باھار چىللايمەن
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
<ئۆمۈر مەنزىللىرى > دېگەن كىتابىدىن .
زېرىككەچ جانلار بۇ زىمىستاندىن ،
جانۇ جانىمدىن باھار چىللايمەن .
تۈنلەر كېچىسى ھۇۋلىغان شىردەك ،
ئاھ-پىغانىمدىن باھار چىللايمەن .
.
نە تاقىتىم بار ، نە سەۋرىم ئەمدى ،
قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى .
گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى ،
شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن .
.
ئۆلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق ،
مىراسمىدى بۇ ياشنى ئاققۇزماق .
خائىنلار ئىشى باش ئېگىپ تۇرماق ،
پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن .
.
شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ ،
تىلىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ .
كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ ،
ئىسسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن .
.
ئۆمىدىم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك ،
ئۈمىد باغىدا ئاتتى كۆپ چېچەك .
خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك ،
كۈرەشچان تاڭدىن باھار چىللايمەن .
.
باھار چىللايمەن ، باھار چىللايمەن ،
خەلق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن .
ئارزۇيۇم باھار ، ئۈمىدىم باھار ،
ئۇندىن ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن .
.
باھار چىللايمەن ، باھار چىللايمەن ،
خەلق مۇڭى شۇ ، شۇنى كۈيلەيمەن .
بوۋاممۇ ماڭا شۇنى ئۆگەتكەن ،
ئۇنىڭدىن ئۆزگىنى نېچۈن سۆيەي مەن .
.
باھار چىللايمەن تۈنلەر كېچىسى ،
مەيلى توزىسۇن ئۆمرۈم غۇنچىسى .
رازىمەن شۇندىن ، قىلچە ئارمان يوق ،
بولالىسام مەن خەلق مۇڭچىسى .
1947-يىلى 29-يانۋار -- ئۈرۈمچى .