بالام
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
ئەلمىساقتىن ئاپەت جۈپ، ئامەت كېلەر تاق بالام،
زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق بالام.
ھەر كىشىنىڭ ئۆز بەختى ئۆز قولىدا ھەر زامان،
مېھنەتلىرىڭ قەنتىنى ئۆزۈڭ راسا چاق بالام.
كۈندۈزدىمۇ يول ماڭساڭ ھەمرا قارا كۆلەڭگەڭ،
پەخەس بولغىن شەيتانغا -ئەتراپىڭغا باق بالام.
ئادەم ئادەم ئەل بىلەن مايىللاشقىن ئاۋامغا،
كۆيۈپ ئەلنىڭ ئوتىدا سۇلىرىدا ئاق بالام.
ئەگرى-توقاي مۇساپە تۇر!!!+ مۇش!!! يولى ئەزەلدىن،
مەنزىلىڭدىن ئاداشماي ئەركىن قانات قاق بالام.
ئادەم ئەتسە تازىم ئەت پىدا ئەيلەپ جېنىڭنى،
دېسە نامەرد: «دوستلىشاي» كەسكىن ئېيتقىن: «ياق!!!» بالام.
ئەركزاتتىن نەسىھەت ئېسىڭدە تۇت ئاق بالام،
كۈلۈپ باقار سائادەت بولسا كۆڭلۈڭ ئاق بالام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 01:42 AM