پۇراق چاچقىن، ئەي گۈزەل سەھرا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 S) X. ?( g: H' r6 l zبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* t1 f5 z+ h2 U
( نەسىر )
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ |1 c/ i4 ]5 g6 I* `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 B3 k; X- Y2 i$ v& E- X* L
ئامانگۈل ئابدۇكېرەم زىبا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ O( x5 ^& I% z9 x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) d1 Y: t% Q, S0 O
بۈگۈن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك روھلۇق ،كۈتۈرەڭگۈ ،قەدەملىرىنى توخۇ پەيلىرىدەك يەڭگىل ھېس قىلدىم .قاغجىراپ كەتكەن قەلبىم ئۆز تەشنالىقىنى قاندۇرماقچى بولغاندەك ،ئىچ –ئىچىمدىن چىققان بىر ئوتلۇق سېغىنىش، چاك –چاك بولغان باغرىمدا چۇقان سالماقتا .
ئاجايىپ لەرزان بىر خىل تەلپۈنۈش،تەلمۈرۈش ،زارقىش ئىچىدە كىتىۋاتىمەن ،قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئاستا .ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىگە تويماي –تويماي قارايمەن ،خۇددى ھىلىلا ئۇلارنى يىتتۈرۈپ قۇيدىغاندەك بىر خىل كەيپىيات قەلبىم تەكتىدە مەۋۇج ئۇرماقتا.
سەھرانىڭ ئالتۇندەك ساپ ھاۋاسىدىن تويماي نەپەس ئېلىش ئۈچۈن يوغان –يوغان تىنىپ ،ئوتلۇق تىنىقلىرىم ئارقىلىق ھىدلىماقتىمەن.
بۇندىن5يىل بورۇن ھەر بىر تۇپرىقىدىن قەدىمىيلىك تۈكۈلۈپ تۇردىغان جەننەتتەك بۇ گۈزەل جايدىن قىيالماسلىق نەزىردە ئايىرلغان ئىدىم.شۇندىن بىرى تالاي قېتىم چۈشلىرىمدە كۆردىم ،خىزمەتتىن نەتىجە قازانغان چاغلىرىمدا ،بىرەر قىيىنچىلىققا يۇلۇققان چاغلىرىمدا يەنىلا مۇشۇ مۇقەددەس زىمىننى ،مۇشۇ زىمىندا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى تالاي –تالاي قېتىم ئەسلىدىم،ئەمما زىنھار كىلەلمىگەن ئىدىم .
مانا بۈگۈن ۋاقتى –سائىتى كىلىپ قايتا دىدار مۇلاقەتتە بولۇش نىسىپ بوپتۇ .شۇڭا ھاياجاندىن تىپچەكلىگەن يۈرۈگۈمنى بىر پەس جىملەپ ئەتراپىمدىكى ھەر بىر شەيئىگە تويماي قاراپ ،كۆز قارچۇقىمغا ئويۇۋالماقچى بۇلىۋاتىمەن .
پاھ !! ئۆزگىرىش نىمە دىگەن زور –ھە !....
بۇرۇن ھۇشۇغىمغىچە تۇپا كىچىپ ماڭدىغان يوللار ،ماي ياتقۇزۇلۇپ ئادەمنىڭ شولىسى چۈشكىدەك راۋان بولۇپ كىتىپتۇ .يول بۇيىدىكى زۇمچەك –زۇمچەك پاكار ئۆيلەر ،ھىلىلا يىقىلىپ چۈشدىغاندەك ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدىن شاخ –شۇمبىللىرى ساڭگىلاپ قالغان چەلىلەر،چىتلاق قىلىپ ،قۇشامداپ ياسالغان ھويلا –تاملارنىڭ ئورنىغا ،قاتار –قاتار قىلىپ ئوخشاش لايھىلەنگەن ،پىششقىشتىن سېلىنغان ئازدە –يورۇق ئۆيلەر سېلىنىپتۇ .ئۆينىڭ ئالدىللىرىدا قىش كۈنلىرى چۇكا مۇزلارنى ئۈزىگە ھەمرا قىلىپ جەھلى قاتىدىغان باسما قۇدۇقلار ئېلىنىپ ،ھەممە ئۆيلەر تۇربىلاشتۇرلۇپتۇ.
قىسقىسى ئۆزگىرش شۇنچىلىك زور ،ئەمما كۆڭلۈمنى ئەڭ يېرىم قىلغىنى يول بويلىرىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالاشقاندەك ھەيۋەتلىك ئۆسكەن سۇۋادان تىرەكلەرنىڭ ،خۇددى بىر –بىرى بىلەن بەس تالاشقاندەك يولنىڭ ئىككى تەرپىدە بۆككىدە ئۆسكەن تاللارنىڭ ،جىگىدە دەرەخلىرىنىڭ قارسىمۇ كۈرۈنمەيدۇ .
ئۇ قۇشلارنىڭ ئۇۋىسى ئەمەسمىدى ،ئىشچان ،باتۇر ،ئەمگەكچان خەلىقنىڭ زەبەردەس ئوبرازى ئەمەسمىدى .يۈزلىرىمنى تاڭسىق بىر ھىد ھىدىلاپ ئۆتتى .كۆزۈمدىن چۈشكەن ئىككى تامچە ياشنى سۈرتكىنىمچە ،مائارىپ بۇسۇغىسىغا تۇنجى قەدىمىمنى باسقاندا مىنى ئىللىق قوينىغا ئالغان ئانا مەكتەپكە قەدەم باستىم .بۇ مەكتەپ مىھرىبان ئانامنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن ،گەرچە مەن ئوقۇشقا مۇيەسسەر بۇلالمىساممۇ لىكىن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنىنى كۈتۈۋالغان مەكتەپ ئىدى .شۇڭا بۇ مەكتەپتە ئانامغا ئوخشاش تالاي جاپاكەش ئانىلارنىڭ ،قەددى چىناردەك زەبەردەس ئاتىلارنىڭ سىماسى ،ئىزلىرى بار ئىدى .
مانا، چۇڭقۇر خىياللار ئارسىدا لەيلەپ مەكتەپ ھويلىسىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقتىم .قانماي ،تويماي نەپەس ئالدىم .ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە ئالا قويماي كۆز يۈگۈرتتۈم .بىردىنلا بىر نەرسە ئىسىمگە كەلگەندەك قىلىپ،دەرھال مەكتەپ ئارقىسىدىكى باغقا يۈگۈردۈم .
-توغرا،باغدىكى مەن ئوقۇغۇچىللىرىم بىلەن بىللە ئۆز قۇلۇم بىلەن تىككەن كۆچەتلەر مىنىڭ كەلگىنىمدىن خەۋەر تېپىپ ،شىلدىر –شىلدىر ئاۋازلىرى بىلەن مېنى چاقىرۋاتاتتى .
دىمەك _ئۇلارمۇ مېنى سېغىنغان،مەنمۇ ئۇلارنى سېغىنغان ئىدۇق .ھەر بىر تۈپ كۆچەتنىڭ قېشىغا ئىرىنمەي باردىم ،بويۇن قىسقان شاخلىرىنى سىلىدىم ،تۇتتۇم ،مۇشۇ تۇپراقتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مىھرىبان ئانامنىڭ ۋە يىراق –يىرقلارغا ئۇچۇرما بۇلۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىللىرىمنىڭ ھىدى كىلەرمۇ دەپ پۇرۇدۇم ،ھىدلىدىم .ئىچ –ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىققان بىر مۇڭلۇق كۈيلەرگە جۈر بولغاچ بۇلدۇق –بۇلدۇق كۆز ياشلىرىم ئارقىلىق سىرىمنى تۆكتۈم ،كۆز يېشمنى چۇڭقۇر مىھرىم بىلەن قۇشۇپ ئۇلارنى سۇغاردىم .
مانا ھەر بىر تەنەپپۇس ئارلىقىدا بالىلار بىلەن چۇرقۇرشۇپ يۈرۈپ ئېغتىپ يىگەن ئۈرۈكلەر ،بالىلارنىڭ ئۈزۈپ بەرگىنىگە قانائەت قىلماي ،ئىلەڭگۈچتەك پۇلاڭلاپ تۇرۇپ ئۆز قۇلۇم بىلەن ئۈزۈپ پۈۋلەپ،ھۇزۇرلىنىپ يىگەن ئۈجمىلەر .......ھەممىسى مۇڭلۇنۇپ ،ئېغىر سۈكۈتكە چۈمۈپتۇ .بەلكىم ئۇزاقتىن بېرىقى يالغۇزلۇق ،جىمجىتلىق ئۇلارنىڭ ھەر بىرشاخ -شۇمبىللىرىغىچە ئېچنىشلىق بىر ئازاپ ،تەڭداشسىز بىر سېغنىشنى سىڭدۈرۋەتكەن بۇلشى مۇمكىن .
ئاھ !!!تېخى بالىلىقىنى تاشلىمىغان بالا مۇئەللىم .... سەبىيلكى ،چىچەنلىكى كۆزلىردىن تۈكۈلۈپلا تۇردىغان ئانا سەھرانىڭ ئەركىن تايلىرى ....نەقەدەر گۈزەل چاغلار ئىدى –ھە !
ھاياجانلانغان كۆزلىرىمنى كۆك قەھرىگە تىكىپ قەلبىمدىكى ئىسيانلىرىمنى يۇشۇرماقچى بولۇپ ،بىر پەس خىيال سۈردۈم ،ئاندىن يەرگە ئىڭىشىپ ئالقىنمغا سىقىم –سىقىم تۇپىلارنى ئېلىپ چاچتىم .تۇپا ئۈستىگە بارمىغىمدا خەت يازدىم ،رەسىم سىزدىم ...بىردەم تۇرۋېلىپ تۇپىغا يېزىلغان ئىسملارنى ئوقۇشقا باشلدىم ۋە چاقىردىم ....
-ئەنۋەر ،ئالىم ،ھۆرىگۈل ،ئارزىگۈل .....،ئەمما ئىسمى چاقىرىلغانلارنىڭ بىرىمۇ ھە دىمىدى .چۈنكى ئۇلار بۇ يەردە يوق ،بۇ يەردىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ .ئۇلار مەن بارالمىغان يەرلەرگە باردى .مەن يىتەلمىگەن ئارزۇ –ئارمانلىرىمغا ئۇلار يىتىش ئۈچۈن ئىلىم –پەن ئاسمىنىغا ئات سالدى ....مەن سىلەردىن پەخىرلىنىمەن باللىرىم .سىلەردىن سۈيۈنىمەن ،ئىپتىخارلىنىمەن .شۇ تاپتا سىلەرنى شۇنچىلىك كۆرگىم كەلدى ،شۇنچىلىك سېغىندىم .بۇ خىل سېغنىشنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن .
سىلەردىن ئايرىلىپ نۇرغۇن بالىلارنى ئوقۇتتۇم ئەمما ئۇلاردا سىلەردىكى تىرىشچانلىق ،غەيرەت –جاسارەتنىڭ يېرىمىنىمۇ كۆرمىدىم .پەقەت 6سىنىپلىق كىچىككىنە مەكتەپتە ئەتتىگىنى بىر كىرسەك كەچ بولغىچە بىر –بىرىمىزنىڭ تىنقىنى تىڭشاپ ،قۇرساق كوكىرمىغىچە چۈش بولغىننى تۇيىماي ئىشلەيتۇق ،ئۈگىنەتتۇق.ياز پەسلىدە پىژغىرىم ئىسسىقتا ،سىنپنىڭ ئىچى ئىسسىپ ،سىلەرنىڭ چىكەڭلەردىن قۇيۇلغان تەرلەرنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ <<چىداڭلار باللىرىم،ئىمتاھانغا ئاز قالدى >>دەپ تەسەللى بىرەتتىم.سىلەر شۇنداق ئۈن –تىنسىز ئۈگىنەتتىڭلار ،باشقا سىنىپتىكى بالىلار تەنەپپۇس قىلىپ ئوينىسىمۇ سىلەر يەنىلا سىنىپتا، غېرىپ پارتاڭلارغا ھەمرابولۇپ ئۈگىنىش قىلاتتىڭلار.قۇلۇڭلاردىن دەپتەر ،كىتاپ چۈشمەيتى .
ھازىر يۆتكەلگەن مەكتىپىم ئۈچ قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنغان ،ئوقۇغۇچى سانى سىلەرنىڭكىدىن 10 ھەسسە كۆپ ،شارائىت شۇنچىلىك ياخشى ،سىنپلارنىڭ ھەممىسىگە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىللىرى سەپلەنگەن .ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش كىتاپ پۇلى تاپشۇرالماي بويۇن قىسمايدۇ ،كىتاپلىرى ھەقسىز.سىلەرگە ئوخشاش ئەتتىگىنى ئاناڭلار سومكاڭلارغا سېلىپ بەرگەن ناننى قۇرۇق سۇ بىلەن تۈگۈرۈپ يەپ ئولتۇرمايدۇ .چۈشتە ئۇلارغا يەيدىغان تاماق تەييار يەنە كىلىپ ھەقسىز.ئەمما ئۇلار سىلەرچىلىك تىرىشچان ئەمەس ،سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كىتاپ چۈشمىسە ئۇلارنىڭ قۇلىدىن ئويونچۇق ،تىكتاك توپ ،تانا قاتارلىق نەرسىلەر چۈشمەيدۇ.سىلەر شۇ ۋاقىتلاردا مەن بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيمەن دەپ نەچچە رەت تاپشۇرۇق دەپتەرگە باش قۇيۇپ ئۇخلاپ قالغان بولساڭلار ،ئۇلار كەچلىرى بەرگەن تىلىۋىزىيە قاناللىردىكى كارتۇن فىلىم ،يەنە ئاللىقانداقتۇر پىرگىراممىلارنىڭ بۈشكىدە ئۇخلايدۇ .ئەتتىگىنى شۇنداق قاملاشتۇرۇپ يالغاننى توقۇيالايدۇكى ،ھەيييييييييي ... نىمىشقا تاپشورۇق ئىشلىمىدىڭ ؟دېگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئالى سىنىپ ئىچىدە خىجىللقتىن كىرەرگە يەر تاپالماي قالىدۇ .....
ئىنسان <<بىرنى كۆرمىگىچە بىرنىڭ قەدرىگە يەتمەس >>دەپ نۇرغۇن قېتىم قەدرىڭلار ئۈتۈلدى باللىرىم ،بۇنى ساناپ –ساناپ تۈگىتەلمەيمەن .
ئوقۇڭلار،تىرشىڭلار!!!! مەنلا ئەمەس سىلەرنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا –ئاناڭلار ،ئانا يۇرتۇڭلاردىكى خەلقىڭلار ھەممىسى سىلەردىن پەخىرلەنسۇن !!!!!
مەن سىلەرگە دىمەكچى بولغانلىرىمنىڭ ھەممسىنى مۇشۇ ئەزىز زىمىنغا ،مەكتەپ قوينىدىكى تۇپراققا تۈكۈۋەتتىم .سىلەر تەتىل قىلىپ كەلگەندە گۈزەل سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسدىن مىنىڭ تىنقىمنى ھىدلاڭلار ،ئارزۇ –ئارمانلىرىمنى ،سېغنىشلىرىمنى سۈمۈرۋېلىڭلار.
پۇراق چاچقىن، ئەي گۈزەل سەھرا !!!!!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# _. G6 C+ ]- r+ O# f; B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 g3 {- W o- s1 y* W! A8 m$ i بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 02:02 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% C$ g5 u& Y3 ^: s9 i2 T6 |9 y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- G! w; L7 m. Q( D