مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 12

ئايال –سىرلىق تۆت پارچە ھەرب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 12:42:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئايال –سىرلىق تۆت  پارچە ھەرب

(8-مارت خانىم -قىزلار بايرىمىغا ئاتاپ)

ئۇ سۆيگۈنىڭ مۇقاۋىسىدا ،
رەڭلىك نۇردا بېزەلگەن ماۋزۇ .
ئۇ كۈندۈزنىڭ بېشىنى سېيلار ،
ئايدىڭ كېچە سېغىنغان ئارزۇ .

ئۇ ئۈمۈدنىڭ ئوتىنى پۈۋلەر
غەملىرىگە سالىدۇ ياماق .
ئۇ قوياشنى قادار دوقمۇشقا
چىغىر يولنى قىلىدۇ پارلاق .

ئۇ شەبنەمدۇر شېئىر لېۋىدە ،
كۆپ چېكىتتۇر ئۇنىڭ مەزمۇنى .
ئۇ شۇنچىلىك چەككسىز تەبەسسۇم !
يېزىلغانغا تۈگىمەس قۇرى .

ئۇ ئەۋلادلار شەرىپى ئۈچۈن ،
زور ئازابنى قىلىدۇ قوبۇل .
ئۇ سىقىمدار تۇرمۇش دىرىنى ،
ئايال –بايلىق ، ئايال -پارچە پۇل .


ئۇ تىكەنلىك پورەكلىگەن گۈل ،
ئايال –تەنبىھ، ئايال –كىنايە
ئۇ –شۇنچىلىك بىر لېرىك داستان ،
ئۇ بىر جۈملە مىكرو ھېكايە .

شورلىشىدۇ نازۇك چېھرىمۇ ،
ئۇدارىدىن قاچىدۇ ئۈنى .
ۋەتىنىنى پەپىلەپ يۈرۈپ ،
ئۇ كىچىكلەپ كېتەر بىر كۈنى .

ئۇ پارچىلاپ پۈتۈنلىكنى
ئەۋلاد ئۈچۈن قىلىدۇ سەرپ.
ئەر ھەجىلەپ قالار بەزىدە ،
ئايال-سىرلىق تۆت پارچە ھەرب .

ئۇ سالقىندار كۆزنىڭ ئىچىدە ،
چېكىتلىرى قىلىدۇ پەرق .
ئۇ قېپىدا يىرتىلمىسىلا ،
سۆيگۈ گۈلى ئۇرىدۇ بەرق .

ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1493
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 01:58:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىردا ئاياللارنى ياخشى تەرىپلەپسىز.ياخشى يىزىپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1689
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 09:43:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5026
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 10:47:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111172
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2014-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 10:51:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە سۈكۈت قلشنىڭ ئۇزىمۇ ئەڭ  ياخشى جاۋاب........

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13842
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 10:59:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن تېتىملىق يىزىلغان شىئېر بۇ ، تۇغۇلغىنىدا بىرەر شائىر ئېغىزلاندۇرغان بولغىيمىدى دەيمەن بۇ شائىرنىڭ شىئېرلىرىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا .....

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113049
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 98
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 11:30:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئايال - بايلىق ،ئايال بارچە پۇل ››  دىگەن مىسرادا ، ئاياللار پەقەت پۇل ئۇچۇن ، بايلىق ئۇچۈن شۇنداق چاپالارنى تارتىدۇ دىمەكچىمۇ ياكى ئاياللارنى ئىقسادىكى تەڭ قىممەتتكى تاۋار دىمەكىچىمۇ؟

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4439
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84731
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9936 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 02:49:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغۋەننىڭ پۈتۈن شېئ‍ ىرلىرىدىن تېپىلمايدىغان ھىسسىي تۇيغۇسى مۇنۇ يەردە ئ‍ۆز ئ‍ىپادىسىنى تېپىپتۇ، تەرىپلەشكە تىگىشلىك بولغاچقا بۇ قۇرلاردا يۈرەك سۆزلەپتۇ، تولىمۇ جانلىق ئ‍ەسەر بوپتۇ، ئ‍ەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى بىلەن قۇتلۇقلايمەن!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 02:51:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېئىركەن . ياقتۇردۇم . ئوخشىتىشلار دەل جايىدا ھە .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 07:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرزىمەس شېئرلىرىمغا تەنقىدىي پىكىرلەرنى بەرىگنىڭلارغا ئالەمچە رەھمەت . تېخىمۇ تىرىشپ قەلىمىمنى پىشىىقلاي .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش