فىزىكىلىق شەكىل
قاسىم سىدىق
فىزىكىلىق شەكىل — شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئانا ئۇقۇمى ۋە چىقىش نۇقتىسى.
ئېنىقلىمىسى:
فىزىكىلق شەكىل — مۇئەييەن ئوپتىكىلىق ۋە گىئومىتىرىيىلىك ھالەت.
خۇسۇسىيەتلىرى:
1.چەكلىك بولىدۇ.
2.ھەرقانداق پەيىتتە مۇئەييەن ئارقا كۆرۆنۈشتىن ئايرىلالمايدۇ.
3.ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.يەنى،مۇئەييەن ھەجىمگە ئىگە.
شەرىھلەر:
ھازىرغىچە بايقالغان ئالەمنىڭ ئومۇمى ئوبرازى
ماسسا-ئىنىرگىيە،جىسىم ،ماددا دىگەنلەرنىڭ ھەرقاندىغى مۇئەييەن فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە.فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا،جىسىم ،ماسسا-ئىنىرگىيە مەۋجۈت ئەمەس.ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان،قايتا پارچىلانمايدىغان ئاساسى زەررىچىدىن تارتىپ،بىر پۈتۈن فىزىكىلىق ئالەمگىچە ھەممىسى شۇنداق.فىزىكىلىق شەكىلنى بېۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا كۆزەتكىلى،بىلگىلى بولىدۇ.تەجىربە پەنلىرى پەقەت مۇئەييەن شەكلى ۋە ھەجىمى بار رىياللىقلارنىلا تەجىربە ئوبىكتى قىلايدۇ.فىزىكىلىق شەكىل مەۋجۈت بولمىسا تەجىربە پەنلىرىمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ.
DNA
تەبىئەت دۇنياسىدا بىر ئۆلچەملىك ماددى رىياللىق مەۋجۈت ئەمەس.بىر ئۆلچەملىك ھەركەتمۇ مەۋجۈت ئەمەس.بىر ئۆلچەم پەقەت تەسۋىرلەش مىتۇتىدىن ئىبارەت.بىر ئۆلچەملىك تەسۋىرلەش،ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆچ ئۆلچەملىك ماددى رىياللىقلارنىڭ خارەكتىرىنى ئارىلاشتۇرىۋىتىشكە بولمايدۇ.
New research suggests the electron is surprisingly spherical -- much more spherical than, say, a common billiard ball
ئەنگىلىيە ئىمپىرىيە ئېنىستېتوتى ئالىملىرى 10يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىلىكتىروننىڭ شار شەكلىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان.
جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى تورىدا 1911-يىلى 5.ئاينىڭ 27-كۈنى "
ئىلىكتىرۇننىڭ مۇكەممەل شار شەكىلىگە ئىگە ئىكەنلىگى تەتقىقاتتا ئىسپاتلاندى"دىگەن خەۋەر ئىلان قىلىندى.خەۋەردە ئەنگىلىيە ئىمپىرىيە سانائەت ئىنىستېتوتى ئالىملىرىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئىرىشكەنلىگىن ئۇچۇر بېرىلدى.تا شۇڭغىچە فىزىكىدا ئىلىكتىرۇن قاتارلىق زەررىچىلەرننىڭ مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىگى ھەققىدە ئېنىق قاراش يوق ئىدى.
شەكىل نەزەريىسىدە فىزىكىلىق شەكىل،ئارقا كۆرۈنۈش،مۇتلەق ھەجىمدىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇم بۇ نەزەريىنىڭ ئەڭ ئاساسى ئۈچ ئۇقۇمىدىن ئىبارەت.ئاق قەغەز مودىلى بۇ نەزەريىنىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرىنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرۈش زۆرۆرىيىتىدىن تۇرغۇزۇلغان قورال.شەكىل نەزەريىسىنى چۈشۈنۆش،تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۆزۆشنى ئىختىيار قىلغانلار ئالدى بىلەن مۇشۇ ئۈچ ئۇقۇم ۋە بىر مودىلنى چۈشۈنۆشى كىرەك.بۇنەزەريىنى ئاغدۇرۇشنى ئىختىيار قىلغان زامانداشلارغا ھەم مەلۆم بولغايكى،بۇ ئۈچ ئۇقۇم ۋە بىر مودىلنى ئاغدۇرماي تۇرۇپ ،بۇ نەزەريىنى ئاغدۇرغىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن مۇشۇ ئۈچ ئۇقۇم ۋە بىر مودىلدىن،ئەڭ ئالدى بىلەن فىزىكىلىق شەكىل ئۇقۇمىدىن قول سېلىش كىرەك.
ئاق قەغەز مودىلى
ئاق قەغەز مودىلىدىكى Aچەمبەر ۋە Aسىزىقلار فىزىكىلىق شەكىللەرگە،Bتەكشىلىك ۋە Bئۆزۆك سىزىقلارئارقا كۆرۆنۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. Aھامان B نىڭ ئىچىدە چەكلىنىدۇ.
ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ،ھەتتا ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس شەكىل ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.
پايدىلىنىش:
迄今最精确测量显示电子是完美球形
http://www.cas.cn/xw/kjsm/gjdt/201105/t20110531_3144621.shtml
Electron is surprisingly spherical, say scientists following 10-year study
http://www.sciencedaily.com/releases/2011/05/110525131707.htm
ئەسكەرتىش:
بۇ تېما ئەينى ۋاقىتتا كائىنات ھۇجۇمغا ئۇچراپ،يۇيۇپ تاشلانغان 3000دىن ئارتۇق تېما-ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.ھازىر يادىمغا كەلگەنلىرى بۇيىچە يېزىپ قويدۇم.ئىلىكتىرۇنغا ئائىت پايدىلىنىشلار مەن بۇ ئۇقۇمنى تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ئېلان قىلىنغان.
2015.3.2