بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% J, `! C' j5 I1 S7 Z `7 v% A- D% q! tبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 A+ L5 ]0 \# [3 k1 d k
توردىكى مۇھەببەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ D: x# y* L( N
2
قىزلارنىڭ ھەممىسى مەندەك كىلىشكەن ھەم دەرستە ياخشى ئوغۇللارغا ئامراقمىدۇ دەيمەن ھې ھې
چاقچاق قىلىپ قويدۇم . لىكىن چاقچاق دىيشكىمۇ بولمايدۇ جۇمۇ ئۇ چاغلاردا دەرستە راسلا خېلى ئىلگىرلەپ قالغان ئىدىم
بۇرۇن دەرسكە تولۇق كىرمىگەن بولغاچقىمىكىن سىنىپتىكى قىزلارغا ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن ئەمدى قارىسام سىنىپىمدا چىرايلىق قىزلار خېلى كۆپكەن .راس گەپ قىلسام شۇ چاققىچە مەن تېخى بىرەر قىز بىلەن ئارلىشىپ باقمىغان ئىدىم گەرچە ئۈزۈم بىرئاز شوخ بولساممۇ ئارلىشىپ باقمىغان ئىدىم قىسقىسى بۇنداق مۇھەببەت دىگەن نەرسىلەرگە قىزىقمايتىم ھەم ئىشەنمەيتىم
شۇنداق قىلىپ سىنىپتىكى قىزلارغا ئانچە مۇنچە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم چاقچاق قىلدىغان بولدۇم . بەلكىم شۇ چاغلاردا يالغۇزلىقتىن زىرىككەندىمەن ياكى راسلا بىرەسى بىلەن ئارلاشقۇم كەپ قالغاندۇ ئىشقىلىپ قىزلار بىلەن ئالاقەم كۆپىيىپ قالغان ئىدى . سىنىپىمدا بىر قىز بار ئىدى ئۈزى خېلى چىرايلىق لىكىن ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى شۇ سەۋەپ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قېلشىمغا سەۋەپ بوپ قالدىمىكىن دەپ ئويلايمەن ئۈزەمچە . چۈنكى ئۇ چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسىلا قېشىمغا كىلەتتى بۇنىڭدىن مەنمۇ خۇش ئىدىم چۈنكى مەنمۇ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالايتىم . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ قالدىم ئۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى مەنمۇ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدىم بەلكىم مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھىسياتىم پەقەت ئامراقلىقىملا بولماسلىقى مۇمكىن . ئۇنىڭ بىلەن دايىم بىللە يۈرەتتۇق دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسا بىللە سىرىتقا چىقىپ ئوينايتۇق بىللە تاماق يەيتۇق ئۇنىڭغا دايىم قىزقارلىق گەپلەرنى قىلىپ كۈلدۈرەتتىم بارا بارا ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئامراق بوپ قېلىۋاتاتتىم .
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردى باشقىلارغىمۇ خۇددى بىز ئارلىشىۋاتقاندەك تەسىر بېرىپ قويغان ئىدۇق . خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بۇنداق ئۆتىۋەرگۈم كەلمىدى . بىر قېتىم ئۇنىڭ بىر دوستى ئۇنىڭدىن سىلەر ئارلىشىۋاتامسىلە دەپ سورىسا ئۇ بىز پەقەت دوس دەپ جاۋاپ بەردى ئۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا سەل ئاچچىغىم كەلدى كىيىن بىر دەم ئېلىش كۈنى ئۇنىڭ بىلەن سىرىتقا چىقتۇق . مەقسىتىم ئۇنىڭ كۆڭلىدە مىنى زادى قانداق ئويلايدىغىننى مىنى ياخشى كۈردىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن سورۇدۇم مىنى ياخشى كۈرەمسىز ياقمۇ ؟
ئۇنىڭ مەن ئويلىغاندەك جاۋاپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇناسىۋىتىمىز شۇنداق ياخشى ئىدى
لىكىن ئۇنىڭ جاۋابى مەن ئويلىغاندەك بولمىدى . ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ بۇرۇندىنلا مىنى پەقەت دوستى ئورنىدا كۈرۈپ ماڭا ئەزەلدىن باشقىچە ھىسسىياتتا بولۇپ باقماپتىكەن . بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى شۇنچىلىك يېرىم بولغان ئىدى . ئۈزۈمنى شۇنداق ناچار ئوغۇلبالىدەك بىرسىنىڭ ياخشى كۈرشىگە ئەرزىمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇن بىرەر قىزبالا بىلەن ئارلىشىپ باقماي تۇنجى قېتىمدىلا رەت قىلىنغىنىم ئۈچۈن ئۈزۈمنى بەكلا بىچچارىدەك ھىس قىلدىم راس گەپ قىلسام ئۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى ئۈزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەممەيمەن .
ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى پەقەت بۇندىن كىيىن يەنلا يېقىن دوس بوپ ئۈتىدىغانلىقىمىزنى يەنلا بىللە ئۈگۈنۈش قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيىتتى مەن باشقا گەپ قىممىدىم ھەم قىلاممايتىم چۈنكى ئۇ چاغدىكى ھىسياتىمدا بىر ئېغىز گەپ قىلىشمۇ شۇنچىلىك تەس ئىدى . شۇندا قىلىپ مەكتەپكە كەتتۇق بىر نەچچە كۈن ئۆتتى ئۇنىڭغا قارىسام خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ئۈزىنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرەتتى . لىكىن مەن ..............
خېلى بىر مەزگىلگىچە جىمغۇر بوپ قالدىم دەرىستىمۇ خېلى چىكىنىپ كەتتىم بىر كۈنى ئۇنىڭ كۈلۈپ يۈرىۋېرشىگە چىدىمىدىم
ئۇنىڭ قېشىغا كىلىپ ئۇنىڭغا ئۇنى راسلا ياخشى كۈرۈپ قالغىنىمنى ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەسە ئۇنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەيدىغىنىمنى دىدىم . لىكىن ئۇ يەنلا بۇرۇنقىدەك مەن بىلەن پەقەت دوس بولغىسى بارلىقىنى باشقا ئىشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى ئۇنىڭ يەنە شۇ گەپنى قىلغىنىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا بىرئاز ئاچچىغىم كەلدى . لىكىن نېم قىلالايتىم
ئامال يوق كۈزىگە بىر قاراپ قۇيۇپ يېنىدىن كەتتىم شۇ كەيپىياتىمدا دەرس ئاڭلاشمۇ خوش ياقمايتى قىسقىسى ئۇنى كۈرۈپ تۇرۇش ماڭا ئېغىر كىلەتتى . شۇنىڭ بىلەن يەنە كونا كەسپىمنى تاپتىم مەكتەپتىن قاچتىم تورخانىغا كىردىم خىيالىمدا بىردەم ئويۇن ئوينىساملا ئۇ كاللامدىن چىكتىدۇ دەپ ئويلىغانتىم ئەكىسچە تېخىمۇ كاللامغا كىرۋالدى ئىچىم سىقىلدى .
مەقسىتىم ئەسلى ئويۇن ئويناش ئەمەس ئۇنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇش كاللامنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇش ئىدى
ئويۇن ئويناشمۇ خوش ياقمىدى تورخانىدىن يېنىپ چىقىپ ئۇدۇل دىباغا كىردىم ھاراقمۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ مەس قىلامدۇ دەيمەن بۇرۇن خېلى كۆپ ئىچسەممۇ بۇندا تىز مەس بولۇپ قالمايتىم لىكىن بۈگۈن شۇنداق تىز مەس بوپ قاپتىمەن بېشىم قېيىپ كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى . ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسام مۇزىكا توختاپ دىبانى تاقايدىغانلىقىنى ھەممىمىزنىڭ قايتىشىمىزنى ئېيىتتى . نەس باستى چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقاپ بولغان بولۇپ مەكتەپكە كىرگىلى قويمايتى ئامال يوق دىبادىن يېنىپ چىقىپ كوچىدا ماڭدىم بۇ ۋاقىتتا كىچە سائەت 12 بۇلاي دىگەن بولۇپ يولدا ئادەممۇ يوق ماشىنىمۇ يوق بولۇپ پۈتۈن بىر شەھەردە خۇددى مەن ئۈزۈم يالغۇر قالغاندەك ھىس قىلدىم ئۈزۈمنى شۇنچە يالغۇز شۇنچە بىچچارە ھىس قىلدىم يا بىر تاكسى يوق نېرۋام تېخىمۇ ئۆلەپ كەتتى ئامال يوق مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم
قولۇمدا تاماكا كاللامدا بولسا باش ئاخىرىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيدىغان قۇرۇق خىياللار بىلەن كىتىۋاتىمەن . ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭسام ئارقىمغا ئىككى قەدەم يېنىپ بايا ئىچكەن ھاراق ئەمدى تېخىمۇ بەك تۇتۇپ كەتتى بېشىم تېخىمۇ قېيىپ كۆڭلۈم بەك ئېلىشىپ كەتتى يولنىڭ بۇيىغا بېرىپ ياندۇرۇشقا باشلىدىم توۋا ئىچكەن نەرسەمنىڭ تايىنى يوق بىرمۇنچە ياندۇرۋەتتىم .
خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئورنۇمدىن تۇراممىدىم پۇت قۇلۇمدا ماغدۇر يوق بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن باش ئاغرىقىم سەل توختىدى
مىڭ تەستە ئورنۇمدىن ئاران تۇردۇم يەنە ماڭدىم بايا ياندۇرۋەتكەندىن كىيىن خېلى يىشىلىپ قالغان ئىدىم بېشىممۇ ئانچە قايمىدى . بىر چاغدا قارىسام مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەپ قاپتىمەن دەرۋازىدىنلا كىرەي دىسەم قاملاشمايتى چۈنكى بۇ ھالىتىمدە باشقىلار كۈرۈپ قالسا نېمە سەتچىلىك شۇنىڭ بىلەن ئارقا تەرەپكە بېرىپ تامدىن ئارتىلىپ كىرمەكچى بولدۇم مىڭ بىر جاپادا ئاران كىرسەم قاملاشمىغان نەدىن پەيدا بولدى مەكتەپنىڭ قوغدۇغۇچىسى ئالدىمدا تۇردۇ نېم قىلشىمنى نېمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم كىيىن مىنى ئىشخانىسىغا ئەكىردى بىر مۇنچە گەپ قىلدى مەن بولسام خۇددى جىنايەتچىدەك گەپ سۆز قىلماي جىم تۇردۇم . ھاراقنىڭ كۈچى تېخى تۈگمىگەن ئوخشايدۇ بېشىم قېيىپ ئۇ خۇددى ماڭا ھىكايە ئوقۇپ بېرۋاتقاندەك ناخشا ئوقۇپ بېرۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كىتىپ كۈلۈپ ساپتىمەن . ئۇنىڭ ئاچچىغى كەلگەن چېغى ماڭا قاراپ قاپىغىنى تۈرۈپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى خېلى بىر ۋاقىت سۆزلىگەندىن كىيىن ھېرىپ قالدىمۇ ياكى مەن بىر ئېغىز گەپ قىلمىغاچقا ئاچچىغى كىلىپ قالدىمۇ بىلمىدىم . مىنى ئەتە ئەتىگەندە سىياسى بۈلۈمگە كىر دەپ ياتاققا كىرگۈزۋەتتى . ياتاققا كىرىپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چىكىشكە باشلىدىم كاللامدا يەنە قاملاشمىغان خىياللار پەيدا بولدى . مەكتەپتە ئوقۇپ ھازىرغا كەلگۈچە سىياسىي بۈلۈمگە كىرىپ باقمىغان ئىدىم تۇرۇپلا قورقۇشقا باشلىدىم ئەگەر ئۇلار بۇ ئىشنى مەكتەپتىكىلەرگە ئېلان قىلۋەتسە كىيىن يۈزۈمنى قانداق كۈتۈرۈپ يۈرەرمەن . بۇمۇ مەسىلە ئەمەس يامان يېرى ئەگەر ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆيدىكىللىرىمگە دىسە ....... ئويلاپ ئويلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە بېشىمدىن ئىس چىكەتتى . شۇنداق باش ئاخىرى يوق خىياللار ئىچىدە قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن ئويغانسام تاڭ ئاتقان بولۇپ دەرسكە كىرىشكە ئاز قالغان ئىدى . يۈز كۈزۈمنى چالا يۇيۇپلا سۈرۈتمەستىن سىياسىي بۈلۈمگە قاراپ يۈگۈردۈم . ئىشىكنى چىكىپ كىرسەم بىرنەچچە مۇئەللىم تۇردۇ . ئالدىغا بېرىپ گەپ سۆز قىلماي جىم تۇردۇم كىيىن ئۇلار سۆزلەشكە باشلىدى . تۇنجى قېتىم سىياسىي بۈلۈمگە كىرشىم بولغاچقا بۇ يەر بىرئاز سۈرلۈك بىلىنەتتى . ئۇلار مىنىڭ بۇرۇن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغىنىمنى ھەم نەتىجەمنىڭ ئىزچىل ياخشى بولۇپ كىلۋاتقىننى كۆزدە تۇتۇپ مىنى جازالىمايدىغىننى ھەم بۇ ئىشنى ئۆيدىكىللىرىمگە دىمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى .
بۇنى ئاڭلاپ يۈركۈم سەل ئىزىغا چۈشتى . شۇنداق بولسىمۇ بايامقى ئەنسىرەش تۇيغۇسى تېغى بولغاچقىمىكىن
پۇتلۇرۇم تېخىچە يىنىك تىترەۋاتاتتى . ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئشخانىدىن چىكەتتىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" t5 q* e }- g$ [4 \