、ئەركىم ئەل،يارىم گۈل ئارىسىدىكەن
قاراخان
كىم يۇرتىغا شاھ دىسە مانا مەن دەيمەن،
كىم يارىغا قۇل دىسە مانا مەن دەيمەن،
ئەركىم ئەل،يارىم گۈل ئارىسىدىكەن،
كۆڭۈل توق,كۆز رۇشەن نىچۈن غەم يەيمەن.
بىر داندىن مىڭ بىر دان چىقىدۇ چاچسام،
قەدىناس قېشىمدا تەڭ چىچەك ئاچسام.
ئېلىمنىڭ قوينىدىن تېپىلار سەۋر،
ئوتى ۋە سۈيىدە تولغىنىپ ئاقسام.
ساداقەت كۈيىدىن يايرايدۇ دىلىم،
ئىلىمنىڭ ئىشقىدابۇلبۇلدەك تىلىم.
شاتلىقمۇ ،سۆيگۈمۇ بوسۇغامدىكەن،
بوسۇغدا كۆمۈگلۈك پىنھانە سىرىم.
بۇ كۆڭۈل ئەل،يارنى قىزغىنىپ ئۆتەر،
يېشىنى ،دەردىنى بىر ئاڭا تۆكەر.
ھەر تىنىق،ھۇجەيرە ، توقۇلما،تومۇر،
ئەل،يارنىڭ غېمىدە كۈن- تۈن ئاھ چېكەر.
بەختىم ئەل تەختىم ئەل،سۆيگۈ يارىم ئەل،
ئۇ بىلەن توققۇزۇم ،روزىغارىم تەل.
ھېچ بىر ئەل ھەتتاكى دۇنيا گۈزىلى،
تەڭ ئەمەس ئۇنىڭغا كۆكتە ئاي زۇھەل.
2015-يىلى 3-مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 04:08 PM