مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 744|ئىنكاس: 16

تاققا -تۇققۇلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 06:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاققا -تۇققۇلار
قاراخان
سۇنىڭ پۇلى سۇغا كەتتى،
قالدى بەش پۇل قېتىققا.
نەق ئېلىپ نەق ساتالماي،
پاتما نېسى پېتىققا.

.ئۆتمەس پىچاق ئاسقۇچە ،
چىشلەپ يىگىن ئۇيالماي.
ئۈچ قوي سويۇپ قاسساپ بول،
يۈرمە توخۇ سويالماي.

ئۆتكەن ۋاقىت –ئۆچكەن ئوت،
ئېسىڭ باردا ئېتەك ياپ.
جېنى بارنىڭ گېلى بار،
بىر نان تاپساڭ چالما داپ.

ئامانەتكە خىيانەت،
قىلما جېنىڭ چىقسىمۇ.
قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك يە،
يوقلۇق گالنى سىقسىمۇ.

ئات تاپقۇچە ئىشەك مىن،
توختاپ قالغان بەك يامان.
توپا ئالساڭ دۆڭدىن ئال،
يات قولىدا تۇت يىلان.

قۇرۇق قالما تاقىدىن،
مىخنى ئاياپ ئولتۇرۇپ.
يازدا ئۇخلاپ قىشتا مۇز
يالاپ يۈرمە ئاھ ئۇرۇپ،

ئۇنى يوقنىڭ خۇنى يوق،
قىمىرلىغان قىر ئاشار.
ئاچ قورساققا ئاچچىق سۇ،
بىكارچىدىن ئەل بىزار.

ئات ئىگەردىن پەس ئەمەس،
پۇل تاپقۇچە ھېساپ تاپ.
ئىچى تارنىڭ گۆرى تار،
ئەل يەكلىسە بەك ئازاپ.

ياماندىن يار بويى قاچ،
كۈل تۇتقىچە چوغ تۇتقىن.
ھۇشيار بولساڭ ئاپەت يوق،
گاھ ئۇتۇلساڭ گاھ  ئۇتقىن.

زامانداشنىڭ زارى بىر،
ئوت بار يەردە تۈتۈن بار.
ھەقىقەتكە دەۋا يوق،
تاش تومۇزدا يېرىلار.

قېنى يوقنىڭ جېنى يوق،
بېشى بارنىڭ بۆكى بار.
پاقا سىيسە كۆل تاشماش،
قوي بۆرىگە گۈناھكار.

دوستى كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ،
دوستۇڭ ئۈچۈن زەھەر يۇت.
دىلى مايماق دوست بولماس،
دوست يىغلىسا ھازا تۇت.

2015-يىلى 27-فېۋرال



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110142
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 06:56:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تىلى يۇمشاق ۋە ئاددى قوشاق ئىكەن.ئادەم بىر ئوقىسىلا چۈشەنگىلى بولىدىغان چۈشنىشلىك قىلىپ يىزىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32152
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 07:10:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇنى سۆۋەتتە ساقلىساڭ،
مۇزنى سۆگەتتە باغلىساڭ.
گۈلدەك ئېچىلار چىرايىڭ،
كۆزنى كىپەكتە ياغلىساڭ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113947
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2015-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 07:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى بولىدىغان تاققا-تۇققۇلاركەن

شۈكرى ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 07:29:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز تاققا -تۇققۇلارنى، شۇنداق مەنىلىك بولۇپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 09:52:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1800 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 09:54:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تاققا - تۇققىلارنى قوشۇقتا يىمەڭلار   دىسەم    ،     بىز  قەنىت يىمەيمىز        كىنو كۆرىمىز  دىيىشىپ ،    ھەممىسى     يولدا  يېتىپ قاپتىكەن  .   تۇتمىغان  كۆچەتلەرنى  مانا ئەمىسە  دەپلا   ،     يانچۇققا سېلىپ  پاتمىغىنىنى   ،    مۈرىگە  ئارتىپ        يېرىم قوينىڭ گۆشىنى ،  كاۋاپ قىلدۇق .     

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 09:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 09:54 PM
تاققا - تۇققىلارنى قوشۇقتا يىمەڭلار   دىسەم    ،     بىز   ...

بۇنداق تېمىدا سىز ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 09:58:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر  كۇپلىتتا بىر ھەقىقەت ، بىر مىسرادا بىر مەنا ..... قايىلمەن قارىخانى ئەپەندىمگە . سالامەت بولسىلا .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 10:19:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تاققا   -تۇققۇلاركەن  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش