|
|
|
|
ئەگەر سىز يانفونىڭىزدىكى شەخسي مەخپىيەتلىكىڭىزگە چېتىلىدىغان ۋە باشقا خىلدىكى رەسىم، تېلفون خاتىرىسى، ئۇچۇرقاتارلىقلارنى ئۆچۈرىۋىتىپ، بۇ ئۇچۇرلار ئەمدى يانفونۇمدا يوق بولدى دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، خاتالاشقان بولىسىز. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتىدىغانلار، جۈملىدىن ئاندىرويىد يانفونى بارلار (ئالما يانفونىنى ئىشلىتىپ باقمىغان) نىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن، شەخسەن مەنمۇ بۈگۈن ئاندىن بىلدىم، مەن يانفونۇمدا ئىلگىرى ساقلىغان، توردىن كۆرگەن رەسىملەر، باشقىلارغا يازغان ئۇچۇرلار، ئۇرغان تېلفون خاتىرىسى (مەن بۇ ئۇچۇرلارنى تېلفوندىن ئۆچۈرۋەتكەن) ئەمەلىيەتتە ئۆچۈرىۋەتكەندىن كىيىنمۇ، يەنىلا «ئىزى» قالىدىكەن، پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمەيدىكەن، بۇ ئۇچۇرلارنى مەلۇم خىلدىكى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرغىلى ياكى كۆرگىلى بولىدىكەن. ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى، بىز بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئاز-تولا ئىزدىنىپ كۆردۈم. قارىسام، ئەمەلىيەتتە بۇنى 360 نىڭ بىر ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئۆچۈرگىلى بولىدىكەن. بۇ يەردە دىيىلگىنى 360 قوغدىغۇچىسى ئەمەس. 360 ئوتتۇرىغا چىقارغان دەرىجىدىن تاشقىرى تازلىغۇچ كەسپى دەرىجىدىكى ئەپ بولۇپ، تېز سۈرئەت ئىچىدە يانفوندىكى ئەخلەت ئۇچۇر،شەخسىي مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار ( بۇنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى ئۆچۈرۋەتكەنرەسىم، قىسقا ئۇچۇر ۋە تېلفون خاتىرىسى، ۋە ئۈندىدار قاتارلىق باشقا ئەپلەردە ساقلانغان ئۇچۇرلارمۇ بار، ) نى ئىزدەپ تېپىپ، مەڭگۈلۈك بىر تەرەپ قىلىۋىتەلەيدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدىغان ئەپلەرنى باشقۇرۇش، يانفون سۈرئىتىنى تېزلىتىش ... قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش، يانفون بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدىكەن. بەلكىم مۇشۇ خىل ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان باشقا دېتاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ دېتالنى ئۆزەم ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىن، تەۋسىيە قىلدىم. ئىشەنمىسىڭىز، بۇ ئەپنى قاچىلىغاندىن كىيىن، «دائىم ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلار» نىڭ ئىچىدىن، «شەخسي مەخپىيەتلىكنى تازىلاش» نى باسسىڭىز، سىز ئىلگىرى ئۆچۈرۋەتكەن رەسىم، ئۇچۇر ۋەتېلفون خاتىرىسىنى كۆرەلەيسىز ۋە ئۇلارنى مەڭگۈلۈك يوقىتالايسىز. چۈشۈرمەكچى بولغانلار تۆۋەندىكى ئىككى ئۆلچەملىككودنى سىكانىرلاڭ: ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا evergreen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-27 11:29 AM
|
|
|
|
|
|