قىزلارغا پاك تىلىگىم
سايرامى قىزى
كۆزۈڭ بولسۇن نۇر چاقنىغان چولپاندەك،
قەلبىڭ بولسۇن تاغ سۈيىدەك بىغۇبار.
سەبىيلەرگە جان بەرگەن شۇ زەمزەمدەك،
جىسمىڭلارمۇ چاچسۇن ئەتىر-خۇش ئىپار.
نۇزۇگۇمنىڭ روھى بولسۇن قەلبىڭدە،
ئەدەب- ئەخلاق ئۈنۈپ چىقسۇن ئىزىڭدىن.
ئالەم گۈزەل، ئىناق بولۇپ ئائىلەڭ،
تاڭ ۋىسالى تېمىپ تۇرسۇن روھىڭدىن.
بەخت،ئامەت بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش،
نىمە كۈلپەت كەلمەس ئېزىز باشلارغا.
يادىمىزدا تا ئەزەلدىن رىزۋانگۈل،
رىزۋانگۈلدەك رەڭ بەرگىن سەن تاشلارغا.
ئىلىم ھېكمەت،ئەخلاق- قىزلار زىننىتى،
گۈللەپ ياشناپ گۈلىستانغا ئايلانسۇن.
ئىناق ھايات ئازغۇنلۇقتىن يىراق بوپ،
شوخ كۈلكىلەر يېڭىباشتىن يارالسۇن
.
پاك قىزلارغا مېنىڭ قۇتلۇق تىلىكىم:
مەنزىل گاھىڭ ئېنىق بولسۇن،داغدام يول.
ھايات يولى ئىنسان بىلەن گۈزەلدۇر،
گۈزەللىككە ئىنتىل سەنمۇ، ساغلام بول.
(بورتالا2015- يىلى 3-ئاي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sayramkizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 10:16 AM