لىۋىنى چىشلەيدۇ چۈشىدە ئۆتمۈش
تۆتتاش
كىروراننىڭ ئۇچتى رومالى
زىمىنىنى سۈيۈپ ئالدىراش،
كۈلۈپ چىقار تۇنۇش بىر قۇياش.
تەنھا ئەمەس لىكىن مەن يالغۇز،
زەر نۇرىغا بولغاچقا ئاداش.
سىپاپ ئۈتەر شەھەرنى پاكىز،
تاڭ شامىلى سۈيۈپ نازلىنىپ.
ئەدەپ بىلەن ماڭار تاكسىلار،
ئېتىقاتتا كۈندە پاكلىنىپ.
ئاشپۇزۇلدا قۇيماق پىلتىلەر،
ئويغىتىدۇ قۇياشنى سەھەر.
پۇقرالىرى شۇنچە مېھماندوست،
بولغاچقىلا گۈزەلدۇر شەھەر.
ھەممە كوچا ھەتتا مەجنۇنتال،
قۇياش سۈيۈپ باشلار ھاياتلىق.
ئەسسالامنى ئۇنتۇماس ھىچكىم،
ساپ تىلەكلەر بەرگەچ نىجاتلىق.
غەليان قىلار كۆنچى سەھەردە،
زىبالىشار شەھەر سەھەردىن.
مەجنۇنتاللار قىلالماي گىرىم،
ئېلىپ كەلدى كۈلكە قەيەردىن.
ئەدەپ بىلەن كۈرۈنەر گۈزەل،
شەھەردىكى بارچە مەخلۇقات.
دەستە گۈلدەك خۇشپۇراق چېچىپ،
سالام قىلار ھەممە مەۋجۇدات.
قۇياش بىلەن ئاچتى نۇر چىراي،
گىرىم قىلغاچ كۈندە ئۆزگىچە.
مىھرى ئىسسىق ئالدىراش شەھەر،
شۇنداق ياشا يېشىڭ مىڭغىچە.
ئالدىراشتا باشلىنار يەنە،
كۈلگۈن سەھەر قەدىمى شەھەر.
كىروراننىڭ ئۇچتى رومالى،
باش ئەگىمنى سۈيۈپ نەقەدەر.
ياشاش ئۈچۈن كۆز ئاچتى يەنە،
شەھلا كۆزلۈك خۇمالىق سەھەر.
مەڭدەپ تۇرماس ھەتتا دەل-دەرەخ،
ئىكەن شۇنداق ئالدىراش شەھەر.
لوپنۇرلۇقلار كەنتى
قوملار ياتار باغرىدا غېرىپ،
قۇمۇشلاردىن تىلەپ شان-شەرەپ.
چىقمايدىغۇ توغراق باغاشلاپ ،
بوتىلاقنىڭ بىرسىمۇ مەرەپ.
تۇنۇرلارنى باغاشلاپ ھايات،
سۇقار مۇشتەك لوپنۇر يۈرىكى.
ئۇھسىنغانچە تۇرار بۇلۇڭدا،
دۆۋىلەنگەن بېلىق سۆڭىكى.
توغراقلاردىن ئاڭلىنار مۇقام،
ياغاچ ئۆيلەر ئەجداد سىماسى.
يىلتىزلادىن مارايدۇ كۇڭۈل،
شەرەت قىلغاچ تۇپراق نىداسى.
كاۋاپدانلار ناخشىسى ئۆتمۈش،
سوۋۇپ قالغان چوغلار جىلىپەز.
ئۆكتەبىرنى سېغىنىپ ئەسلەپ،
نان چاينايدۇ لوپنۇرلۇق ئاشپەز
ئەنئەنىنى قىلىپ نامايان،
كەچمىشلەرنى قىلدى سەكۈنچەك.
ئولتۇرۇدۇ بىر بوۋاي، ئېيتىپ
ناخشىلارنى، بۇلۇپ كۈلگۈنچەك.
لوپنۇر ماركىسى
شامالنىڭ ئەركىلەپ سۈيۈشلىرىگە،
قانماستىن لىۋىمدىن يوللار ئېچىلدى.
سۇسىراپ چاڭقىغان بىر تۈپ يۇلغۇندىن،
ئۇنتۇلغان ئۇدۇمنىڭ نۇرى چېچىلدى
.
ئۆزگىچە بىر پۇراق تارقاتتى مانا،
ئاڭلاندى لەۋ سوراپ ئېيتقان ناخشىسى.
ئۆزگىچە ئېيتىلغان ناخشىلار: دىدى
مەن دىگەن لوپنۇرنىڭ لوپنۇر ماركىسى.
لىۋىنى چىشلەيدۇ چۈشىدە ئۆتمۈش
كۆنچىنىڭ سۈپسۈزۈك شولىسى سۆزمەن،
رىۋايەت باغرىنى قىلار نامايان.
لىۋىنى چىشلەيدۇ چۈشىدە ئۆتمۈش،
باش ئەگىم قوينىدا ئۇخلاپ خىرامان.
شامالنىڭ دەردىنى ئاڭلىماس ھىچكىم،
سوغاقتىن چىرماشسا ئىسىيدۇ قولمۇ،
بەلكىم ئۇ تىترىدى تىترەيدۇ مەڭگۈ.
سۆيگىنى يۇپۇرماق ياكى بىر گۈلمۇ؟
كورلىدىكى قۇياش
كۈلۈمسىرەپ قوندى سەھەرگە،
قىرو سۆيگەن كۆنچى لىۋىگە.
ئاپئاق قارنى چەگدى ئاۋايلاپ،
كورلىدىكى قۇياش بىلىگە.
كىتىپ قالماس شاماللار ئۇزاپ
سالام بىلەن كەلدىم قوينىغا،
چۈشلىرىمنى ئىزدەپ تاپالماي.
كۆنچى باغرى ئەمەس ناتۇنۇش،
سۈيۈۋالدىم قىلچە ئۇيالماي.
نەزەر سالدىم كورلا باغرىغا،
نەشپۈتزارلىق ھىدىنى پۇراپ.
باش ئەگىمدە سۆزلەپ رىۋايەت،
كىتىپ قالماس شاماللار ئۇزاپ.
پاكىزلىقتا ياڭرار كېچىسى،
يول چىراغلار بۇلار يۇلتۇزى.
ئەدەپ بىلەن ماڭار ھەر كىملەر،
كۆنچى بولغاچ قەدىم سۆيگۈسى.
يىرتىلمىسۇن كونا ياغلىقىڭ
باش ئەگىمدىن كەتتىم قىيالماي،
كەچمىشلىرىڭ سىڭدى باغرىمغا.
دولقۇنلىرىڭ ئوينىسۇن مۇقام،
جۈر بۇلۇشۇپ ئىلى، تارىمغا.
قەلبلەردە بولغاچ دېرىزە.
سېغىنىشلار كىلەر بىسوراق .
ھەي كۆنچىنىڭ گۈزەل مىسراسى،
قايتاي كۈلۈپ بەرگىنە سوراق.
ئۇخلاپ ياتقان ئۇيقىچان تاغلار،
كۆتەر باشنى ماڭدىم خەير-خوش.
يىرتىلمىسۇن كونا ياغلىقىڭ،
ھەسرىتىڭدە بولمىغىن بىھوش.
2014-يىلى 29-30-نويابىر كورلا
[url=]
[/url]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 12:08 AM