مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 914|ئىنكاس: 5

ئالتۇن باھاسى نېمە سەۋەپتىن چۈششى مۇمكىن - تەھلىل 24- 2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 07:28:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1229.9    دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى  1236.84 دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى  1197.7 بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1202.23  دوللا ر  بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.66  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1204 دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى تۈنۈگۈن گرېتسىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن تۆۋەنلەپ 1191 دوللارغا چۈشۈپ قالغان ، كەينىدىن ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىن تۆۋەن چىقىپ ، دوللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1210 دوللارغا چىقتى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇن باھاسى يەنە تۆۋەنلەپ كەتتى . يېقىنقى مەزگىلدە بازارنىڭ دىققىتى بولسا  2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ۋە 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە يېرىم يىللىق خۇلاسە سۆز قىلىشىغا مەركەزلىشىدۇ .


QQ截图20150224171634.png


مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى  تەۋرىنىشى سۇس بولدى ، ئالتۇن باھاسى (239.96 ) 1215 دوللارنىڭ  يۇقىرىدا يەنىلا توسالغۇ بىسىمغا ئۇچۇرماقتا شۇڭا بۈگۈن ئاسىيا ياۋرۇپا  بازىرىدا  كۈزىتىشنى ئاساس قىلىپ ئالتۇن باھاسى(239.96-240.55 ) 1215-1218   دوللار ئەتىراپىغا چىققاندا چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5  دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1210-1203 (237.59-238.97 )  دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

2. كەچلىك ياۋرۇپا  ئامىرىكا بازىرى ئىچىلغاندىن كىيىن ئالتۇن باھاسى 1200 (237.0 )  دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5 دوللاردا توىتىتىپ پايدىسىنى   1190 (235 )دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . بىرىنىجى قىتىم 1190 دوللارغا چۈشكەندە ئەگەر ئەڭ قىسقا سودا قىلماقچى بولسىڭىز ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5 دوللاردا توختىتىپ  پايدىسىنى 1195-1198 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ئەگەر بىخەتەر سودا قىلماقچى بولسىڭىز (233 ) 1180 دوللار دىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا  (233.6-233)1180-1183 دوللار ئەتىراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 5 دوللاردا توختىتىپ  پايدىسىنى (235-236 ) 0 1190-1195 دوللار ئەتىراپىدا چىقرىشقا بولىدۇ .

3. ئالتۇن باھاسىنىڭ سائەتلىك سىزىقى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە ، كۈندۈزدىكى سودا بازىرى كۆپرەك تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىدۇ شۇڭا سودا قىلغاندا تەۋرەنمە سودا بويىچە سودا قىلساق بولىدۇ . بۇ بىر نەچچە كۈندە ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى ئىگىز پەس بولىۋاتىدۇ .
تەۋسىيەرىم : يۇقىرىدا كۆرسىتىپ بەرگەن ئۆرلەش چۈشۈش نۇقتىلىرىنى ساقلاپ ئاندىن سودا قىلىپ ، ئورۇنسىز زىيان تارتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ .   

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1220 1215   
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار     1190 1180  

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1182
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1220

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .

ئەسكەتىش :
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 236.15 يۈەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.20 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسىنىڭ نۇتۇقى ئالتۇن باھاسىغا چوڭ تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن  


u=2225856707,2283487150&fm=11&gp=0.jpg


         بۈگۈن ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق ئېلان قىلىدۇ ،  تەھلىلچىنىڭ مۆلچەرىدە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى نۇتۇق ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئالتۇن باھاسى يەنىلا  نۆۋەتتىكى تار دائىرىدە تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن . ئەگەر  ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە ، ئۇھالدا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1200 دوللاردىكى ئۆتكەلدىن چۈشۈپ 1190.95 دوللار ۋە 1182 دوللارغىچە بولغان نۇقتىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ، ئەكسىنچە بولسا ئالتۇن باھاسى 1205.92 دوللارغا چىققاندىن كېيىن داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ 1216.38 دوللار ئەتراپىدىكى نۇقتىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان .





2015 - يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى قايسى ۋاقىتتا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن


u=4061760052,3580154779&fm=11&gp=0.jpg


     ئامېرىكا فېدېراتسىيە فوند ئۆسۈم نىسبىتى قەرەلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى (Fed) يەنىلا 2015 - يىلى 3 - پەسىلنىڭ ئاخىرى ياكى 4 - پەسىلنىڭ باشلىرى تۇنجى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ياكى ئۆستۈرمەسلىكى تاشقى دۇنيا مۇنازىرسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
    مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى مەيلى 2015 - يىلى 9 - ئايدا ياكى 2016 - يىلى 1 - ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرسۇن، قىسقا ۋاقىتلىق ئىقتىساد ئېشىش ئەھۋالىنىڭ بىۋاستە تەسىرى ئانچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، ئالدىنئالا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى كەسكىنلىشىپ كېتەرمۇ؟
    بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئاجىزلىشىۋاتقان پۇل پاخاللىقى ئېنېرگىيە بازىرىغا دۆڭگەپ قويۇشى مۇمكىن، لېكىن ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ يۆنىلىشى مۇقىم بولسا، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى يەنە بىر قېتىم تېز سۈرئەتتە ئىششى مۇمكىن. لېكىن، يادرو پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىمۇ ئاجىزلىشۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئوخشاشلا ئاجىزلىشۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.






يېلۈننىڭ بۈگۈنكى گۇۋاھلىق سۆزى دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلارمۇ؟


W020150224445463594136.jpg


     ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلۈن (Janet Yellen) دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان گۇۋاھلىق سۆزى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولىشى مۇمكىن، لېكىن تاشقى پېرېۋوت بازىرى، بولۇپمۇ دوللار چۈشتىن كېينكى بازارنىڭ يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
    ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، دوللارغا ئالماشتۇرىدىغان كۆپ ساندىكى ئاساسى پۇللار بازاردا نىسبەتەن تۆۋەن دائىرىدە ئايلانغان بولۇپ، ھازىر بازاردىكەر يېلۈن گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ بازار يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ساقلاۋاتىدۇ.
   BK Asset Management نىڭ تاشقى پېرېۋوت تەھلىل قىلغۇچىسى Kathy Lien نىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە، كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق دەپ قارايدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى 2015 - يىلدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن، لېكىن ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ سۈرئىتىنى ھەل قىلىش يەنىلا تەس بولغان مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلە.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى كۈن گۇۋاھلىق سۆزى ئاڭلاش جەرياندا، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى چوقۇم ئۆسۈم نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سۈرئىتى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ جاۋابى دوللار ئىتتىك بازىرىغا توسقۇنلۇق قىلارمۇ ياكى دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلارمۇ؟
بۇ ھەپتە دوللارنىڭ بىركىشى بىردەك بولماسلىقى مۇمكىن، بازار يېلۈننىڭ گۇۋاھلىق سۆزىگە قارتا مۆلچەر ھۆكۈم چىقىرىشقا ئامالسىز.




دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى


QQ截图20150224155657.png


2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 94.6869 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.5183 ، ئوتتۇرچە باھاسى 94.37 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.03% ‏ بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 94.547 بولۇپ ، ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 94.60 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 94.6625 ، سېتىلىش باھاسى 94.6725 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 94.5472 بولدى .   

ئەسكەرتىش :
) تېما يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن رابىگۈل (

ئەگەر سىز ئالتۇن سودىسىغا قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودىنى تەپسىلى چۈشنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلىشسىڭىز بولدۇ.

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 07:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1039
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 299 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 12:07:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا چۈشسە بولاتتى بۇ ئ‍التۇن

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 602 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 03:47:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5675
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 12:11:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشسۇن ئىشقىلىپ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7753
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 12:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىسقا ۋاقىت شۇنداق بولىدۇ ، چۈنكى يەنە ئۆسىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 11:38:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش