چاقچىقىڭغا سۆزۈم بار دۇنيا
سەبىر
بۇزۇلدى كۆڭۈل،
قۇترىدى ئىلھام،
يۈرەكنى مۇجۇپ،
قەلىبنى قوچۇپ،
مىھىرنى ئۇچۇرۇپ،
قىينىغان ھېسلار،
سويۇلۇپ چۈشتى
تۇتام ۋە تۇتام..........
مۇزلىدى شۇندا،
بارچە تۇيغۇلار،
قىيناشتىن،
بوزلاشتىن،
زىمىستاندا يۈزگە تەگكەن قامچىدىن،
سۆكۈلدى بىر-بىرلەپ،
مىھر ئۈچۈن يېتىلگەن ئوماق غۇنچىلار
ھۆركىردى قەلبىم،
قۇيۇلدى كۆزدىن ئاچچىق تامچىلار...
زەھەرلىك تىللار،
ئەلەملىك تەستەك،
تەگدى تاراسلاپ،
كەتتى بۇنىڭدىن،
بېرەلمەي بەرداش،
سۆيگۈ قاراسلاپ،
يۈرەك ۋاراسلاپ،
نازۇك شۇ جايغا ئەلەم بولدى بەك.
تولغاندى،
قىينالدى.
لىكىن بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى،
ھەم بۇرۇنقىدەك باغاش ئەتمىدى،
ئاسراپ ئاۋايلاپ.
مەيلىغۇ،
تەقىدىر رەھىمسىز،
دۇنيا بىۋاپا،
نە ھاجەت بۇنىڭغا ياش تۆكۈپ زارلاش...
ئاھ دەيدۇ، ۋاھ دەيدۇ،
پۇشايمان يەيدۇ،
ھەتتا كەينىڭدىن ماراپ تىنمايدۇ،
قەدرىڭ بىلگەندە،
تاتلىق ئەسلىمىلەر كۆڭۈلنى ئەزگەندە.
ھەتتا سەن ئۈچۈن يىغلاپ قاقشايدۇ،
بىر كۈنلەر كېلىپ،
ھالىڭغا يېتىپ،
ئۈمىد كۈتكىنى كەلمەسكە كېتىپ،
پىغان چەككەندە...................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 花公主 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 08:43 AM
|