قەلبىنۇر ئۇبۇلھەسەن
ئانىنىڭ ئۇدۇمى ئايان ئىشىدىن،
چىن ۋاپا-ساداقەت چاقنار ئىزىدىن.
سادىقلىق ياڭرىغان ھەر كۈيىدىن،
ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇق مەن شۇنداق ئانا.
ئائىلە پەرزەنتنى ئىشقىدىن سۆيگەن،
ئەقىدە ئەجردە مېھىرلىك كۆيگەن.
ھەممىدىن غۇرۇرنى بىباھا بىلگەن،
ئارمانلىق غۇرۇرلۇق مەن شۇنداق ئانا.
قەلبىمدە زەررە يوق تاما-ساقتىلىق،
كۆزلىگەن ئارماندا ئەلگە ياخشىلىق.
جۈرئەتلىك ئىرادە دىلدا لىقمۇلىق،
ئىنساپلىق غۇرۇرلۇق مەن شۇنداق ئانا.
ناشايان ئىللەتتىن تامامەن يىراق،
پەرزەنتلەر ئىشقىدا ئۈمۈدى چىراق.
قەلبىدىن بىلىمگە يانغان ئىشتىياق،
غەمخانلىق قەدەمدە مەن شۇنداق ئانا.