مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 11

مارت پەسىلنىڭ تاتلىق زىنىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8557
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:50:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مارت پەسىلنىڭ تاتلىق زىنىقى

بۇيرۇق كەلدى قۇياش نۇرىدىن ،
پايتەختىگە قايتتى سوغۇقلار .
يەر تېگىدىن چىققان ھارارەت ،
تەسكەيدىكى مۇزلارنى يۇقلار.

كەيپ بولدى مۇزلىغان مەشلەر ،
كىرا قىلماس قېلىن ئاياقلار
شىپىلدايدۇ ئەمدى ساپما كەش ،
يالاڭئاياق يۈرەر ئوماقلار .

دۆڭلەردىكى جىغان ئۈستىدە،
چاپىنىنى سالدى شاماللار .
يۇمشاپ كەتكەن ئېتىز قىرىدا،
قېرى تېرەك غولىنى سانار .

سازاڭ ئۆلچەر يەرنى باشقىدىن ،
قوڭغۇز تەملىك يىمەكلىك تاللار .
ئەتلىنىپتۇ چاشقان بالىسى ،
مۈشۈك يەردىن ئوقيانى ئالار .

چىۋىن قىزچاق كەلدى ھوشىغا ،
ئېشەك قۇرت پۇتىنى يالار .
يەكباي ئاياق كىيىپتۇ موزاي،
ئوماق قوزا تىلىنى چاينار

خوراز جىددىي يازماقتا نوتا
مىكىيانلار لېۋىنى بويار .
ئات-ئېشەكلەر ئاچماقتا يىغىن ،
ئۇيقىسى ئاز كۈچۈكلەر قاۋار.

رەڭ قارغۇسى بولدى جانلىقلار ،
رەڭ ئىچىدىن يېشىلنى تاللار .
مارت لەگلەككە قورساق كۆتۈردى ،
لەپىلدەيدۇ ئىزگۈ خىياللار .

ئاي يىغماقتا ئاسماندا قەغەز
ئايدىڭ كېچە چالماقتا دۇتار .
تۇتار جانلىق مارتنىڭ قولىنى ،
گۈلخان بولۇپ ئۈمۈدلەر يانار .

پىچىرلايدۇ ئەللەي بېدىلەر ،
پۇشۇلدايدۇ يەرنىڭ تىنىقى .
كەڭ تەبىئەت دىلنى رام قىلار ،
مارت پەسىلنىڭ تاتلىق زىنىقى

ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 01:51 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 05:02:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مارت پەسلىنىڭ تاتلىق زىنىقى،

باھاناڭدا ئۇنتۇي ھەممىنى.

مەندىن بىردەم يۈتسۈن غەم-قايغۇ-

بىر سۇنىۋەت چېچەك ھىدىنى.


مارت پەسلىنىڭ تاتلىق زىنىقى،

ئەسكە سالدىڭ ۋىسال پەيتىنى.

شۇ ھىسلارنىڭ ئەللەيلىشىدە-

سۈرىۋالدىم باھار كەيپىنى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kepanogrisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 05:22 AM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 06:49:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1717
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 08:05:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىپسىز…

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 10:34:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز... قەلىمىڭىز ھارمىغاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 11:20:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىردىكى ئوخشىتىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئوقىسا، راستلا باھار كېلىپ بولغاندەك بىلىنىدىكەن.

ئۇزاتقىم بار مۇزلىغان قىشنى،
ئۇنتۇش ئاتلىق خۇرجۇنغا سېلىپ.
كەتكىن يىراق، باھارىم كۈلسۇن،
كەت يۈرەكتىن ئۆزۈڭنى ئېلىپ.

تېمىدا باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگىنىنى تەرىپلەۋاتسا، مەن نىمىنى يېزىپ كەتتىم ھەي...

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:08:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچى كۈبلىت بەك پەيزى چىقىپتۇ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 01:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 03:52:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىش ئايلىرىمۇ ئاياغلىشىپ باھار ئايلىرىمۇ كەپتۇ مانا.ياخشى شېئىركەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3473
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 04:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ،قوللىرىڭىزغا بەركەت بەرگەي.

مېھرىماھ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش