كېتەرمەن
يۇلغۇن
دوستلار بىر كۈن ئۆلۈپ كېتەرمەن،
قارا يەرگە كىرىپ كېتەرمەن.
شادلىق نەدە سىلەرسىزماڭا،
جۇپ كۆزلىرىم ئوچۇق كېتەرمەن.
دوستلار بىر كۈن ئۆلۈپ كېتەرمەن،
كۈندۈز ياكى تۈندە كېتەرمەن.
شادلىقىمنى قويۇپ سىللەرگە،
ئازابلىرىمنى ئېلىپ كېتەرمەن.
دوستلار بىر كۈن ئۆلۈپ كېتەرمەن،
كۆزۈڭلاردىن ئۇچۇپ كېتەرمەن.
خوشال قىلىپ دۈشمەنلىرىمنى،
سىللەرگە دەرد قويۇپ كېتەرمەن.
دوستلار بىر كۈن ئۆلۈپ كېتەرمەن،
يىغلاپ ياكى كۈلۈپ كېتەرمەن.
خەيرى-خوش دەپ ياكى دېيەلمەي،
مېھرىڭلارغا قايماي كېتەرمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 01:15 AM