|
|
|
|
شىخودا ئىلىم چېيى ئۆتكۈزۈلدى ... ئەبەي تارىم بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ I9 D3 Q, }" @* H1 Y- A
2015 - يىلى 2 -ئاينىڭ 27 - كۈنى دىيارىمىز شىخودا تۇنجى قېتىملىق ئىلىم چېيى ئۆتكۈزۈلدى . 2015 -يىلىنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىنغانلىقىنى قىزغىن قوللاش ، شۇنداقلا بۇ كۈن مەرھۇم ئىنسكلوپىدىك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى بولغانلىقىنى بىرلىكتە خاتىرلەش ، ئەسلەش بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ كۈن تاللىۋېلىنغانىدى . ئىلىم چېيىمىزدا مەخسۇس ئالىمنىڭ بىباھا ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلدى ، قىسقىچە ئىزاھات بېرىلدى . « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى »، « فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى » ، « قۇتادغۇبىلىك غەزىنىسى » قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە ، مۇزاكىرە ، مۇنازىرە قىلىندى . ئالىمنىڭ ئىزدىنىش ھاياتى ، ئىلمىي تەتقىقات يۆنىلىشىنىڭ كۆپ قىرلىق ، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ تولىمۇ كەڭ ، مەزمۇنىنىڭ ئاجايىپ تېرەن ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى . ئالىمنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئالىم ھەققىدىكى ئەسلىمە ، مۇلاھىزىلىرى ، ئالىمغا بەرگەن بۈيۈك باھالىرى ئەسلەپ ئوقۇلۇپ ئۆتۈلدى . يالقۇن روزىنىڭ « ئۇيغۇرلارلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى »، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۇ كەلمەسكە كەتتى »، ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ « « ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىتات مىتودى ھەققىدە» ،(تارىم ژورنىلى 2004 -يىل 2-سان) يالقۇن روزىنىڭ « ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مائارىپ قارىشى توغرىسىدا » (تارىم 2004-2-) ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ « بىزدە مۇتەپپەككۈر يازغۇچى ، شائىرلار يوقمۇ ؟» (تارىم ژورنىلى 2001 - يىل 10 -سان) ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ « ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى ھەققىدە ئىزدىنىش » ( شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ژورنىلى 2010 -3-سان) ، مۇھەممەت چاۋارنىڭ « ئۇيغۇر سەنئەت ئىستىتىكىسىنىڭ مۇنەۋۋەر جارچىسى » (تەڭرىتاغ ژورنىلى 2010 -5-سان) مەتتۇرسۇن ئېلىنىڭ « قەلبىمدىكى ئۇستاز سېماسى » ( تەڭرىتاغ ژورنىلى 2013 -6 -سان) ، ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىشنىڭ « مەرىپەت ئىزدەش ، كامالەتكە يېتىش خىياللىرى بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا » ( قەشقەر 2012-6-سان) ، غەيرەتجان ئوسماننىڭ « ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار » ( شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2005-2-سان) ، ياسىن زىلالنىڭ « ساھىبى رەھمەد ، ئىسمايىل ئەھمەد » (تارىم ژورنىلى 2014 -12 -سان ) ، ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرىينىڭ « رەھمەت مۇئەللىم ، - ئۇستازىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان چاغلار » (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2014-يىل 15 -دېكابىر سانى ) قاتارلىق ئەسەرلەردىكى ئالىم ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر مەزمۇنلار مۇلاھىزە قىلىنىپ ئۆتۈلدى . ئالىمنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەپ ، ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ شانلىق ھايات مۇساپىسى ئىپتىخار قايىللىق ئىچىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ ئۆتۈلۈپلا قالماي ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رۇبائىي توپلىمى بولغان « رۇبائىيات » تىن تاللانغان رۇبائىيلار ئۇقۇلدى ، ئىلىم چېيىغا ئىشتىراك قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار ئالىمغا ئاتىغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى شېئىر دېكلاتسىيە قىلىش ، قەلب سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىش ، كىتابلىرىدىن ئارىيە ئوقۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىپادىلىدى . شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىستىداتلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى غالىپجان غۇپۇر مۇئەللىم بۇ يىل يەنە بىر ئۇلۇغ ئالىمىمىز بولغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭمۇ ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەنلا قالماي كىشىنى قايىل قىلارلىق چۇڭقۇر مۇلاھىزىلىرى بىلەن ئالىمنىڭ ئىجادىيەت قارىشى ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ، شېئىر - رۇبائىي ئۇسلۇبى ، تىلشۇناسلىققا قوشقان تۆھپىسى ، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ، رومانچىلىقىمىزغا قوشقان بۈيۈك تۆھپىلىرىنى ئېنىق ، قايىل قىلارلىق ، جانلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ ئالىمغا بولغان تونۇشۇمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ «ئىلىم چېيى » مىزغا يېڭىچە جانلىنىش ئاتا قىلدى . ئەخمەتجان مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئورۇنلۇق پىكىرلىرى ، مەھمۇد ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ نۇرلۇق كۆرسەتمىسى ، مەردان تۇرسۇننىڭ ئۆزگىچە كۆز قاراشلىرى ، جۇماخۇن ئەپەندىنىڭ ئوتلۇق تىلەكلىرى ، غالىپجان غۇپۇر ئەپەندىنىڭ جاراڭلىق خىتابلىرى ، شۆھرەت نامان ئەپەندىنىڭ يىراقنى كۆرەر پەرەزلىرى ، ئەبەي تارىمنىڭ ئىشەنچىسى ،مەھمۇت ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ قىزغىن قوللىشى، سەيپىدىن ئالىمنىڭ ياڭراق دېكلاماتسىيە ئاۋازلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئىلىم چېيىدىن بىر - بىرىمىزگە قىيالمىغان ھالدا ئايرىلدۇق ... يارايسىلەر ئوغلانلار ... خەيرى - خوش مەڭگۈ ئۇنتۇلماس مىنوتلار ، مەرھابا كەلگۈسى بىز ساڭا قەرزدار؟؟!!!.. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" e) q& h4 ]9 ^0 B d8 ]
2015 -2-28-كۈنى . ئەبەي تارىم
. شەھىرى شىخو .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 S! _4 X* w/ M& c3 e
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-28 11:05 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; W$ S7 S7 T+ Q1 a0 `بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( `! W N i3 {9 K/ U' l3 v
|
|
|
|
|
|