|
|
|
|
ئادەملەرنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋىتىپ بارغىنى بەلكىم يان تېلېفون بولۇشى مۇمكىن
مەيلى قەيەرگە بارايلى، قولىمىزدىكى ئاشۇ ئامراق يانفونىمىز تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە چۈشكىنىمىز چۈشكەن. بىزنىڭ بېشىمىز ھامان تۆۋەن تۇرىدۇ، چىرايمىزدا بولسا ھېسسىيات دىگەننىڭ ئىز-دىرىكى يوق. پۈتۈن دىققىتىمىز ئاشۇ ئالقانچىلىك كەلمەيدىغان ئېلېكترونلۇق ئېكرانغا مەركەزلىشىپ قالغان. بەلكىم بىز دۇنيانى ئالقىنىمىزدا ئوينىتىشنى ئارزۇ قىلساق كېرەك؟ تۆۋەندىكى قىسقافىلىمدە تەسۋىرلەنگىنىگە ئوخشاش، يانفون بىزنى بارغانسېرى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئايرىۋىتىپ بارىدۇ. مەيلى دوستلىرىمىز بىلەن ساياھەتكە چىققان ئاشۇ دەملەر، مۇھەببەتلىشىۋاتقان رومانتىك چاغلار ۋە ياكى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشلىرىدا بولسۇن، بىزنىڭ دىققىتىمىز ھامان ئاشۇ يانفونىمىزدا، قاچانلاردىن باشلاندىكىن، بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھېسىياتىنى ئەسلا ئويلاشمايدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇنى ئويلىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ئەپسۇس، بۇ بىر رېئاللىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يامان بولغىنى شۇكى، بۇ خىل رېئاللىق بىر قارىماققا ھىچ ئۆزگىرىدىغاندەك ئەمەس، چۈنكى، بۇ ئالقانچىلىك ئىكراننىڭ ئىچىگە دۈم چۈشۈپ كىتىشىمىزنى ھىچكىم مەجبۇرلىغىنى يوق، بۇنى ئۆزىمىز خالاۋاتىمىز.
مەزكۇر قىسقا فىلىمنىڭ ئىسمى «مەن يانفونۇمنى ئۇنتۇپ قالدىم» (I Forgot My Phone) بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قىزنىڭ يانفون تەرىپىدىن «نابۇت» قىلىنغان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، گەرچە، ئۇنىڭ قولىدا يانفون بولمىسىمۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ دوستلىرى، ياق، بارلىق دوستلىرىنىڭ قولىدا يانفون بار، مەيلى قەيەرگە بارسۇن ياكى نېمە ئىش قىلسۇن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئادەملىرىنىڭ دىققىتى پەقەت ئۆزىنىڭ يانفونىدا. بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن، كۆڭلىمىز تەبىئىيلا يېرىم بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگىنى ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنىڭ دەل ئۆزى. ئەگەر سىز بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا، ئاز-تولا بولسىمۇ مەيۈسلەنگەن بولسىڭىز، ئۇ ھالدا، مەن ئويلايمەن، بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى دەل فىلىمدىكى ئاشۇ قىزنىڭ تۇرمۇشى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ بىشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلار ئىكەنلىكى بولۇشى مۇمكىن، ھىچبولمىغاندا، مەندىمۇ مۇشۇ خىل تۇيغۇ بولغان.
ھەممەيلەن بىلىمىز، بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر بىز يانفونىمىزدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىپ قالساق، نېمە ئىش قىلارىمىزنى بىلەلمەي، ناھايىتى بىئارام بولۇپ كىتىشىمىز تۇرغانلا گەپ. قىزىقارلىق يېرى، ئەگەر يانفون بولمىغان بولسىمۇ، ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش بولاتتى، بىز يەنىلا كومپىيۇتېر، پەد ۋە ياكى ئاللىقانداق بىر ئىكرانلىق نەرسىلەرگە ھېرىسمەن بولۇپ ئولتۇرىۋىرەتتۇق. بەلكىم، بەزىلەر ھازىر يانفوندىن قانائەت تاپالمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئەنسىرىمەڭ، گۇگېل كۆزەينىكىگە ئوخشاش تاقىۋالغىلى بولىدىغان ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرمۇ پات-ئارىدا مەيدانغا كىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك يازما:21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ يانفونخۇمارلىق كېسىلى – ئىشىكتىن چىققاندا ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇكى، يانفوننى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ
مەنبە؛تەرجىمە تىڭشۇن تورى
|
|
|
|
|
|