87-نۆۋەتلىك
ئوسكار مۇكاپاتى شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كالىفورنىيە لوس ئانژېلېس ھوللېۋۇددىكى دولبىي تىياتىرخانسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 2014-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە تېخنىكا ئاكادېمىيەسى «ئوسكار شەرەپ مۇكاپاتى (Academy Honorary Award)» نى فرانسىيەلىك كىنو-فىلىم يازغۇچىسى، سېنارىست، ئاكتيور ۋە رېژىسسور Jean-Claude Carriere، ئىرېلاندىيەلىك ئايال ئاكتيور ۋە ناخشىچى Maureen O'Hara ۋە ياپونىيەلىك كارتون فىلىم ئۇستىسى، كارتون فىلىم رېژىسسورى ۋە رەسسام Miyazaki hayao قاتارلىق ئۈچ كىشىگە، جېيىن خېرشولت ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتى (Jean Hersholt Humanitarian Award) نى ئامېرىكىلىق خەلق ناخشىسى ئورۇنلىغۇچى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى Harry Belafonte غا بەرگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى
ئوسكاردىكى نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم ۋە شەخسلەر تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
ئەڭ نادىر فىلىم (Best Picture)
قۇش ئادەم (Birdman)
ئەڭ نادىر رېژىسسور (Best Directing)
Alejandro González Iñárritu - «قۇش ئادەم (Birdman)» ناملىق فىلىم ئۈچۈن
ئەڭ نادىر باش ئەر ئاكتيور (Best Actor in a Leading Role)
Eddie Redmayne - «مەۋجۇداتلارنىڭ تېئورمىسى (The Theory of Everything)» ناملىق فىلىمدىكى رولى ئۈچۈن
ئەڭ نادىر باش ئايال ئاكتيور (Best Actress in a Leading Role)
Julianne Moore - «يەنىلا ئەلىس (Still Alice)» ناملىق فىلىمدىكى رولى ئۈچۈن
ئەڭ نادىر يانداش ئەر ئاكتيور (Best Actor in a Supporting Role)
J.K. Simmons - «ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۇمباقچى (Whiplash)» ناملىق فىلىمدىكى رولى ئۈچۈن
ئەڭ نادىر يانداش ئايال ئاكتيور (Best Actress in a Supporting Role)
Patricia Arquette - «ئۆسمۈرلۈك چاغلار (Boyhood)» ناملىق فىلمدىكى رولى ئۈچۈن
ئەڭ نادىر ئىجادىي سېنارىيە (Original Screenplay)
قۇش ئادەم (Birdman)
ئەڭ نادىر سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن سېنارىيە (Best Adapted Screenplay)
تەقلىدلەش ئويۇنى (The Imitation Game)
ئەڭ نادىر كارتون فىلىم (Best Animated Feature)
6 ئەزىمەت (Big Hero 6)
ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم (Best Foreign Language Film)
موناخ ئىدا (Ida) - پولشا
ئەڭ نادىر ھۆججەتلىك فىلىم (Best Documentary Feature)
Citizenfour
ئەڭ نادىر ئوپېراتورلۇق (Best Cinematography)
Emmanuel Lubezki - «قۇش ئادەم (Birdman)» ناملىق فىلىم ئۈچۈن
ئەڭ نادىر مونتاژلىق (Best Film Editing)
ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۇمباقچى (Whiplash)
ئەڭ نادىر كۆرۈنمە ئۈنۈم (Best Visual Effects)
پىلانېتلار ئارا (Interstellar)
ئەڭ نادىر ئاۋاز مونتاژلىق (Best Sound Editing)
ئامېرىكىلىق مەرگەن (American Sniper)
ئەڭ نادىر بەدىئىيلىك جەھەتتىكى يېتەكچىلىك (Best Production Design)
بۇداپېشت ئالىي مېھمان سارىيى (The Grand Budapest Hotel)
ئەڭ نادىر كىيىم-كېچەك لايىھەسى (Best Costume Design)
بۇداپېشت ئالىي مېھمان سارىيى (The Grand Budapest Hotel)
ئەڭ نادىر گىرىم ۋە چاچ پاسونى لايىھەسى (Best Makeup and Hairstyling)
بۇداپېشت ئالىي مېھمان سارىيى (The Grand Budapest Hotel)
ئەڭ نادىر تەڭكەش مۇزىكا (Best Original Score)
Alexandre Desplat - «بۇداپېشت ئالىي مېھمان سارىيى (The Grand Budapest Hotel)» ناملىق فىلىم ئۈچۈن
ئەڭ نادىر ئىجادىي ناخشا (Best Original Song)
Glory - «سەلما (Selma)» ناملىق فىلىم ئۈچۈن
ئەڭ نادىر كالتە فىلىم-رېئال ئادەم (Best Live Action Short Film)
The Phone Call
ئەڭ نادىر كالتە فىلىم- كارتون فىلىم (Best Animated Short Film)
زىياپەت (Feast)
ئەڭ نادىر كالتە ھۆججەتلىك فىلىم (Best Documentary Short Subject)
Crisis Hotline