تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ
قاراخان،
زۇۋۇلام كىچىك يا يوغان ئۈزۈلسۇن.
پۇت قولۇم قىسقا يا ئۇزۇن سوزۇلسۇن.
بۇ تېنىم بالدۇر يا كېيىن سوۋۇسۇن،
تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ.
خۇي –پەيلىم ئۆزۈمگە ھەممىدىن ئايان،
ماڭا تار ئۆزگىگە ئەمەس كەڭ جاھان.
ئۈلپىتىم قاغىمۇ، يىلانمۇ، چايان،
. تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ.
بىر قارنىم ئاچلىقتىن قالمىدى ئۆلۈپ،
ئۇچام سوغ، ئاپتاپتا كەتمىدى كۆيۈپ.
ھاياتنى سېنىڭدەك يۈرسەممۇ سۆيۈپ،
تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ.
يەردە پەي، تۇخۇممەن، كۆكتە ئويناق قۇش،
دېڭىزدا كۆكچايكا، جۇتتا بورانقۇش.
بولساممۇ سەكراتتا ئاداققى تاۋۇش،
تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ.
يولۇمدا پۇتۇمغا يۇقتى چاڭ- توپا،
قالمىدى كەزمىگەن ئويمان- دۆڭ، چوققا.
گاھ كۈلسەم، ئېتىلىپ چىقتى گاھ يىغا،
تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ.
ئالدىمغا ،ئارقامغا باقتىم باپلىنىپ،
پىتنىگە ،تۆھمەتكە كەتتىم چاپلىنىپ.
بىگۇناھ بولغاچقا كەتتىم ئاقلىنىپ،
تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ.
تۇغۇلۇش ،ئۆلۈشمۇ پەقەت بىر قېتىم،
ئۇرۇق، يەر، ھاۋاغا باغلىقتۇر تېرىم.
بېتىمدە ئار-نومۇس ،تىلىمدا تېتىم.
تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ.
،
بۇ ھايات ئېقىنى تاقاقسىز ئەمەس،
كۆك يۈزى بۇلۇتسىز چاقماقسىز ئەمەس.
ئېقىن ،كۆل،تومۇرلار ئاداقسىز ئەمەس
، تاشقىنىم بىر كۈنى كېتەر ئېقىتىپ
2015-يىلى 25-فېۋرال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 01:21 PM