مەستانە ئـــەزا
ئازاپلانماي چىدىغىن كۆڭلۈم گۆھەرقىز ئىبرايىم بولسا ئۆچمەن دۇنيا دوزاقتۇر، قىلسا ھەسەت كۆزلىرى كوردۇر، دۇشمەن قەبىھ قىلمىشى قۇۋدۇر، ۋاستىسى كۆپ سۇيقەستى شۇمدۇر، ئازاپلانماي چىدىغىن كۆڭلۈم. ۋاز كىچىدۇ باسقاندا كۈلپەت، بىۋاپادا يوقتۇر مۇھاببەت، يۈرىگىمدە قويما جاراھەت، تالاپەتتە باردۇر قاباھەت، ئازاپلانماي چىدىغىن كۆڭلۈم. ئىشلەت ئەقىل بولسۈن پاراسەت، بولساڭ نادان قالۇر نادامەت، تۇرغىن ھۇشيار تارتما ھاقارەت، دۇشمەن قىلماس ساڭا شاپائەت، ئازاپلانماي چىدىغىن كۆڭلۈم. ئەسكىسى بار مەخلۇقاتنىڭمۇ، ھايۋىنى بار ئادىمىزاتنىڭمۇ، سىنىغى بار بۇ ھاياتنىڭمۇ، خەتىرى بار پىلسىراتنىڭمۇ، ئازاپلانماي چىدىغىن كۆڭلۈم. ئارزۇ ئۈمىت ياشىغىن ياردۇر، بەخـت-قايغۇ قوش كىزەكلەردۇر، قىلغىن ئەجىر كەتمەستە ماغدۇر، كۈلكە-يىغا ئىنسانغا باردۇر، ئازاپلانماي چىدىغىن كۆڭلۈم.
ئازاپ كەينى گۈل چىمەنلەردۇر، تەڭشەيدىغان خۇدايىم باردۇر، قىلغىن غەيرەت يىڭىلىش بالدۇر، يىقىلغانغا دۇنيا بەك تاردۇر، ئازاپلانماي چىدىغىن كۆڭلۈم. مەنبە: ئۆز قەلىمىم
پاش قىلىش
Www.Arkzat.Com
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى
دائىملىق ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
تاتلىغىم
ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ