قوشاقلار قاتقىنىم قاتقان
مەخەت ئابدۇرېھىم
نىگارىم،ئىشقى ئوتۇڭغا ئۆزۈمنى ئاتقىنىم ئاتقان،
ئوتوڭدا تولغۇنۇپ قىلدەك،قېشىڭدا ياتقىنىم ياتقان.
سېنىڭ ئىشقىڭ ۋۇجۇدۇمنى تامام ئۆزىگە رام قىلغاچ،
ساڭا تەشنا يۈرەكىمنى يۈرەككە ياققىنىم ياققان.
دىلىم سۆيگەن باھارىمسەن،غۇبارسىز تاڭدىكى گۈل سەن،
سېنىڭدەك بىر قىزىل گۈلنى چېكەمگە ئاسقىنىم ئاسقان.
لېۋىڭدىن بال سۈمۈرگەچكە خۇشال ئۆتمەكتە بۇ كۈنلەر،
ھاياتتا تىلتۇمارىمسەن،كۆڭۈلنى ئاچقىنىم ئاچقان.
بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە،پەرىشان بولمىغىن ھەرگىز،
بولوپ دەردىڭگە چىن دەرمان،ساڭا جان قاتقىنىم قاتقان.
چىگىلگەچ رىشتىمىز مەھكەم،خىيالىم ھەر قاچان سەندە،
ئەگەر ئاينى كېرەك قىلساڭ،ئامال بار تاپقىنىم تاپقان.
مۇشەققەت ئىلكىدە قالساڭ،ئېغىر غەملەرگە دۇچ كەلسەڭ،
بولوپ پەرھاد،مۇشەققەتنىڭ تېغىنى چاپقىنىم چاپقان.
سېنى قىشتا-زىمىستاندا قوياشتەك ئىللىتىپ ھارماي،
ۋەياكى چاڭقىساڭ چۆلدە،سۈزۈك سۇدەك ئاققىنىم ئاققان.
كۆرۈپ تۇرسام،تولون ئايدەك سېنىڭ نۇرلۇق جامالىڭنى.
ھامان كۈرمىڭ جاپالارنى سېنى دەپ تارتقىنىم تارتقان.
جانانىم،قويمىغىن داغدا ساڭا سادىق بۇ كۆڭلۈمنى،
بولۇپ مەڭگۈ غەزەلخانىڭ قوشاقلار قاتقىنىم قاتقان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 12:00 AM