جىددى بىر زۆرۈرىيەت تۈپەيلى قەلەمگە مۇناسىۋەتلىك ھېكمەتلىك سۆز-ئىبارىلەر لازىم بولۇپ قالدى، لېكىن كىتابلارنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ قەلەم توغرىلىق يېزىلغان ھېكمەتلەرنى كۆپ ئۇچراتمىدىم. ئاخىرى ئۆزۈم يېزىپ باقتىم.بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر-ئىككى پارچىنى ئىشلەتمەكچى ئىدىم، قايسىسىنى ئىشلەتسەم بولار، تورداشلار تېمىنى كۆرۈپ باقسا.
قەلەم ھەققىدە ھېكمەتلەر
نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت
● قەلەم ئارقىلىق ئوبرازىڭىزنى تىكلە، قەلەم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆكلە.
● ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە شانلىق نەتىجىلەر قەلەم ئارقىلىق ئەڭ ياخشى نامايەن بولىدۇ.
● قەلەم بولمىسا ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىمۇ بولمايدۇ.
● مەدەنىيەت قەلەم بىلەن يۈكسىلەر.
● تارىخنى تارىخقا ئۇلايدىغىنى قەلەمدۇر.
● قەلەم بولمىسا ئىنسان ئۆز ئەسلىنى ئۇنتۇپ كېتەر.
● قەلەم بولمىسا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلماس.
● بىلىم ۋە ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن قەلەم ئەڭ ياخشى قۇرالدۇر.
● قەلەمنىڭ غايىۋى كۈچىگە سەل قارىماڭ، ئۇ ھەر قانداق نەرسىدىن ئارتۇقتۇر.
● بىز ھامىنى ئۆلۈپ كېتىمىز، ئۆلمەيدىغىنى قەلەم بىلەن پۈتۈلگەن نام-نىشانىمىزدۇر.
●قەلەمنىڭ بەرپا بولۇشى ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزە.
● ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋە تارىخىغا بىردىن بىر ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەمدە ئۇنى زور كۈچ بىلەن ساقلاپ قالىدىغان نەرسە قەلەمدۇر.
● ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋە تارىخىغا ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان نەرسە قەلەمدۇر.
●قەلەم بىر مۆجىزە.
●مەدەنىيەتنى، تارىخنى، تەرەققىياتنى نۇرلاندۇرىدىغىنى، بىر-بىرىگە باغلايدىغىنى يەنىلا قەلەمدۇر.
●پۇل، مال-دۇنيا تۈگەيدۇ، ئۆمۈرمۇ ئاخىرلىشىدۇ، بىراق قەلەم ئارقىلىق قالدۇرۇلغان شانلىق ئىزلار مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
●پۇل،مال-دۇنيا ھەممىسى يوقايدۇ، پەقەت قەلەم ئارقىلىق قالدۇرۇلغان ئىزلا مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
● قەلەم ئارقىلىق تارىخنى قېزىپ، مىللىتىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىنى نامايەن قىلايلى.
● ئۆزىڭىزنى تونىتىدىغىنى، تارىخىڭىزنى نۇرلاندۇرىدىغىنى قەلەمدۇر.
● قەلەم ئاددى بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قىممىتى تاغدىنمۇ يۈكسەك.
● قەلەمدە تۇرغۇزۇلغان ئابىدە مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
● قەلەم تارىخنى تارىخقا ئۇلىغۇچى بىردىن-بىر قۇرالدۇر.
● ئەڭ ئۇلۇغ ئىدىيە قەلەم ئارلىق ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
● ئىنسان بىلىمى پەقەت قەلەم ئارقىلىقلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ.
● ئەڭ دانا ئالىممۇ قەلەم ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلمىسا ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇزاققابارمايدۇ.
● پەقەت قەلەم ئارقىلىق خاتىرلەنگەن نەرسىلا ئەڭ مۇكەممەل بولىدۇ.
● ئىزىم ئۆچمىسۇن دېسەڭ قەلەم ئارقىلىق ئابىدەڭنى تۇرغۇز.
تارىخ ۋە پەن-بىلىم، نەتىجە، ئارمان،
قەلەمدە پۈتۈلۈپ خۇش چىراي ئاچقان.
قەلەمنىڭ قىممىتى، كۈچى ئالدىدا،
ھۆرمەتتە باش ئىگەر ھەتتاكى ئاسمان.
ئەڭ بۈيۈك ھېكمەتنى ياراتتى قەلەم،
دىللارغا نۇر-زىياتاراتتى قەلەم.
لەرزىدىن، ۋەزنىدىن،سېھرىي كۈچىدىن،
تارىخنى قۇياشتەك پارلاتتى قەلەم.
X X X
قەلەمنىڭ قىممىتى يۈكسەكتۇر شەكسىز،
ئۇنىڭدىن پۈتۈلگەن ھېكمەتلەر چەكسىز.
نام-ئابروي،مال-دۇنيا تۈگەيدۇ ئاخىر،
قەلەمدىن قالغان ئىز ئۆچمەيدۇ ھەرگىز.
X X X
قەلەم بىر مۆجىزەبىلسە ھەر ئىنسان.
كۈچىدىن تەۋرەيدۇ ھەتتاكى جاھان.
X X X
ئۇلۇغ بىر مۆجىزەراستىنلا قەلەم،
قەلەمنىڭ ئورنىنى ئالالماس ئەلەم.
قەلەمنىڭ كۈچىدىن تەۋرەيدۇ دۇنيا،
ئۇ بولغاچ نۇرلىنار ھەر باسقان قەدەم.
X X X
تاغلارمۇ تىترەيدۇ قەلەم ئالدىدا،
قەلەمنىڭ كۈچى زور ئەلەم ئالدىدا.
قەلەمدىن نۇر ئالدىم، ئۆلسەممۇ ئەگەر،
قويىمەن قەلەمنى قەبرەم ئالدىدا.
X X X
تاغلارمۇ تىترەيدۇ قەلەم ئالدىدا،
قەلەمنىڭ كۈچى زور ئەلەم ئالدىدا.
ئاسمانغا تۈۋرۈك ئۇ، دەرياغا كۆۋرۈك،
ئۇ بولغاچ نۇرلىنىپ تۇرىدۇ دۇنيا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قايتماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-28 10:03 PM