لالمىلار
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
سۆھلىتىڭگە مىڭ لەنەت ساختا، زاڭ-ماز لالمىلار،
لالمىلىقىڭ مىڭ لالما ئىتقا ئەنداز لالمىلار.
قېنى، ۋىجدان-غۇرۇرۇڭ، سېتىپ-خەجلەپ تۈگەتتىڭ،
ۋۇجۇدۇڭغا ھۆكۈمران خېنىمدەك ناز لالمىلار.
تاپان يالاپ مۈكچىيىپ ئۆتتى ئۆمرۈڭ، ۋاي ئېسسىت،
ئىشەكچىلىك ئەقلىڭ يوق ھاماقەت تاز لالمىلار.
ۋالاقلايسەن-سۆزلەيسەن، نەپسىڭنىلا كۆزلەيسەن،
تولغانسا ئەل ماتەمدە چالدىڭ كۈي- ساز لالمىلار.
تىلەپ تاپساڭ ئىككى نان داپ چالارسەن بىرىدە،
ئومىچىڭنىڭ تەمى يوق مەككار، رەڭۋاز لالمىلار.
يالغان شۆھرەت، نام-ئاتاق قۇلى بولۇپ ياشىدىڭ،
پەسكەشلىكتىن كېچەلمەي زەررىچە ۋاز لالمىلار.
ئەل-ئاۋام قان-قەرزىگە كەتتىڭ تالاي بوغۇلۇپ،
لەنەتلەردىن يەر سېنى يۇتسىمۇ ئاز لالمىلار.
بۈيۈك ۋەدە-قەسىمىڭ، ئويلىرىڭدىن ئۆرگىلەي،
پەيتى كەلسە كاسكىراپ قويدۇڭغۇ گاز لالمىلار.
نىجىس جىسمىڭ جاھانغا بىھۇدە يۈك ئەبەدىي،
توشتى ئىپلاس ئەجىلىڭ گۆرۈڭنى قاز لالمىلار.
2015-يىل 26-فېۋرال، قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-28 01:10 AM