مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 923|ئىنكاس: 7

ئۆسۈملۈكشۇناس ئالىي ئىنژېنېر ئابباس سەئىدى ئەپەندىنىڭ ھاياتى توغ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114178
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2015-2-10
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 05:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1983.jpg

2012 -يىلى 7-ئايدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى غەلبىلىك تاماملاپ شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادىمىيەسىگە خىزمەتكە چۈشتۈم. خىزمەتكەچۈشكەن تۈنجى كۈنى چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدا ئىدارە ئىچىدىكى نەچچە مو كۆلەمدىكى باغنىبىر قۇر ئايلىنىپ چىقتىم. باغدا يوپۇرماقلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان، ئۆسۈششەكلى ھەرخىل بولغان دەرەخ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كۆڭلۈمدە مۇشۇنداق بىر باغ– ۋارانلىق، مۇھىتى گۈزەل ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.ھەمدە بۇ باغنى بەرپا قىلغان پىشقەدەملەردىن چەكسىز سۈيۈندۇم. بىر قانچە كۈندىنكېيىن بىر خىزمەتدېشىمدىن بو باغنىڭ قانداق بەرپا قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭابۇ باغنى مەرھۇم ئابباس سەئىدى ئەپەندىنىڭ بىر قوللۇق بەرپا قىلغانلىقىنى، ئاكادىمىيىمىزدەئىشلەيدىغان رىزىۋانگۇل ھەدىنىڭ ئابباس سەئىدى ئەپەندىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپبەردى. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت تېپىپ رىزىۋانگۇل ھەدە بىلەن پاراڭلىشىش نىيتىگە كەلدىم.

رىزىۋانگۇلھەدە ماڭا پەخىرلەنگەن ھالدا مەرھۇم دادىسى ئابباس سەئىدى ئەپەندىنىڭ ھاياتمۇساپىسىنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، ماڭا بىر مۇنچە ماتېرىيالنىمۇ بەردى. ئۇنىڭسۆزلىرى مېنىڭ مەرھۇم ئابباس سەئىدى ئەپەندىنىڭ ھاياتىغا بولغان قىزىقىشىمنى، ئۇنىڭغابولغان يۈكسەك ھۆرمىتىمنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مەرھۇم ئالىمىمىز ئابباس سەئىدىئەپەندىنىڭ ھاياتى توغرىلىق بىرەر ئەسلىمە يېزىپ، مەرھۇمنىڭ ئىش – ئىزلىرىنىخەلقىمىزگە بىلدۈرۈش ئىستىكىدە مۇناسىۋەتلىكماتىرىياللاردىن ۋە رىزىۋانگۇل ھەدىنىڭ ئاغزاكى بايانىدىن پايدىلىپ ئۈچبۇيازمىنى يېزىپ چىقتىم.

مەرھۇمئۆسۈملۈكشۇناس ئالىي ئىنژېنېر ئابباس سەئىدى ئەپەندى1919- يىلى 12 - ئايدا كۇچاكونا شەھەردە قول - ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1925-يىلدىن 1930-يىلغىچەكۇچا مەدرىسىدە ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان، 1930-يىلدىن 1934-يىلغىچە قەشقەرمەدرىسىدە ئوقۇغان، ھەمدە 1934 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىنغان ھەر قايسى كەسىپلەربويىچە تېخنىكا خادىمى تەربىيەلەش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، 1934 - يىلىدىن 1935- يىلىغىچەئۈرۈمچىدىكى دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1935-يىلى شىنجاڭدىنسوۋىت ئىتتىپاقىغا ئوقۇغۇچى چىقارغاندا، ئابباس سەئىدى ئەپەندىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدائوقۇشقا تاللىنىپ تاشكەنت يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئوقۇشجەريانىدا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان، سەمەرقەنتشەھەرلىرىگە پىراكتىكا قىلىشقا بېرىپ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنىتەجرىبە ئەمىلىيتىدىن ئۆتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش تېخنىكىلىرىنىپۇختا ئىگىلىگەن. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈشكەكىرىشكەن ھەمدە ئانچە ئوزۇنغا بارمايلا روس ۋە ئېنگلىز تىللىرىنى مۇكەممەلئىگىلىگەن. ئونىڭدىن باشقا يەنە نېمىسچە ،لاتىنچە، پارىسچە ۋە ئەرەبچە تىللارنىمۇئۆگەنگەن بولۇپ، بۇنچە كۆپ تىللارنى بىلىش، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماتىرىياللاردىنپايدىلىنىشىغا ۋە نەزەرىيىۋى بىلىمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئاساسسالغان.

1937_副本.jpg

ئابباسسەئىدى ئەپەندى 1940-يىلى ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىنكېيىن، 1944-يىلغىچە كورلا ناھىيىسىدە خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ شىنجاڭنىڭيېزا ئىگلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشتىكى ئۇل سالغۇچى بولۇشتەك مۈشكۈل ھەم شەرەپلىكۋەزىپىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، تىرىشىپ ئىشلەپ،قىيىن شارائىتتىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئۇئالدى بىلەن دېھقانلارغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا بىلىملىرىدىن تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپبېرىپ، ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان ئاڭ - سىزىمىنى ئويغاتقان، ھەمدە دېھقانلارنىڭيېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە دىھقانچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈشكە بولغانچۈشەنچە كۆز-قاراشلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىكلىگەن. قىشتىكى دىھقانچىلىقنىڭئارىسالدى مەزگىللىرىدە مەزكور ناھىيەگە قاراشلىق ھەر قايسى يېزا - كەنىتلەردەكۇرس ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەم ئۇسۇل-چارىلىرى ھەققىدەلىكسىيە سۆزلىسە؛ ئەتىيازدا ماشىنا بىلەن يەر ئاغدۇرۇش، سىيالكا بىلەن ئورۇق سېلىش؛ياز ۋە كۈزدە ئاشلىقنى كومبايىن بىلەن يىغىش ۋە دان يەنجىش تېخنىكىللىرى ھەققىدەساۋات سۆزلەپ ھەم ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ دىھقانلارنى قايىل قىلغان. بۇجەرياندا  ئۇ يىل بويى دىھقانلاردىنئايرىلماي ، ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن. نەتىجىدە، كورلا ناھىيەسىنىڭ يېزائىگىلىكىدە ئېلىنغان ھۇسۇلمۇ تىز ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن كورلا ناھىيەسىنىڭدېھقانچىلىق تەجرىبىسى، جەنۇبى ۋە شىمالى شىنجاڭدىكى دىھقانلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىبولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، مەرھۇم ئابباس ئەپەندى مىللىي مائارىپنىڭتەرەققىياتىغىمۇ ناھايىتى كوڭۇل بۆلگەن بولۇپ، كورلىدا تورغان ۋاقتىدا يېزائىگىلىك باش ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلىگەندىن باشقا يەنە شۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىماتىماتىكا قاتارلىق پەنلەر بويىچە تەربىيەلىگەن.

ئۇنىڭئىش - ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبى شىنجاڭنى تەكشۈرۈشئۆمىكى كورلىغا كېلىپ ئەمەلىيەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ئابباس سەئىدى ئەپەندىنىڭ يېزائىگىلىك ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىش - پائالىيەتلىرىنى شۇ چاغلاردىكى گېزىت -ژورناللاردا تەشۋىق قىلدۇرغان ۋە ئابباس ئەپەندىنى خېلى كۆپ پۇل بىلەنمۇكاپاتلىغان. ئابباس سەئىدى ئەپەندى ئۆزىگە بېرىلگەن مۇكاپات پۇللىرنىڭ ھەممىسىنىيەنىلا بۇ ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قورال - سايمانلارنىسېتىۋېلىش ۋە يېزا - ئىگىلىك تېخنىكلىرى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىشقا ئىشلەتكەن.

ئابباسسەئىدى ئەپەندىنىڭ يۇقارقىدەك خىزمەت نەتىجىلىرىنى كۆرگەن ئۆلكىدىكى مۇناسىۋەتلىكرەھبەرلەر ، ئۇنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئابباس سەئىدى ئەپەندى 1946-يىلدىن 1948-يىلغىچە نەنجىڭ مەركىزى يېزائىگىلىك تەتقىقات ئورنى ئاچقان «مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۈرۈش كۇرسى»دا شىنجاڭدىنكەلگەن بىردىنبىر بىلىم ئاشۇرغۇچى بولۇپ ئوقۇپ، "ئالىي باش ئىنژېنېر " ئۇنۋانىغائىرىشكەن ۋە شىنجاڭ تەمىنات نازارىتىنىڭ دىھقان-ئورمانچىلىق بۆلۈمىگە بۆلۈمباشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ جەرياندا «شىنجاڭ باغۋەنچىلىكى» دىگەن كىتابنى يىزىپنەشىر قىلدۇرغان.

شىنجاڭتىنچ ئازات بولغاندىن كېيىن، ئابباس سەئىدى ئەپەندى ئۆز قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ،ۋەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پەيىتنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىدىن چەكسىز سۆيۈنگەنۋە تېخىمۇ بېرىلىپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ 1953-يىلغىچە قەشقەر، ئۈرۈمچىلەردەئېچىلغان دىھقانچىلىق، ئورمانچىلىق تېخنىكوم كۇرسلىرىدا دەرس ئۆتۈپ، نورغۇنلىغان دىھقانچىلىق،ئورمانچىلىق كەسپىي تېخنىكلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۇقۇتقانئوقۇغۇچىلىرىنى ھازىرمۇ شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن دىگۈدەك تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭمۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىر ئورمانچىلىق ساھەسىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە مۇھىمخىزمەتلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

1953-يىلىئورمانچىلىق نازارىتى ئابباس سەئىدى ئەپەندىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ليۇداۋەنكۆچەتخانىسىغا يۆتكەپ، مەزكۈر كۆچەتخانىنىڭ مۇدىرى ۋە قۇشۇمچە ئورمان تېخنىكىقىلىپ بەلگىلىگەن. بۇ كۆچەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنى كۆچەت بىلەنتەمىنلەش ئىدى. لىكىن، شۇ چاغدا كۆلىمى 160مۇ كېلىدىغان بۇ ۋەيرانە باغدا ئارانلابىر نەچچە تۈپ قېرى تاغ تېرىكى، سۆگەت ۋە قاراياغاچلا بار ئىدى، ئابباس سەئىدىئەپەندى بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، 1953-يىلدىن 1966-يىلغىچەبولغان 14 يىللىق ھاياتىنى سەرپ قىلىپ، چارلىز دارۋېننىڭ «تەدرىجى تەرەققىياتقانۇنى»، مىچۇرىننىڭ «ئىقلىملاشتۇرۇش تەلىماتى»نى ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزگۈرۈشچان سوغۇقھاۋا كېلىمات شارائىتىغا تەدبىقلاپ ئۆگۈنۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ «ئۈرۈمچىدەمېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ» دىگەن تارىخقا خاتىمە بەرگەن.

1957-يىلىئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭئىسسىق، سوغاق ۋە مۆتىدىل بەلۋاغلىرىدا ئۆسىدىغان ھەرخىل دەرەخ ئورۇقلىرىنى يىغىپ،ئىكىسكۇرسىيەنى ئورمانچىلىق ماتىرىياللىرىنى يىغىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى قىلغان.ئابباس سەئىدى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ئۆمرىنى يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىقئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا سەرىپ قىلىپ، ۋەتەنگە ۋە خەلققە تۆھپە يارىتىش يولىداتىنىم تاپماي ئىزدەنگەن. مەدىنىيەت ئىنقىلابىدىن بورۇنقى 10 نەچچە يىلدا بۇكۆچەتخانا ئۈرۈمچى شەھىرىنى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 نەچچە مىڭ تۈپ ھەرخىلدەرەخ كۆچىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇرباغ رايۇنىدا ۋەشەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا باراقسان ئۆسۈپ شەھەرگە ھۆسۈن بېرىپ تۇرغان ھەر خىلئورمانلار مانا مۇشۇ كۆچەتخانىدا 50-يىللاردا ئابباس سەيىدى ئەپەندىنىڭيېتەكچىلىكىدە يېتىشتۈرۈلگەن كۆچەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئۆزئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈش كىشى ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت. ئابباس سەئىدى ئەپەندى نۇرغۇنقېتىملىق ئىزدىنىش، تىنىم تاپماي ئىشلەش ۋە ئۆزلۈكسىز تەتقىق قىلىش ئارقىلىقئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى مېۋىلىك باغ بىنا قىلغان. بۇ باغدا ئىسسىق، سوغۇق ۋەمۆتىدىل بەلۋاغنىڭ 120 خىلدىن ئارتۇق مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز دەرەخ سورتلىرى ئىقلىملاشقانبولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادى قىممىتى يۇقىرى، ھەربىي سانائەتكە كېرەكلىك دوپ،گىلدىچىيە، بارخات، مانجۇرىيە ياسىنى، جۇڭگۇ ياسىنى، كارىيە، قەغەز دەرەخ،تۇخۇمەك، لىپا، كاتالغا، بىرىسكىلىت، لىسپىدىزىيە، ئامورپا، سېرىق ئاكاتسىيە،سانۇبەر، قېيىن دەرىخى، مەشئەل دەرىخى، ياۋرۇپا قاراياغىچى، ئەرمىدۇن، پىكراسما،چۈلۈك، كاركاس، زەرەڭ، تېرەك، سۆگەت؛ مېۋىلىك دەرەخلەردىن ئالمىنىڭ ھەرخىلسورتلىرى، ياڭاق، گىلاس، جىنەستە، ئالخورى، مالىنا، قۇلۇپنىك، شاپتۇل، ئۈرۈك،ئۈزۈم، ئامۇت، ئالگىرات، ئالوچا، قارا ئۈرۈك، ياۋا بادام، قارىقات، بۆلجۈرگەن،دۇلانا، ئۈجمە قاتارلىقلار بار ئىدى. قىسقىسى، بۇ كۆچەتخانا ئىسىمى جىسمىغا لايىق«ئورمان كۆرگەزمىخانىسى»غا ئايلانغان ئىدى. ئاشۇ يىللاردا بۇ كۆچەتخانا يەنە ئۈرۈمچىدىكىئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكۇملارنىڭ پراكتىكا مەيدانىمۇ بولغان ئىدى.

شۇمەزگىللەردە ئابباس سەئىدى ئەپەندىنىڭ پۈتۈن ئەس - يادى مۇشۇ باغدىلا ئىدى. ھەر بىرتۈپ كۆچەتنى خۇددى ئۆز بالىسىدەك كۈيۈپ - پىشىپ پەرۋىش قىلاتتى. كېچىنى كۈندۇزگەئۇلاپ جاپالىق ئىشلەيتى.

ئەپسۈسكى،بۇ پىشقەدەم مۇتەخەسىسنىڭ جان-كۆيدۈرۈپ ئىشلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئورمانچىلىق ئىلمىيتەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوغدىشى، 1966-يىلى باشلانغان " مەدەنىيەت زورئىنقىلابى" مەزگىلىدە ئۇنىڭ تارتىپ چىقىرىلىشىغا سەۋەب بولدى. يامانغەرەزدىكى بەزى كىشىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «ئابباس ئومۇمنىڭ بېغىنى ئۆزىنىڭشەخسىي مۈلكىگە ئايلاندۇرىۋالدى، ھەمدە بۇ ئورۇننى يۇقىرى قاتلام شۇجىڭجۇيچىلاربىلەن تىل بىرىكتۈرىدىغان قارا ئۇۋىسى قىلىۋالدى، ........» دىگەنگە ئوخشاشبەتناملار بىلەن قارىلاپ، ئۇنى يېزىغا چۈشۈرىۋەتتى.

توتكىشىلىك گورۇھ يوقىتىلغاندىن كېيىن ئابباس سەئىدى ئەپەندى ئۈزۈل - كېسىل ئاقلىنىپچىقىپ، يېڭىچە شىجائەت بىلەن ئىشقا كىرىشتى. ئۇ ئۆزى بىنا قىلغان باغقا يېنىپ كىلىپيەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۈن – تىنسىز ئىشلەشكە باشلىدى. ھەمدە يېزائىگىلىك ساھەسىدىكى50 يىللىق تەجرىبىسىنى «ھازىرقى زامان يېزائىگىلىك ئاساسلىرى» دىگەن كىتابىغايىغىنچاقلىدى.

1980_副本.jpg

1984-يىلى ئابباس ئەپەندىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن،شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇقپەن-تېخنىكا جەمىيىتى ئۇنىڭغا «ئالىي ئېنژېنىر» ئۈنۋانىنى بەردى، شۇ يىلى ئۇ يەنە جۇڭگوپەن-تېخنىكا جەمىيىتىنىڭ تەبئىي پەنلەر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى.1983-يىلى دۆلەت مىللىي ئىشلار كومتېتى، ئەمگەك كادىرلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىكپەن- تېخنىكا كومتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن «ئاز سانلىق مىللەت رايۇنىدا ئوزۇنمۇددەت پەن-تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان» دىگەن ئالاھىدە شەرەپنامەگەئېرىشتى. 1984-يىلى جۇڭگو ئورمانچىلىق ئىلمىي جەمىيىتى تەرىپىدىن ئاساسىي قاتلامغاچۇڭقۇر چۆككەن مۇنەۋەر ئورمان كادىرى دەپ «جىنسۇڭ» مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلاندىھەم خاتىرە مىدالىغا ئېرىشتى.

1979_副本.jpg

ئابباسسەئىدى ئەپەندى ئۆز ئۆمرىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە باغۋەنچىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىئۈچۈن سەرپ قىلدى.ئۇنىڭ يەنە كۆڭلىگە پۈككەن نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلىرى بار ئىدى.مىڭ ئەپسۇس، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ 1984-يىل 12-ئاپرىل64 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇقيېزائىگىلىك كومتېتىنىڭ مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇقيېزائىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيسى ئورمان تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋە شىنجاڭئويغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئىدى.

مەرھۇمنىڭباسقان ئىزلىرىنى يېڭىچە قەدەملەر بىلەن داۋاملاشتۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپبولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ، ئەلۋەتتە!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( V% `3 d$ d: n0 _! |

1956_副本.jpg

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 09:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئابباس سەئىدى ئەپەندىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلدۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ئۈرۈمچىدە مىۋىلىك باغ بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس دىگەن سۆزگە رەددىيە بېرىپ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىپتىكەندە . ھازىرغۇ ئۈرۈمچىدە باغ ئەمەس تۈزۈكرەك دەرەخمۇ قالمىدى .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14947
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 09:26:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ئۈرۈمچىنى ئۈرۈمچى قىلىپ تۇرغان شۇ باراقسان قاراياغاچىلار ئەسلى ئابباس ئەپەندىنىڭ ئەجرىنىڭ مېۋىسى ئىكەندۇق -تە ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) _" m& d) ^/ p# s5 mبۇرۇنقىلار تىككەن كۆچەتتە كېيىنكىلەر سايىدايدۇ .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 11:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز.... بىزنى بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7942
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 11:48:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ياراملىق ئوغلانىمىز بىلەن تونۇشۇشىمىزغا كۈچ چىقاردىڭىز تەشەككۈر ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12338
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7702 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 01:26:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان بۈلدۈرگىڭىزدىن خەۋەر تاپتۇق يەنە بىر سۈيۈملۈك ئوغلىمىزنى بىلىۋالدۇق.

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 299 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 08:17:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلىڭىز  ئەمەستۇ ، بوۋام دېيىشىڭىز كېرەك …
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ @5 E5 V" ]% \- Wبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& v, V, |7 u: }; i
چاقچاق جۇمۇ …بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ b. |+ r* F0 W9 O0 i/ }

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, {6 b% M( \1 L+ S! `2 v8 ?ئابباس سەئىدى ئاكىنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ياخشى ئىشلىرىدىن سۆيۈندۈم …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 10:32:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،ئاتاقلىق ئالىمدىن بىرنى تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا......

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش