<....پۇل....>
رۇزى تىيىپ
ئادەملەرنى يۈگۈرتۈپ ياتقۇزمىغان پۇل،
ھالال ۋە ھارامنى ئايرىتمىغان پۇل.
قېرىنداشنى يات قىلىپ پاتقۇزمىغان پۇل،
كېچىلەردە غەم بىلەن ياتقۇزمىغان پۇل.
تالاشتۇرۇپ بارچىنى،شامال بولۇپ ئۇچقان پۇل!.
ئامەت كىلىپ بەزىلەر،شان-شەرەپلەر قۇچقان پۇل،
ئۇخلاپ يېتىپ بەزىلەر،ئوڭدا يېتىپ تاپقان پۇل.
كېچە-كۈندۈز ئىشلىسە قوساق تويماي بەزىلەر،
ۋىجدانىنى،غۇرۇرنى،ئونتۇلدۇرغان غەمسىز پۇل.
تەڭسىز بولغاچ سەن شۇڭا،لەنەت كۆپتۇر نىجىس پۇل!.
سىنى ئىزلەپ بارچىلەر ھەر كويلاردا يۈرمەكتە،
سىنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر ھەر قىسمەتنى كۆرمەكتە.
سىنى قېزىپ تاپالماي قاننى سېتىپ يۈرمەكتە،
قېرىنداشلار سەن ئۆچۈن ئاچچىق يۈتۈپ يۈرمەكتە.
ھەر قىسمەتتە بارچىنى، شۇنداق تاۋلاپ يۈرگەن پۇل!.
سەن بولغاچقا بەزىلەر،شۇنچە خوشال باياشات.
كۆرەلمەيدۇ قىشتىمۇ قار-شىۋىرغان،سوغ ھايات.
سەن بولمىسائولارغا ئاچچىق تەمسىز بۇ ھايات،
پۇل بولمىسا ئولارغا بىر تۇققانمۇ بولار يات.
بەزىلەرنى كۈلدۈرۈپ ،شۇنداق دەۋران سۈرگەن پۇل!.
سېنى تېپىش ئىنسانغا،بىر نىشانغا ئايلاندى،
سەپلەر تۈزۈپ رەتمۇ-رەت جەڭگاھلارغا ئاتلاندى.
يىلان كۆپتۇر ئارمانلار،دوكلات قىلىپ راسلاندى،
ئونتۇپ بارچە ھەممىنى،پۇل تېپىشقا يول ئالدى.
بىر ئىشلاردا ئالدىراش،رېستۇرانغا چاپقان پۇل!.
ئىنساپ تىلەي بارچىگە،پۇلنى دەپلا ئۆتمەيلى،
پۇل بولمىسىمۇ بولماس،نامىمىزنى سېتىپ يۈرمەيلى.
پۇل ئۆچۈن بەزىلەرنى قان يىغلىتىپ، كۈلمەيلى،
تۈگەپ كىتەر شۇ پۇلمۇ،مېھىر-مۇھەببەتنى ئونۇتمايلى.
بۇ كەڭ جاھانغا ،ئادالەتسىزلىك تونى ياپقان پۇل!.
مەنبە:ئۆزەم قەلىمىم.
2015-يىل2-ئاينىڭ 26- كۈنى.