|
|
|
|
تۈركىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ياشار كامال ئالەمدىن ئۆتتى
تۈركىيەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر كۇرد يازغۇچىسى، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە «مەمەت ئاۋاق» ناملىق تۆت توملۇق رومانى بىلەن ياخشى تونۇشلۇق بولغان ياشار كامال 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 92 يېشىدا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ياشار كامال كۇرد قېنىدىن بولۇپ، «مەمەت ئاۋاق» ناملىق ۋەكىللىك ئەسىرى بار. سەزگۈر مەسىلىلەردە ئاشكارا پىكىر بىلدۈرگەنلىكتىن، بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىش جىنايىتى بىلەن 20 ئايلىق قاماققا ئېلىنغان.
تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىسى ياشار كامال 1922-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيىنىڭ شەرىقى جەنۇبىدىكى ئوسمانىيە ۋىلايىتىنىڭ ھەمىتە (ھازىرقى گۆكچەدام) يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. بەش ياشقا كىرگەندە دادىسى قۇربان ھېيتتا قوي ئۆلتۈرگەن چاغدا، ئېھتىياتسىزلىقتىن پىچاق كۆزىگە تېگىپ كېتىپ ئوڭ كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ يەنە 5 ياش ۋاقتىدا دادىسى مەسجىتدە ناماز ئوقىۋاتقاندا، دادىسىنىڭ ئۆگەي بالىسى يۈسۈف تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىگىگە شاھىت بولغان. بۇ خىل بالىلىقىدىكى زەربىلەر سەۋەبلىك تاكى 12 ياشقا كىرگۈچە سۆزلەش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئۇ 9 يېشىدىن باشلاپ قوشنا كەنتتە ئوقۇشقا باشلىغان ھەمدە ئوسمانىيە ۋىلايىتىنىڭ قەدىرلىدە داۋاملىق مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن. كېيىن ئىستانبۇلدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان.
ئىلگىرى-كېيىن گېزىت-ژۇرنال، رادىئولاردا مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلاپ، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. ئۇنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن، تەبىئىي، ئوقۇشچانلىقى يۇقىرى، كىشىلىك خاراكتېرنى جايىدا ئېچىپ بەرگەن رومانلىرى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە ناھايىتى زور زىلزىلە قوزغىغان، شۇنداقلا چەت ئەل تىللىرىغا تۈركۈملەپ تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
يازغۇچىنىڭ «مەمەت ئاۋاق»، «ئاددىي كىشىلەر»، «قارا يەر، قىزىل ئاسمان»، «مىڭبۇغىلار ئەپسانىسى»، «تۆمۈرچىلەر بازىرى»، «يىلاننى ئۆلتۈرسە» قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق رومانىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇ رومانلار تىلىنىڭ يەڭگىل، جانلىقلىقى، گۈزەللىكى، ھېسسىياتقا بايلىقى، كىشىلىك خاراكتېر ۋە تەبىئەت تەسۋىرىنىڭ تولىمۇ ئىنچىكىلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. (بۇ ئابزاس يازغۇچىلار مۇنبىرىدا ئېلان قىلىنغان «ياشار كامال بىلەن سۆھبەت» ناملىق تەرجىمە ئەسەردىن ئېلىندى) ئۇ 1973-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.
ياشار كامال 1952-يىلى ئىستانبۇلدىكى يەھۇدىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان سىلدا سېررېرو بىلەن توي قىلغان. سىلدا ياشار كامالنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. سىلدا 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 78 يېشىدا ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئىستانبۇلدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئوكيان تورى تەييارلىدى
ياشار كامالنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى ئالبۇمى
|
|
|
|
|
|