مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1386|ئىنكاس: 12

كۆپرەك پۇل تاپقىڭىز بارمۇ ؟ ( ئالتۇن سودا ئۇچۇرلىرى ) 26 - 2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 07:25:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالتۇن باھاسىنىڭ كەلگۈسى 10 كۈندىكى ھالىتى


u=3665407361,3784275287&fm=21&gp=0.jpg


     2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، خلقئارا ئالتۇن باھاسى 1205 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى ، بۈگۈن ئامېرىكا مۇھىم بولغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، بۇ ئالتۇن ۋە دوللار يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
    پېڭبو تەھلىلچىسى Andrew Robinson چارشەنبە كۈنى كۆرسەتمە بەرگىنىدە ، ئالتۇن باھاسى كەلگۈسى 10 كۈندە 1.8% ئۆسۈپ 50 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىق 1230 دوللارغىچە بولىشى مۇمكىن ، چۈنكى تېخنىكا يۈزىدىكى ھەرىكەت  كۆرسەتكۈچى ئۆسۈش ھالىتىگە ئۆزگەرگەن دەپ كۆرسەتمە بەرگەن .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 240.60 يۈەن ؛
1 گىرام  نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.32 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار


u=3382302967,937874966&fm=11&gp=0.jpg


دوللار ھالىتى : دوللار كۈچلۈك بولسا ئالتۇن ئاجىز بولىدۇ ، ئالتۇن كۈچلۈك بولسا دوللار ئاجىزلايدۇ.
ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت تەۋرەنگەن مەزگىل : ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يۈز بەرسە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ .
مەركىزى بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى : ئامېرىكا ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرسە ئالتۇنغا پايدىسىز ، يەنى ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەيدۇ.
SPDR خەلقئارا ئالتۇن فوند زاپىسى :   ئالتۇن فوند زاپىسى كۆپەيسە ئالتۇنغا پايدىلىق ، ئالتۇن فوند زاپىسى كېمەيسە ئالتۇنغا پايدىسىز .
نېفىت باھاسى : خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىسە ئالتۇن مۇ يۇقىرى بولىدۇ .
ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلارنىڭ ئالتۇن زاپىسى :   ئالتۇن زاپىسى بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى بەلگىلەيدۇ .
ئالتۇن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى :   ئالتۇن ئېھتىياجى ئاشسا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ
پۇل پاخاللىشىش .
يەرلىك سىياسەت





2- پەسىلدە پلاتىنا ئالتۇن باھاسى ئالتۇن باھاسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن


u=641721922,190549645&fm=23&gp=0.jpg


     نۆۋەتتە پلاتىنا ئالتۇن باھاسى ئالتۇن باھاسىدىن ئازراق تۆۋەن ھالەتتە بولۇپ، Metals Focus ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، پلاتىنا ئالتۇن باھاسى ئېھتىمال ئەڭ تېز بولغاندا 2- پەسىلدە ئالتۇن باھاسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ھەمدە بۇ يىللىق ئوتتۇرچە باھاسى ئالتۇن باھاسىغا قارىغاندا 100 دوللار يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.
   Metals Focus نىڭ قارىشىچە،ئامېرىكا فېدراتسىيسى رەسمىي ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى باشلىغاندىن كېيىن ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى ئالتۇن بولۇپ،پلاتىنا ئالتۇنغا بولغان تەسىرى بىر ئاز كىچىك.ئۇنىڭدىن باشقا،Metals Focus نىڭ قارىشىچە پلاتىنا ئالتۇن بىلەن تەمىنلەشنىڭ كەمچىل بولىشى يەنە داۋاملىشىدىكەن، Metals Focus ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ دەپ قارىغان، ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ يىل 2- پەسىلدىن 3- پەسىلدە ،ئامېرىكا فېدراتسىيسى ئۆسۈم ئۆستۈرگەن ئەھۋال ئاستىدا 1100 دوللارغا چۈشۈپ، پلاتىنا ئالتۇن باھاسى ماشىنا سېتىلىش مىقدارىنىڭ ياخشىلىنىشى سەۋەبلىك ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ ئېيتقان.





دوللارنىڭ تۆۋەنلەش يۆنىلىشى ئېچىلدىمۇ ئېچىلمىدىمۇ ؟


35_201502260938357248.png


     چەت ئەل تاشقى پېرېۋوت ئۇچۇر توربېكىتى fxstreet.com نىڭ 2 - ئاينىڭ 26 - كۈندىكى دوكلاتىدا، دوللارنىڭ تۆۋەنلەش يۆنىلىشىنىڭ ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقى توغرىسىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان.
    ئاساسلىقى تۈنۈگۈن دوللاردىن باشقا پۇللارنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن. ئاۋسترالىيە دوللىرى/ دوللار  ۋە فوندستېرلىڭ / دوللار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى مۇھىم نۇقتىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
    0.7850 نۇقتا بولسا ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم بۆسۈش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى 4 ھەپتە ئىچىدە، ئاۋسترالىيە دوللىرى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ لېكىن بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلالمىغان. لېكىن ھازىر، بۇ نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
   لېكىن، ئاۋسترالىيە دوللىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن يەنە 0.79 بۆسۈش نۇقتىسىغا ئۇچرىغان. بۇ نۇقتا ئاۋسترالىيە دوللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ كۈچلۈك بۆسۈش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بازاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەمەلىي ئىشلىتىش مەقسىتىدە سېتىۋېلىش ئاۋسترالىيە دوللىرىغا تىرەش كۈچى بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار كەلگۈسىدە يەنىلا ئۆرلىشى مۇمكىن. چۈنكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسىنىڭ كەلگۈسىدە يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋسترالىيە ئىقتىسادى پائالىيەت ئەھۋالىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن بولغان.
    ئاۋسترالىيە دوللىرى يۇقىرى ئۆرلەپ 0.80 نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى پېرېۋوت باھاسى يەنە 0.7850 ئەتىراپىدا ئايلاندى. لېكىن دوللارنىڭ تۆۋەنلەش يۆنىلىشى تېخى ئېچىلمىدى. بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 11:04 دە، ئاۋسترالىيە دوللىرى/ دوللار باھاسى 0.7850/54 ئەتىراپىدا بولدى.





خەلق پۇلى دۇنيا بويىچە 5 - چوڭ چىقىم پۇلى ئورنىنى ساقلاپ قالغان


u=3621502856,2109492492&fm=11&gp=0.jpg


     دۇنيادىكى كەسىپداش بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە تېلېگرامما خەۋىرى بىرلەشمىسى (SWIFT) نىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بايان قىلىشىچە، خەلق پۇلى دۇنياۋى چىقىم پۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1 - ئايدا بازاردا ئېگىلگەن نىسبىتى 2.06% بولۇپ، ئىسىمنى تىزىش 12 - ئايدىكى بىلەن بىردەك بولغان.
    2014 - يىلى 12 - ئايدا، خەلق پۇلى كانادا دوللىرىدىن ھالقىپ دۇنيا بويىچە 5 - چوڭ چىقىم پۇلغا ئايلانغان.
شۇنىڭ بىلەن تەڭ سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايلىق تالونلۇق كرېدىت گۇۋاھنامىسى خەلق پۇلى راسچوتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 9.43% ئۆرلىگەن بولۇپ، 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈندىكى 7.32% ھالىتىدىن يۇقىرى بولغان؛ ئىسىمنى تىزىش دوللاردىن قالسىلا، 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. دوللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يۇقىرىسى 80% كە يېقىنلاشقان.
    سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلدىغان تالونلۇق كرېدىت گۇۋاھنامىسى سودا جەريانىدا، خەلق پۇلى راسچوتىنىڭ 95% كە يېقىن سودىسى جۇڭگودىكى ئىچكى رايونلار، شياڭگاڭ ۋە سىنگاپوردىن كەلگەن.
    SWIFT كارخانا ۋە پۈتۈن دۇنيانى تەمىنلەپ بېرىدىغان زەنجىرسىمان بازار باشقۇرغۇچىسى Andre Casterman نىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە، " جۇڭگو ئاساسلىق ئېكسپورت دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپتى بىلەن، خەلق پۇلنى ئىشلىتىش نىسبىتىگە قارتا يۇقىرى قوللاشتىن تەركىپ تاپقان. شۇڭا، گەرچە دۇنياۋى ئەنئەنە سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا  باھاسى بويىچە قىممىتىنى ھېسابلىغاندا 10% كە يېقىن ئىشلەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى جۇڭگودىكى ئىچكى رايونلار ۋە شياڭگاڭدىن كەلگەن. "

) تېما يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن رابىگۈل (
ئەگەر سىز ئالتۇن سودىسىغا قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودىنى تەپسىلى چۈشنىپ بېقىشنى خالسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛

ئەسلى مەنبە: ئۇيغۇر ئالتۇن تورى





ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 08:55:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تولاراق ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى يوللايسىز . بىزمۇ يېڭى ئىقتىسادى بىلىملەرگە ئىگە بولغىنىمىزدىن خوشال .   بىراق  ھېس قىلسىڭىز  ،  بۇ مۇنبەردە ئالتۇن - كۈمۈش سودىسىنىڭ ئەلمى - تەلمىنى بىلدىغانلار مەنچە كۆپ ئەمەس . شەخسەن مەن ئۆزەممۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ئالتۇن سودىسىنى . بىراق سىز مۇشۇ ئالتۇن سودىسىنى چۈشىنىدىكەنسىز . ھەم ئىزچىل مۇشۇ سودىنى قىلۋاتقاندەك قىلىسىز .

مۇنبەردىكىلەرنى بۇ خىل سودىغا قىززىقتۇرىمەن ھەم چۈشەنچە بېرىمەن دەيدىكەنسىز ، باشقا تورلاردىن بىۋاستە ئالتۇن سودا ئۇچۇرىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ قويماي ،  بولسا بۇ سودىنىڭ باشلىنىشى قانداق ؟  قايسى جەريانلارنى بىلىش كېرەك ؟ تەخمىنەن نەچچە پۇل بىلەن بۇ سودىنى قىلغىلى بولىدۇ ؟ خەتىرى قانچىلىك ؟ پايدىسى قانچىلىك ؟  قايسى نوقتىلارغا دېققەت قىلىش كېرەك ؟ دىگەنگە ئوخشاش سوئاللار ئاستىدا چۈشىنىشلىك بىر تىما يوللىسىڭىز ئاندىن بۇ سودىغا قارىتا مۇنبەرداشلارمۇ ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . ياكى مۇشۇ سودىنى قىلىپ ئىقتىسادىنى ئاشۇردىغان تورداشلارمۇ چىقىدۇ .

گەپلىرىم كەسكىن بولسىمۇ ، سىز ئۈچۈن ياخشى بىر تەكلىپ بېرىپ قويدۇم . ئەيىپكە بۇيرىماڭ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   madonna تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 08:56 PM  


ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84961
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-9-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 10:20:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز تورداش، مۇنداق قۇتراتقۇلۇق خاراكتىرىدىكى ماۋزۇ ئاستىدا تېما يوللىمىسىڭىز.
يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرىۋاتىمىز، نۇرغۇن يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلدىڭىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىڭىزگە رەھمەتلىرىمىز بار. ئەمما، مۇنداق قۇترىتىش مەزمۇنىدىكى ماۋزۇ ئاستىدا تېما يوللىشىڭىزدىن سىزنىڭ ئادىمىيىلىك پەزىلىتىڭىزگە گۇمان بىلەن قاراشقا مەجبۇرمىز. ئەتراپىمىزدا ئالتۇن- كۈمۈش،  تاشقى پىرىۋوت سودىسى قىلىپ پايدا ئالغانلاردىن زىيان تارتقانلار كۆپرەك. «كۆپرەك پۇل تېپىش»تىن ئىبارەت يەمچۈك ھەرقانداق ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ. لېكىن بۇنداق سودىنى قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ساھەدە بويىچە يوقۇرى مەلۇماتلىق بولۇشمۇ تازا كۇپايە قىلمايدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئەمەلىي تەجرىبە ۋە ئۇزاققىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مالىيە مەنبەسى بولۇشى كېرەك. مۇشۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىنى ئوقۇغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەگەك بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاندىن سىزگە ۋاكالىتەن سودا قىپ بېرىدىغان، سىزنى مۇشۇ ساھەدە تەربىيلەپ يىتىشتۈرىۋەتمەكچى بولغانلارنىڭ گېپىگە قەتئىي ئىشەنمەڭ! ئەگەر شۇنداقلار ئۆزلىرى دېگەندەك  ئاشۇنداق ئىقتىدارلىق بولىدىغان بولسا، سىزگە «ھۈنەر»لىرىنى قەتئىي ئۆگەتمىگەن بولاتتى!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10848
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 10:32:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئالتۇن.............   


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 01:27:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113315
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2015-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 02:02:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 10:32 PM
ھەي ئالتۇن.............

ھازىرقى جەميەتتە ‹‹كوپرەك پۇل تاپقىسى ›› يوق ئادەمنى نورمال ئادەم دىگىنى بولماس ؟ مۇشۇمۇ تىما بولدىمۇ ئەمدى ؟ سىز ئوزىڭىىز نورمال ئادەەممۇيا؟ بۇ سودىنى قىلىپ سىز قانچىلىك پايدا ئالغانسىز ؟ ئاۋال پىچاقنى ئوزۇڭگە سال ئاغرىمىسا كىشىگە ،دەيدىغان گەپ بار . سىز دەۋاتقان بۇ سودىغا كىرىپ قىلىپ زىيان تارتمىغان كىم بار؟ خەلقىمىزنىڭ  نامراتلىق دەردى خىلى يىتىپ ئاشقىدەك بار ، سىز ئازراق رەسمىيەت ھەققىنى دەپ، بۇ سودىنىڭ قانچىلىك خەتەرلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ . خەلقىمىزنى بۇنداق قاراڭغۇ ئونكۇرگە قىزىقتۇرۇپ ئىتتىرىشكە ، ۋىۈدانىڭىز قانداق  يول قويۋاتقاندۇ؟ بۇنداق دىسەم سەن نىمىنى بىلەتتىڭ ؟ دىيشىڭىز مۇمكىن ، مەن بۇ كاپالەتلىك سودىنى خىلى ياخشى بىلىمەن ،بۇ بازاردا بارلىقىدىن ئايرىلىپ قەرزلەرگە بوغۇلغان ، ئىناق ئائىللىرنى ۋايران قىلغان نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنىمۇ بىلىمەن،ھەم ئوزۇممۇ بۇ بازاردا قۇربان بەرگۇچىلەرنىڭ بىرى بولىمەن ،شۇڭا يىقىندىن بىرى مىسرانىمغا ئوخشاش ئاۋات تور بەتلەردە  يۇشۇرۇن ئىلان خارەكتىردە تىما يوللاۋاتقان ئۇي ئالتۇن ،1بىر مىسقال قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ قۇرغۇچىللىرى بۇ سودىغا قىزىقتۇرۇش ئىلانىڭلارنى ۋاختىدا توختۇتىشىڭلارنى سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن. بۇ سودىغا كىرىپ باقمىغان قىرىنداشلارنىڭمۇ ئىزىپ -تىزىپ قىزىقىپ قالماسلىقىڭلارنى سەمىمى ئەسكەرتىمەن.دىيارىمىزدا بۇ سودىغا كىرىپ پۇل تىپىش ئەمەس ، زىيان تارتماي مەبلىغىنى ساقلاپ قالغان ئادەمدىن بىرسىمۇ يوق . ئەگەر تىما يوللىغۇچى پايدا ئالغان ئادەممۇ بار دىيەلىسە ، مەن پاكىت تەلەپ قىلىمەن.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78849
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 03:19:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سودىنى مەنمۇ قىلىپ باققان ئەمما چاتاق يىرى سىزنىڭ پايدا ئىلىش نىسبىتڭىز بەك تۆۋەن ئىكەن چۈنكى سىتىۋالسىڭىزمۇ بانكا ئىككى يۈەن سىتىۋەتسىڭىزمۇ ئىككى يۈەن پايدا ئايرىۋالدىكەن شۇنىڭ بلەن تەۋرىنىش ئارلىقى تۆت بولسا سىز بىكاردىن بىكار ئلىپ ئىككى يۈەن سىتىپ ئىككى يۈەن زىيان تارتىۋالدىكەنسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 07:35:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالتۇن سودىسى ھەققىدە 27 - 2

مەبلەغ سېلىشتىكى مۇددىئايىمىز نىمە؟


بەزى ئادەملەر خاتا ھالدا مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىتىنى پۇل تېپىش دەپلا چۈشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم ئادەملەر پايدا ئېلىشنى ئەمەس بەلكى ئۆز قىزىقىشى ۋە ئۈمىدىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.
كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدۇ، بەزىلەر ھەتتا جاننىمۇ تىكىپ قويىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن خالاس.

تۆۋەندە بىر قانچە مىسال ئالايلى:

         بەزى كىشىلەر قىياس قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى قىياس قىلىش تېخنىكىلىق ئانالىزدەك زېرىكىشلىك ئەمەس. شۇڭا ئۇلار گەرچە بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تېخى يېتىلمىگەن بولسىمۇ يەنىلا قالايمىقان پەرەز قىلىشنى تاللىشىدۇ.
         بەزى كىشىلەر قىسقا لىنىيىلىك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى قىسقا لىنىيىلىك مەشغۇلات ئۇنىڭغا كۆپ پۇرسەت بېرەلەيدۇ، گەرچە قىسقا لىنىيىلىك تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسى بولمىسىمۇ ئۇلار يەنىلا سىناپ بېقىشنى خالايدۇ، ھەتتا بارلىق پۇلىنى سېتىۋەتسىمۇ مەيلى.
        بەزى كىشىلەر توختىماي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى، ئارام ئالماسلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئارام ئېلىش بىر مۇنچە پايدىدىن قۇرۇق قېلىش دېگەن گەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى بارا بارا ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
        بەزى كىشىلەر تولىمۇ بەتخەج كېلىدۇ، ئۇلار تاپقان پۇلىنى بۇزۇپ چېچىۋىتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مەبلىغى كۆپەيمەيدۇ، باي بۇلۇش يولىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىدۇ.
       بەزىلەر ھەرخىل مۇنبەرلەردە ئارىلاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارچە مۇشۇنداق قىلغاندا جىق بىلىملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا كۆپلىگەن ئەخلەت ئۇچۇرلارنى يىغىۋېلىپ زىيان تارتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
       يەنە بەزىلەر مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىتى ئاسانلا پۇل تېپىش، لېكىن نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟  بىلىم ئالمىغان ياش، تام تۈۋىدىكى تاش ئەمەسمۇ.
        سىز قايسى تۈرگە كىرىدىكەنسىز؟ بەلكىم بۇ مىساللار تۇلۇق ئەمەستۇ، لېكىن ئادەملەر خام سۈت ئەمگەن، قىياس قىلىش، قالايمىقان مەبلەغ سېلىش، ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇش....بۇلار ھەقىقەتەن قىزىقارلىق. قىزىقىش گەرچە زىيان ئېلىپ كەلسىمۇ ئۇ يەنىلا قىزىقىش. بىز مانا مۇشۇ قىزىقىشلېرىمىز بىلەن ئۆز بەدىنىمىزنى بېقىۋاتىمىز.
      ئىنتىزام ئادەملەر ئۈچۈن ئەڭ زېرىكىشلىك، شۇڭا ئادەملەر قانچە زىيان تارتسىمۇ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى خالىمايدۇ.





پاي چەك بىلەن  بولغان پەرقى


1.پاي چەك سودىسىدا پەقەت ئۆسۈشكە سودا قىلغىلى بولىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا بولسا قوش يۆلىنىشلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ ،  چۈشۈشكە ھەم ئۆسۈشكە مال ئالغىلى بولىدۇ.
2.پاي چەك بازىرىدا بىركۈندە پەقەت 4 سائەت سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ، ئالتۇن سودىسى كۈنىگە 24 سائەت  سودا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3.پاي چەك رايون خاراكتېرلىك بازار ، ئالتۇن بولسا خەلقئارالىق بازار.
4.نەق ئالتۇن كاپالەت سوممىسى 1:100 بولغان نىسبىتى بويىچە ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ سودا قىلغىلى بولىدۇ ، پاي چەكتە 100% مەبلەغ بىلەن سودا ئېلىپ بارىدۇ.
5.پاي چەك  مەلۇم كىشى ياكى گۇرۇھ جەھەتتىن كونترول قىلىنىدۇ ، نەق ئالتۇن خەلقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدۇ.

ماددىي بۇيۇم ئالتۇنى بىلەن بولغان پەرقى

1.ماددىي بۇيۇم ئالتۇن سودىسى قىلغاندا پەقەت باھا ئۆرلىگەندە پايدا ئالغىلى بولىدۇ . نەق ئالتۇندا باھا ئۆرلىسە ۋە چۈشسە ئوخشاشلا پايدا ئالغىلى بولىدۇ.
2.ماددىي بۇيۇم ئالتۇن سودىسىدا كۆپ مەبلەغ بىلەن ئاز پايدا ئالىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ.

قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن بولغان پەرقى

1.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ ھېسابات ئۈزۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ ، نەق ئالتۇن بولسا قىسقا مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، سودىدىن كېيىنلا ھېساب ئۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .  قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، بەلگىلەنگەن ئايدا ھېسابنى ئۈزىدۇ.
2.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.
3.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسىنىڭ خېيىم-خەتىرى نەق ئالتۇن سودىسىدىن چوڭ بولىدۇ ،  قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسى بولغانلىقىدىن خالىغان ۋاقىتتا مالنى قولدىن چىقىرۋېتەلمەيدۇ .







نەق ئالتۇن كۈمۈش سودىسىنى قىلىش ئۇسۇلى


         مەشغۇلات جەريانى ئاددى، ئاساسى بولمىسىمۇ بۇلىدۇ، بىر كۆرۈپلا ئۆگىنىۋالغىلى بۇلىدۇ.ئىككى خىل سودا قىلىش ئۇسۇلى بار بولۇپ  كومپيوتېر دا ۋە تېلېفوندا سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ , پاي چېكىدىن ئاسان،پاي چېكى تاللاشقا ئوخشاش ئاۋارىچىلىقلار يوق، ئانالىز قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئاددى، دوللار، نېفىت قاتارلىقلارنىڭ باھا يۆلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم كىشى ياكى گۇرۇھ جەھەتتىن كونترول قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرىدىغىنى تېخنىكا ۋە ئاساسى ئانالىز.






ئىقتىساد ئامىلنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى


      ھەرخىل ئاساسى يۈزدىكى ئامىللار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىقتىساد ئامىلى ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد يۈزى شۇ دۆلەتنىڭ  پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ھېسابلىنىدۇ ،  پېرېۋوتنىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەۋرىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . ئىقتىساد ئاساسى يۈزىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ئاساسلىقى  تۈرلۈك ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىپادىلىنىدۇ ،  شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات بىلىملىرىنى چۈشىنىش ، ھەمدە  سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك ، بۇ ئاساسى يۈزنى تەھلىل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى .
       ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئادەتتە تاشقى پېرېۋوت ۋە ئالتۇن بازىرىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بىر قىسىم مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇتلار ھەتتا شۇ كۈنلۈك مۇناسىۋەتلىك بازارنىڭ مۇھىم بولغان تەسىر كۈچى ھېسابلىنىدۇ ، بازار يۆلىنىشىدە  غايەت زور ئۆزگىرىشلەرمۇ كۆرۈلىدۇ .


ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 08:19:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر، كۆپچىلىكنىڭ بەرگەن تەنقىد- پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلدۇق؛ لېكىن yawayi818 نامىدىكى قىرىندىشىمىزنىڭ يوللىغان پىكىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەندۇق. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن قان تەرىمىزنى سىڭدۈردۇق؛ جەمىئىيەت كۈنسېرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭچە ئىقتىسادى ئاڭ تىكلەنمىسە بولامدۇ؟ ( بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەت بىزنىڭ سودا سۇپىمىزغا كېلىپ سودا قىلسۇن دىمەكچى ئەمەس ، پەقەت بۇ سودىنى قىلدىغان دوسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللىغان .)
شىركىتىمىزدە مۇشۇ سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ پايدا ئالغان ۋە ئېلۋاتقانلار بار ، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا شىركىتىمىزگە كېلىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولدۇ .

ھۆرمەت بىلەن ئۈرۈمچى ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىدىن رابىگۈل ئوبۇل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113315
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2015-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 09:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن رابىگۈل (
ئەگەر سىز ئالتۇن سودىسىغا قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودىنى تەپسىلى چۈشنىپ بېقىشنى خالسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛


ئەسلى مەنبە: ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

بۇ


ئەگەر سىزنىڭ مەخسىتىڭىز مۇنبەردىكى قىرىنساشلارنى ئىختىسادى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش بولسا بۇنىڭغا كوپتىن كوپ رەخمەت ئىيتىمىز ، مىنىڭ چۇشۇنىشىمچە يوللىغان ئۇچۇرلىرڭىز نىقاپ .ئەسلى مەخسەت تەشۋىقات
تېما يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن رابىگۈل (
ئەگەر سىز ئالتۇن سودىسىغا قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودىنى تەپسىلى چۈشنىپ بېقىشنى خالسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛


ئەسلى مەنبە: ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

بۇ
مانا بۇنى مەن ئەسلى مەخسەت دەپ چۇنىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش