مەن ئىزتىراپتا
(سادىر ئىبىرايىم)
مېنىڭ سۆزمەنناتىقلىقتىن تامايىم يوق،
كۆپ نىمە بولسا مەنمۇشۇ دەپ كارايىم يوق.
ئەل ئامانمۇ باشقىدىنتامايىم يوق ،
مەن ياۋاشمەنبىراۋلارغا ئازارىم يوق.
ئۆز ھالىمداكىسىلىمگە داۋايىم يوق ،
ھازىدا ماتەمتويلىرىمدا ناۋايىم يوق.
ھىسىياتىمئارغىماقتەك چېپىپ تۇرسا،
گال ئەقلىمنىڭ دەلۋاقتىدا جاۋابى يوق.
بۇ مىللەتتەئىللەتلەر ئاۋازى شوخ،
قانلىق تارىخئالداشلاردىن ئىنتلىش يوق.
بىرى سۇرتسە يۈرىكىنىدەسمال بىلەن ،
يەنە بىرى يىڭىۋاشتىنسۈركەيدۇ پوق.
شۇڭا ئىلىمئەھلىنىڭمۇ ئىتىۋارى يوق ،
گۇمان بىلەن ساقلاپئارا دىشۋارى يوق .
شۇڭا قايناپ ئۆزبويىغا تاشقان كەبى ،
سۈكۈت بىلەن جىمياشايدۇ زۇۋانى يوق.
سەن نىمىگە بۇنچىلىكچالۋاقايسەن ،
ساڭا ۋەھي كەلدىمۇ يائىشارەت.
سەن تائەتكە بىناقويما ئۇنچىلىك،
قوبۇل بولغانبولمىغانغا بىشارەت يوق.
ئادەم بولۇشئالىملىقتىن ئەۋزەل ئىدى،
ئاللاھ سىنىزىيانلىقنى قىلما دىدى.
ھاياتلىقىڭ بۇئالەمدە ھىكىمەت ئىدى،
شوڭا سىنى ‹‹ئىقىرا››بىلەن ئوقۇ دىدى.
تەكەببۇرلۇقشەيتاننىمۇ ئوتقا تىققان،
سەن بولمىساڭ بولامتىدەپ نىزا چىققان.
تەپرىقە ھەم چەكتىنئېشىپ زۇلۈم قىلمىغىن ،
بولار ئوخشاشئىگىسىگە ئاسىي چىققان.
يا يانمايسەن غەيۋەتبىلەن شىكايەتتىن،
يا قورقمايسەنئىگىسىگە خىيانەتتىن .
يا ئاللاھقا يارەسۇللغا دۆڭگەپ قويۇپ،
قۇتۇلامسەن دوزاخلايىق جىنايەتتىن.
سېنىڭ ئۈچۈنھەدىسلەرمۇ ئۆزگىرىدۇ،
بەتناملىرىڭرەسۇلىڭغا يۈكلىنىدۇ.
تاڭ قالارلىقپەتۋالار تارقىلىدۇ،
ئانا! ئاتلىقمەزلۈملار خار قىلىنىدۇ.
يات خەقلەرنىڭ سۇيقەستىكۆپ نەيرىڭى كۆپ،
سۇرۇشتۇرسەڭچەتئەللەردىن تارقىلىدۇ.
يا دىنىڭنى يائەركىنلىكىڭنى يوق قىلىدۇ،
يەنە نىمە قىسمەتلەربار كىم بىلىدۇ.
قايسى مىللەتئالىملارنى ئۆلتۈرىدۇ،
ئىلىم ئالماي پىتنەئىغىۋا تارقىتىدۇ.
سۇنغان دىلغا بازغانئۇرۇپ سۇندۇرۇدۇ،
ئىجاد قىلماي تۇخۇمدىنتۈك ئۇندۇرۇدۇ.
مەزكۈر شېئىر دۇستۇمنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ تور دۇنياسىدىكى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۇرۇش ئۈچۈن مىسىرانىم تورغا يوللاندى ،تورداشلارنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرنى بىرشنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abral520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 02:04 AM