ ھەركۈنى ئانام،
باراتتىم ئالدىغا گۈللەر  دەستىلەپ.

2015-2-21   



سالام ئاتىلار

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

سالام ئۇلۇغ، شانۇ سۇلتان، ئاتىلار،
قەددى قامەت قەلبى ۋولقان ئاتىلار.
تاغدىن ئېغىر يۈكنى يۈدۈپ چامدىغان،
ئەۋلاد ئۈچۈن ياۋغا قالقان ئاتىلار.


ئاتا دېگەن ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى،
ھاياتلىقتا قىيالارنىڭ  كۆۋرۈكى.
ئۆي، بالام، دەپ سوقار ھەر چاغ يۈرۈكى،
سالام ئاتەش، قەلبى گۇلخان  ئاتىلار.


ئاتا بولغاچ بالىلارنىڭ غېمى يوق،
توققۇزى تەل ھاجىتىگە كىمى يوق.
لېكىن ئاتا جاپا چېكەر دىمى يوق.
سالام ئەلگە جېنى قۇربان ئاتىلار.

2015-2-21



قالما


مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

ياشىغىن ئادىمى غۇرۇرۇڭ بىلەن،
نامەردكە دەرد تۆكۈپ يېلىنىپ قالما.
تونۇشنىڭ ھەممىسى سىردىشىڭ ئەمەس،
سىر بىرىپ داپ كەبى چىلىنىپ  قالما.

قەدىرلە ئۆزۈڭنى ئاندىن ئۆزگىنى،
تىك ياشا ، بىچارە  بىلىنىپ قالما.
بەتنىيەت شەيتاننىڭ قارماقلىرىغا،
زېرەك بول، ئايلىنىپ ئىلىنىپ قالما.

ئەلنى سۆي ئەل بىلەن توپلىشىپ ياشا،
ئايرىلىپ ياۋلارغا  سىلىنىپ قالما.
پاك ياشا ھاياتتا ھالالنى ئىلغاپ،
بۇلغۇنۇپ نىجىسقا مىلىنىپ قالما.

2015-2-22




سېغىندىم بۈگۈن

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

بىر ئۆمۈر جاپادا غەملەرگە پاتقان،
قوللىرى قاپىرىپ  كەتمەندە قاتقان.
گاھ سوغۇق جۇدۇندا، ئاقتامدا ياتقان.
شۇ دېھقان دادامنى سېغىندىم بۈگۈن.

چۆللەرگە سۇ باشلاپ باغلارنى ئاچقان.
باغلىرى چېچەكلەپ خۇشپۇراق چاچقان.
مىننەتسىز ئەلگە كەڭ قوينىنى ئاچقان .
شۇ دېھقان دادامنى سېغىندىم بۈگۈن.

تومۇزدا، ئېتىزدا، تەرلىرى ئاققان،
ھەممىگە ئاق-كۆڭۈل مېھرىنى ياققان.
ئۆزى نان، بارچىنى  ئاش بىلەن باققان،
شۇ دېھقان دادامنى سېغىندىم بۈگۈن.

2015-2-22




دىمە

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

كۆرگىنىڭ ئازدۇر سىنىڭكى كۆرىسەن بولساڭ ھايات،
قىشتا گۈل ئاچسا چېچەكلەپ  كەپتۇ ئىسسىق ياز دىمە.
ھۆرمىتىم بولسۇن دېسەڭكى   قىل ئاۋۋال ھۆرمەت سالام،
شۇندىلا ئىززەت تاپارسەن قىلمىسا سەت تاز دىمە.


ھەق سۆزى يوقتۇر غوجامنىڭ يۈرمىگىن دۇمباق چىلىپ،
ساز دېگەن دىلنىڭ ھۇزۇرى  چىقسا ئاۋاز ساز دىمە.
كىم بىلۇر قىسمەتلىرىڭنى نىم بولۇر ئەتەڭ سىنىڭ.
شۈكرى قىل رىزقىڭغا تەڭرى بەرسە بىر دان ئاز دىمە.



ئالدىراپ بەرمە باھانى سىرتىغا بىرلا قاراپ،
كۆز قىسىپ ئويناتسا قاشلار ئاھ گۈزىلىم ناز دىمە.
ئىشلىگىن ئەجرىڭ بىلەنلا پاك يورۇق بۇلغاي يۈزۈڭ.
ئوڭ يىتىپ دىلكەشلىرىڭنى مەن ئۈچۈن كان قاز دىمە.

2015-2-23





خوتەن

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

ئاسمىنى كەڭرى جاھان سەيلىگاھ تەكلىماكان.
بارچىغا ئىللىق ماكان باغرىنى ئاچقان خوتەن.
باغلىرى سەرخىل گىياھ تاغلىرى ھەر خىل قىيا،
مەنزىرى دىلغا ھۇزۇر خۇشپۇراق چاچقان خوتەن.


ئاق كۆڭۈل خەلقى چىۋەر قىزلىرى شەرمى ھايا،
مەرد سېخىي ئوغلانلىرى شوخ چېچەن چاققان خوتەن.
لوپ،چىرا،قاراقاشلىرى، بىباھا قاش تاشلىرى،
سۇلىرى ئابىھايات سۈپسۈزۈك ئاققان خوتەن.



كۆز چاقار ئوتقاش گىلەم ھەم يىپەك ئەتلەسلىرى،
قول ھۈنەر دۇنيا ئارا تۆھپىلەر قاتقان خوتەن.
ئوخشىغان تونۇر كاۋاپ ھەم كۆمەچ گوشگىردىسى،
سەيلىگە كەلسە كىشى كۆڭلىگە ياققان خوتەن.



قەدىمى كۆركەم شەھەر كۆرگىلى خوتەنگە كەل.
مەنزىرى دىلغا ھۇزۇر سۈرگىلى خوتەنگە كەل.

2015-2-24





ئانىلارغا ئەسسالام

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»


پەرزەنت ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلاپ،
ئاق سۈت بىرىپ مېھرى بىلەن باغاشلاپ،
پەپىلەتكەن «جان قوزام» دەپ ھاپاشلاپ.
مېھرى ئاتەش ئانىلارغا ئەسسالام.



ئىسسىق تونۇر، ئوچاقلاردا نان يىقىپ،
تۇرمۇش دېڭىز ئوتلىرىدا مىڭ ئىقىپ،
جاپا چەككەن پەرزەنتىنى توق بىقىپ.
پەرىشتىدەك ئانىلارغا ئەسسالام.



مېھرى ۋاپا ئەرنىڭ سادىق دىلكىشى،
دەرتكە دەرمان غەمگە ھەمدەم سىردىشى،
يۇق جاھاندا گۈزەللىكتە تەڭدىشى.
گۈزەل ئۇلۇغ ئانىلارغا ئەسسالام.


كۆز تەگمىسۇن ئانىلارنىڭ مېھرىگە،
تىل تەگمىسۇن ھۆر-پەرىدەك چېھرىگە.

…2015-2-23




نەۋرۇز سالىمى


مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر »قۇملۇق»


كەلدى نەۋرۇز ھۆرمىتىگە ئەسسالام،

گۈل-چېچەكلەر زىننىتىگە ئەسسالام.

ئۈمىدلەرگە تولغان خۇشخۇي گۈلچىراي،

نەۋرۇز ئەھلى ئىززىتىگە ئەسسالام.




يىلنىڭ بېشى نەۋرۇز ئىشى قاينىغان،

باغلار ئارا قۇشلار يېقىم سايرىغان.

ئىللىپ جاھان كۆڭۈللەر شاد يايرىغان.

بەرىكەتلىك ھىممىتىگە ئەسسالام.




كەلدى نەۋرۇز كەلدى بايرام باش-باھار،

ئالەم خۇشال قوياش ئىللىق نۇر چاچار.

باسقان قەدەم  يىڭى ھايات يول ئاچار.

خاسىيەتلىك  قىممىتىگە ئەسسالام.




نەۋرۇز بۈگۈن مېھمانلارغا ئەسسالام.

ئۇلۇغ ئىنسان دېھقانلارغا ئەسسالام.


2015-2-8





دادامنىڭ سۆزى

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»


دىدىم «دادا قاپىرىپتۇ قولىڭىز،
يەر تىرىماڭ خىلى جىققۇ پۇلىڭىز.
بىساتىمىز ئىشىپ-تىشىپ تۇرۇپمۇ،
شۇمۇ يەنە تاللىۋالغان يولىڭىز؟.»


دېدى دادام «ئاڭلا بالام سۆزۈمنى،
دىھقانچىلىق يورۇق قىلغان يۈزۈمنى.
بۇغداي بىلەن ئەلنى توقلاپ باققاچقا،
ئۇلۇغ ئىنسان دەپ بىلەرمەن ئۆزۈمنى.


بىز دېھقانلار شۇنداق ئۇلۇغ بىر كىشى،
ھۆرمەتلەيدۇ بىزنى بىلگەن ھەر كىشى،
رۇزى سايىت يازغان بىزنى قەدىرلەپ،
بولغاچقا ئۇ دىھقانلارنىڭ سىردىشى.


ئامان بولسۇن بىزدەك ئۇلۇغ دېھقانلار،
مىننىتى يوق بارچە ئەلنى باققانلار.
قەدىرلەنسۇن ئەل قەلبىدە ھۆرمىتى،
ئېتىزلاردا ھارماي كەتمەن چاپقانلار.»

…2015-2-24




ئۇنتۇلغان يۈرەك

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»


ئۇچۇر ساقلاپ ئالدىراپ تىنەپ،
تۇردۇم ئۈنسىز تېلېفۇنغا قاراپ.
ئۈمۈتسىزلىك ئىلكىدە ھالىم،
سالام يوللاپ ئالالماي جاۋاب.


ۋاز كەچمىدىم شۇندىمۇ بىراق،
سېغىنىشتا ھالىڭنى سوراپ.
نەپەسلىرىم ئۆرتىنەر ئېغىر.
ئۇنتۇلۇشنىڭ ھىدىنى پۇراپ.

بىلدىم ئەسلى تاشلاپتىكەنسەن،
يۈرەكلىرىم تېشىلدى قاناپ.
خەيرى ئەمدى چىداي نە ئامال،
يۈرسەممۇ گەر دەردتە  كۈن ساناپ.

2015-2-25




ئۇنۇت دىمە

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغېنىمدا،
«ئۇنتۇپ كەتتىم ، ئۇنۇتقىن» دېمە.
ئازابلارغا چىدايمەن ئۆزۈم،
ئىچ ئاغرىتىپ غېمىمنى يىمە.




تىزلا ئۇنتۇپ باشقىنى سۆيۈش،
بىۋاپانىڭ كۆنگەن ئادىتى.
مەڭگۈلۈككە  كۆيگەن تۇرۇغلۇق،
ئۇنتۇشۇمنىڭ نېمە ھاجىتى.


ئۇنۇت دىمە مەجنۇن ئىكەنمەن،
سەن دىلىمدا يېگانە  لەيلى.
سۆيۈپتىمەن مەڭگۈگە سۆيەي،
يىرىلسىمۇ يۈرۈگۈم مەيلى.

2015-2-25



ئوتقا سالدىڭ

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

ئوتقا سالدىڭ نورماللىقىم يوقالدى،
چىرمىۋالدى ۋۇجۇدۇمنى خىياللار.
كۆزلىرىمگە كۆرۈنمەيدۇ باشقىسى،
يۈرىگىمنى ئەزدى ھىجران سوئاللار.


چىرايىمدا تەبەسسۇمدىن ئەسەر يوق،
ئوتلۇرۇڭدا كۆيىۋەردىم كۈل بولۇپ.
دىل قىتىمدا غۇنچەم ئىدىڭ ئېچىلدىڭ،
خۇشپۇراقلىق ھەم تىكەنلىك گۈل بولۇپ.


كېچە ئۇزۇن خىياللاردا  بىھۇشمەن،
ئۇخلاي دىسەم  نىيىتىمدىن يانالماي.
ھاياجاندا ھارارەتلىك ھىدىڭدىن،
لەۋلىرىڭگە تاتلىق سۆيۈپ قانالماي.
2015-2-25…




ئانىلارغا ئەسسالام

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

دۇئا قىلغان پەرزەنتىنىڭ بەختىگە،
گۈلتاجىسى ئەرنىڭ شانۇ تەختىگە.
ئانا ئۇلۇغ پۈتكۈل جاھان ئەھلىگە،
پەرىشتىدەك ئانىلارغا ئەسسالام.



جاپا چەككەن لېكىن ۋايساپ باقمىغان،
ئائىلەم دەپ مىڭ قازاندا  قاينىغان،
ئۆي ئىشى كۆپ ئەسلا ئارام ئالمىغان.
شۇ جاپاكەش ئانىلارغا ئەسسالام.



مېھرى ۋاپا ئەرنىڭ سادىق دىلكىشى،
دەرتكە دەرمان غەمگە ھەمدەم سىردىشى،
يۇق جاھاندا گۈزەللىكتە تەڭدىشى.
مېھرى ئاتەش ئانىلارغا ئەسسالام.


كۆز تەگمىسۇن ئانىلارنىڭ مېھرىگە،
تىل تەگمىسۇن ھۆر-پەرىدەك چېھرىگە.

…2015-2-23



بارالمايمەن قېشىڭغا

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

يوللىرىمدا ساقلىما،
بارالمايمەن قېشىڭغا.
بىۋاپا يار ئىكەنسەن،
ئالدانمايمەن يېشىڭغا.


باشقىلارنى گۈلۈم دەپ،
قىستۇرۇپسەن بېشىڭغا.
سىرلىرىڭنى يۇشۇرۇپ،
چىقارماپسەن تېشىڭغا.


نېمە قىلساڭ قىلىۋەر،
ئارلاشمايمەن ئىشىڭغا.
ئەي بىۋاپا يېلىنما،
بارالمايمەن قېشىڭغا.


خاتىمە


كۆزلىرىڭنى ياشلىما،
مىنى ئوتقا تاشلىما.
ساختا سۆيگۈ يولىغا،
بولدى ئەمدى باشلىما.
2015-2-26




ۋاپاسىز بالا

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

يۆگەكسىز تۇغۇلدۇڭ يۆگەكتە باقتى.
سۈت بىرىپ مېھرىلىك باغرىغا ياقتى.
ئەللەيلەپ كېچىسى نەچچە ئويغۇنۇپ،
سەن سىيگەن ھۆل يەردە شۇ ئاناڭ ياتتى.

يېتىلدىڭ ھاجىتىڭ ئاشتى ھەسسىلەپ،
يوقسۇزلۇق دەردىدە غەملەرگە پاتتى.
ئىنسابى بەختىڭنى تەڭرىدىن تىلەپ،
بىر ئۆمۈر دۇئاغا ئىسمىڭنى قاتتى.


كەيپكە بېرىلدىڭ نەسىھەت بىكار،
نە ئامال شۇ ئاناڭ ئەيپىڭنى ياپتى.
كىرمىدىڭ تالادىن ئىشرەتتە ئويناپ،
ئەنسىرەپ ئىزىڭدىن ھەريانغا چاپتى.


سەن نەدە ؟ ئاناڭنىڭ ئەھۋالى خاراب،
سۇ ئۆتمەس گېلىدىن سەكراتتا ياتتى.
پىچىرلاپ ئىسمىڭنى ئاتايدۇ ئۈنسىز،
يېنىپ كەل بۇ كېچە تاڭلارمۇ ئاتتى.

2015-2-27




بىكار

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

«پەرىشتە ئانام» دەپ شۇئارنى توۋلاپ،
يەتمىسەڭ ھالىغا تاپقىنىڭ بىكار.
ئاناڭدىن ئاشمىغان چاپاننى ئىلىپ،
يېتىملار  ئۈستىگە ياپقىنىڭ بىكار.

ئۇسسىسا بىر چېنە سوغۇق سۈيىڭ يوق،
«ئانا» دەپ ناخشىغا قاتقىنىڭ بىكار.
بايلىقىڭ بىر تىيىن  ئالمىساڭ دۇئا،
تۈگەيدۇ  مال-بىسات ساتقىنىڭ بىكار.


چوڭساڭمۇ ئاناڭغا سەن تېخى بالا،
كۆرەڭلەپ كۆككە پو ئاتقىنىڭ بىكار.
بارىدا قەدرىنى بىلمىسەڭ كەتسە،
ئاھ ئۇرۇپ قەبرىدە ياتقىنىڭ بىكار.

2015-2-27



مەن ھاراق

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

مەن ھاراق قەدرىمنى بىلگەنگە شاراب،
بىلمىگەن بىلسۇنكى  ئىچكەندىن سوراپ،
رەقىپىنى جان-جىگەر دوستلاپ قويارمەن،
ئۆزگۈرۈپ تۇرارمەن  سورۇنغا قاراپ.



يۈرەرمەن ئىچكەننى  غېقلا قاندۇرۇپ،
مەستلىكنى پەسلىكنى ئەلگە چاندۇرۇپ.
ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ شۇ چاغ،
ئىغاڭلاپ كوچىدا يۈرسە ياندۇرۇپ.


سورۇننىڭ قۇت بېشى مانا مەن ھاراق،
مەن بولغاچ بەزىنىڭ چەللىسى قاۋاق.
ئىچكەنلەر زەئىپە كەيىپتە  بىھوش،
ئەتىسى يېشىلسە كاللىسى قاپاق.


كىلىڭلار ئۆلپىتىم  جىق-جىق ئىچىڭلار،
ئىچمىگەن دۆتلەردىن  يىراق قېچىڭلار.
يىگىتنىڭ مەرد-سېخى بولغىنى ياخشى،
پۇللارنى مەن ئۈچۈن بۇزۇپ چېچىڭلار.

2015-2-28



ئاياللار

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

ئاياللار، پەرىشتە، ئۇلۇغدۇر ئۇلۇغ،
ئىززىتى، ھۆرمىتى، تۆھپىسى كاتتا.
ھىچكىممۇ ئانىسىز تۇغۇلغان ئەمەس،
ھلىغۇ ئىنسانكەن ھايۋانمۇ  ھەتتا.


ئاياللار مېھرىبان گۈزەلدۇر  گۈزەل،
تولۇنئاي ھەۋەستە ھۆسنى چېھرىگە
قەھرىتان قاچىدۇ  قاينايدۇ مۇزلار.
چىلانسا ئايالنىڭ ئىللىق مېھرىگە.



دۇنيانىڭ گۈزەللىك ئەلچىسى ئايال،
گۈلچىراي خانىملار، گۈلچىراي قىزلار.
تەرىپلەپ مەدھىلەش، تىللاردا داستان،
مەڭگۈلۈك تېما ئۇ كۆمۈلمەس ئىزلار.



ئاياللار مىللەتنىڭ ئانا ۋارىسى،
پەزىلەت، ھايالىق، ئايال زىننىتى.
شەرەپلىك ئايالنىڭ شەنىگە داخىل،
ئاشىدۇ بارىنىڭ ھۆرمەت ئىززىتى.

2015-2-28




ياشىسام

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

كۆز نۇرۇم قاچمىسا ھەممىنى كۆرسەم،
كىملەرنى كىم پىتى تونۇپ ياشىسام.
ۋەتەننى خەلىقنى سۆيگەن كىشىنىڭ،
قولىغا دەستە گۈل سۇنۇپ ياشىسام.


يىقىلسام ھاياتنىڭ داۋانلىرىدا،
«شۈكرى» دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياشىسام.
نائەھلى ئىزىتقۇ  شەيتانلىرىمنى،
بىر كۆرۈپ مىڭ دەررە ئۇرۇپ ياشىسام.



يامان كۆز تەگمىسۇن تەڭرىدىن تىلەي،
شاد كۈلۈپ بەخىتكە تولوپ ياشىسام.
ئارزۇيۇم جەۋھىرى مۇرادىم شۇدۇر،
ئادەمدەك بىر ئادەم بولۇپ ياشىسام.

2015-3-1

.




بىلىپ باق

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

ئىسمىڭ بىلەن جاراڭلايدۇ يۈرۈگۈم،
ئىشەنمىسەڭ ناخۇل ئۇرۇپ چىلىپ باق.
سېغىنىشتا باردىم تالاي ھارمىدىم،
مەنمۇ ساقلاي سەنمۇ بىر رەت كىلىپ باق.



سېغىنىشىم چەككە يەتتى ئەي نىگار،
كۆرۈپ ھالىم نېچۈن نېمە بىلىپ باق.
تەشنا بولۇپ چاڭقىغان بۇ يۈرەككە،
ۋەسلىڭ بىلەن سۆيگۈ ئوتى سىلىپ باق.

يۈرىكىڭدە  كىملەر بار ؟ دەپ سورىماي،
سۇغۇرۇپلا  قوللىرىڭغا ئىلىپ باق.
گۇمانلىرىڭ يوقالمىسا مەن چىداي،
خەنجىرىڭدە يۈرىگىمنى تىلىپ باق.

2015-3-1




ئۆزگەرگەن قىز

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

يۇمشىتاتتى دىللارنى شۇنچە،
ھۆرمەت بىلەن «سالام» دىيىشىڭ.
سۆيۈندۈرگەن ئىدى يۈرەكنى،
ئوچۇق قويماي ئۇزۇن كىيىشىڭ.


يۈزۈڭ تۆۋەن ئەيمىنىش بىلەن،
ماڭالمايتتىڭ ئەر زات ئالدىدىن.
نامەھرەمدىن قاچاتتىڭ يىراق،
ماڭار ئىدىڭ چەتتىن دالدىدىن.


ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپتۇ مانا،
«توۋا» بۈگۈن كۆردۈم قاۋاقتا.
چىچىڭ چۇۋۇق يىرىم-يالىڭاچ،
قولۇڭ رومكا كۆزۈڭ ھاراقتا.

2014-4-8 «قۇملۇق»




راست

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

ھاياتنىڭ رەڭمۇ_رەڭ  سىناقلىرىدا،
ئازغېشىپ غەپلەتتە ياتقانلىرىم راست.
ئويغۇنۇپ ئىزىتقۇ  شەيتان نەسلىگە،
مىڭ لەنەت چالما تاش ئاتقانلىرىم راست.


دانالار كەيندىن ئەگىشىپ مىڭىپ.
نائەھلى ناكەستىن  قاچقانلىرىم راست،
ھەمنەپەس بولغانغا چاي دەملەپ  بىرىپ،
مېھرىمنى  باغرىمنى ئاچقانلىرىم راست.


ھاياتتا  نەچچە رەت تاسقاپ تاسقىلىپ،
ئىسللار ۋەسلىنى تاپقانلىرىم راست.
ياڭرىتىپ ۋاپادار دوستلۇق كۈيىنى،
ۋايسىماي تەڭ كەتمەن چاپقانلىرىم راست.


ئىجادكار شەنىگە ئالقىش ياغدۇرۇپ،
ئاقىلنى كۆيلەرگە  قاتقانلىرىم راست.
ئەل غېمى قەلبىدە چاقنىغانلارنى،
دىلىمغا چەمبەرچەس چاتقانلىرىم  راست.

2015-3-1




پۇلۇم بار

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

پۇلۇم بار غادىيىپ يۈرەرمەن خۇشال،
ھۆركىرەپ سۆزلەيمەن ئاۋازىم قوپال.
خوش غوجام، ئۆزلىرى،  دىمىسە بىرى.
بازغانلاپ سالارمەن مىجەزىم ئۇسال.



قولۇمدىن ئىش كىلەر سوۋغىتى بولسا،
شۇئارىم «گادايلار كۆزۈمدىن يوقال».
پۇلۇم بار ئوڭ يىتىپ خەجلىسەم يېتەر،
شۇ سەۋەب ئايرىلماس يېنىمدىن توقال.


يامانغا نە ئامال  ياۋاشنى كۆرسەم،
كۈلەرمەن بېھۇدە تارتقۇزۇپ ئۇۋال.
ھەر ئامال چارىدە باپلاپ قويارمەن،
مىنېڭدىن  ئاشقاننى  تاپقۇزۇپ زۇۋال.

2015-3-1



گۈلۈم

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

سىز خۇشپۇراق ئىچىلغان گۈلۈم،
يۈرىكىمنىڭ يەككە پارىسى.
ئىشقىڭىزدا مەجنۇن، غېرىپمەن،
ئاشىقلارنىڭ سەركە  ۋارىسى.


خىيالىمدىن كەتمەيسىز پەقەت،
بولۇپ قالدىم يۈرەك يارىسى.
ئەقىدەمنى باغلىدىم سىزگە،
ئۈزۈلمەيدۇ سۆيگۈ تارىسى.


يۈرىگىمدە ئوتلۇق پىراقلار،
مۇھەببەتنىڭ ئاھۇ-زارىسى،
ئىچ_ئىچىمدىن ئۈنسىز تۆكۈلەر،
ھىجرانلىقنىڭ ئاھۇ نالىسى.


نەقرات

سىز يۈرۈگۈم يەككە پارىسى،
مەن ئاشىقنىڭ سەركە ۋارىسى.
سىز پەرىلەر نورلۇق جۇلاسى.
رۇخسارىڭىز ئاينىڭ سىماسى،.

2015-3-2




كېچەم

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

كېچەمنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى يىراقلاپ،
قاراڭغۇ زۇلمەتكە يېگانە تاشلاپ.
قىينىلىپ تولغۇنۇپ ياتارمەن شۇ دەم،
تۈگىمەس خىياللار سۈرۈشنى باشلاپ.


ئەسلىسەم نىگارىم يۆلىنىپ تۇرار،
كۆزۈمنىڭ ئىچىگە خۇمارلىق قاراپ.
خۇش ھىدى ھۇشۇمنى يوقاتقان مىنۇت،
قوللىرىم سىلىغان چىچىنى تاراپ.


شۇ تاتلىق مىنۇتلار خىيالىم گۈلى،
ئىسىمدىن دەقىقە كەتمەيدۇ ئۇزاپ.
نەچچە رەت ئۆرۈلۈپ كۈتەرمەن تاڭنى،
ھىجرانلىق سىغىنىش دەردىنى پۇراپ.

2015-3-1
















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamatablakumluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 07:27 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 642
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 10:28:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ئۇشبۇ نۇرغۇن شئېىرلىرىڭىزدىن قايسىغا ئىنكاس يېزىپ ، قايسى قالار ؟ لېكىنزە ھەممىسىنى ئۇقۇپ بولدۇم . قىسقىسى ھەممىسىلا بەك يارىدى ماڭا . ھارمىغايسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 11:20:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمىمىسى شۇنداق ياخشى يېزلىغان شېئرلاركەن ،  سىز  راسلا  بەركەتلىك  ئىجادىيەت قىلدىكەنسىز  جۇمۇ ،قارىسام  بىر كۈندە 2-3  پارچە شېئر يېزۋەتكەن ۋاقتىڭىزمۇ باركەن .  بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 642
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 11:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىبا. يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 11:20 PM
ھەمىمىسى شۇنداق ياخشى يېزلىغان شېئرلاركەن ،  سىز  راسل ...

   خاتالاشمىسام سىز بايقاشتىكى زىبا خانقىزغۇ دەيمەن ؟ سىزمۇ شئېىرنى خېلى يامان ئەمەس يازىسىزغۇ دەيمەن ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 11:45:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
borkut- يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 11:25 PM
خاتالاشمىسام سىز بايقاشتىكى زىبا خانقىزغۇ دەيمەن ؟  ...

شۇنداق مەن بايقاشتىكى زىبا شۇ ،
شېئرغا قىزقىمەن ،كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ئوتتەك ئىشتىياقىم بار شۇڭا مۇنبەرلەرگە يوللانغان شېئرى ئەسەرلەرنى  قويماي ئۇقۇپ چىقىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2055
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 776 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 12:03:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر-بىرىدىن ياخشى يىزىلغان شېئىرلار ئىكەن.تىلى يېقىشلىق،ھەم مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ.قەلەملىرىڭىزگە بەرىكەت ياغسۇن،ھارمىغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103799
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 01:09:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوستلار، ئۇستازلار،يىقىنقى بىر نەچچە كۈن تور نورمال بولماسلىق سەۋەبىدىن ،ئىلگىركى ئەسەرلىرىمگە قالدۇرغان ئىنكاسلىرىڭلارغا ۋاختىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم. بۇگۇن يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرىمنى كۆڭۈل ھوزۇرۇلارغا سۇندۇم ،تەنقىدى پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر …يازما تۇغۇرلۇق تىخىمۇ ئۇرتاقلىشىشنى خالىغان دوسلار ئۈندىدارىمنى قوشىۋالساڭلا.
ئۈندىدار …1070163521

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش