|
|
|
|
مۇزلىغان يۈرەك
ھاۋا ئوچۇق، ئەمما قەھرىتان سوغۇق، ئۈرۈمچى ئاسمىنى، غەش قىلار، كۆڭلۈم كۈيىنى.
ئىزگۈ ھېسلار، تۈگىمەس خىياللار، نۇرسىز كۆزلەر، ئىزدەر بىرىنى، ئەمما ئۇ يوق، بۇكۆڭۈل پۇچۇق.
داۋان بىكىتى، ئاخىرقى بىكەت، ئۇزۇتار مېنى ، قول پۇلاڭلىتىپ، شۇ ئەزىز كىشى.
ئۇزىتىمەن، مەنمۇ بىركۈنى، تاشلاپ-پىراققا، دەردكە-ئەلەمگە، ھەممە-ھەممىنى.
خەير-خوش يۈرەك، خەير ئۈرۈمچى، تەڭ باسقان ئىزلار، خوش كىتەر بولدۇم، يىراق-يىراققا، كۇھىقاب كەبى، ماكان،زامانغا.
قوي يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 24-كۈنى سەپەردە
(تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق چاچما شەكىلدە يېزىپ بېقىشىم، مۇشۇ توغرىسىدا ئۈگۈنىشكە مۇھتاجمەن، تەكلىۋىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر ئەزىزلەر)
|
|
|
|
|
|