لەۋلىرىنى چىشلەيدۇ كېچە
تۆتتاش
سايە بەرمەي ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ،
تۈن باغرىدا يىغلار ئۆتمۈشى.
سەجدە قىلسا بىر قۇچاق چاچقا،
ئاشىقلارنىڭ يىراق كەلگۈسى.
چۈش قوينىدا ئۈزگەن بېلىقنىڭ،
لەۋلىرىدە دەريانىڭ كۆزى.
ياقا تۇتۇپ كۈلەر بىر ھازا،
غىچىرلىغان ئاياقنىڭ ئىزى
.
لەۋلىرىنى چىشلەيدۇ كېچە،
بالقىغاچقا ياۋايى ئىستەك.
جار سالىدۇ يۇلتۇزلار گويا ،
سۈيۈشكىنى ئالەمچە ئشتەك.
چېچەكلىشىپ كۈڭۈك كۈڭۈلدىن،
يۈرۈكىدە كۆكلىمەس ھىجران،
يىغلىماقتا تەنھا دىگەن سۆز،
ۋىسال تېپىپ كۈلگەچكە ماكان.
توقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 11:51 PM