Rujak يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 11:01 PM 
نەچچە كۈندىن بىرى كىرمىسەم مۇنبەر قايناپ كىتىپتىغۇ ،
...
ۋاي نۇمۇس قىلمايدىغان شۇم .
.gif)
شۇ كىچىك ۋاقتىڭدا دىيەلمىگەن گىپڭنى مۇنۇ ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەندە مۇنبەردە دەۋاپسەندە.
مەن خالىدەمنىڭ بىر لىنتىسنى دەپ ئوغۇرلۇق قىلغان ئىدىم ھاياتىمدا بۇ ئىككى قىتىملىق ئوغۇرلۇق ئىدى .
.gif)
بالا ۋاقىتلار ئىدى . شەھەردە نەگە قارساق خالىدە ئىمانىڭ ناخشىللىرى ياڭراپ تۇرۋاتقان. لېنتىللرى باس-باس سېتىلىۋاتقان. سېتىۋالاي دەپ لېنتا دۇكىنىغا كەلسەم تۈگۈدى تېلېفۇن قىلۋەتتۇق ئەتە ئۈرۈمچىدىن كىلىدۇ ئەتە كەل ئۇكام دەيدۇ .
.gif)
ئىچىمدە بىر ئوت . ئامالسىز ئۆيگە چىقىپ كىتەي دەپ كوچا ماشىنىسغا چىقسام شوپۇرنىڭ يىندىكى ئاياغ قىپى ئىچىدە خالىدە ئىمامنىڭ دەل مەن ئارزۇلاۋاتقان بىر لېنىتىسى تۇرۇپتۇ. قارسام -قارىسام ئىچىمنى بىر نىملەر يەيدۇ.
.gif)
لېنىتنىڭ ئۈستىدە قىسقا چاچ خالەك كۈلۈپ تۇرغان . ماشىنا ئىچى سىرىت كەچ بولۇپ قالغاچقا ماشىننىڭ ئىچى تېخىمۇ قاراڭغۇ . ئادەم قىستى-قىستاڭ . ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن توساتتىن ھىلىقى لېنتىنى ئوغۇرلىۋىلىشنى ئويلاپ قالدىم .
.gif)
قارسام شوپۇر يولنى توسۇۋالغان كىرەكەش ھارۋىلارنى . موتىسكىلىتلىق ...كىشىلەرنى ھەي پوجاڭ تۇماق . ھەي سىم بۇرۇت . ھەي ئاكا ....يولنى بوشتات . تاتە ۋەلىسپىتىڭنى دەپ ۋاقىراش بىلەن ئاۋارە. قارسام مۇشۇ ۋاقتى ھىلىقى لېنتىنى ئوغۇرلاشنىڭ دەل پەيتى. كۆزۈم شۇپۇردا
.gif)
ئاستا قولۇمنى سوزۇپ ئالسام خالەكنىڭ لېنىتىسى ئەمەس باشقا بىر لېنتا ئۇنى تاشلاپ قايتا ئالسام دەل خالدەمنىڭ لېنىتىسى . يانچۇققا موك سالدىم ئوغۇرلۇقۇم تولىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى
.gif)
شۇنداق خۇشال . كەچتە قاتتىق بىر ئاڭلىماقچى دە مەن ئەمدى بۇ لېنىتنى . ئۆيگە كىرسەم بىر نەچچە مىھمان ئولتۇرۇپتۇ . ئۇنئالغۇنىڭ ئالدىغا كىلەي دەپ تۇرشۇمغا ئانام ئىشقا بۇيرۇپ قالدى . ھىلىقى لېنىتنى يانچۇقۇمدىن ئىلىپ ئۇنئالغۇنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قويۇپ ئىشنى تۈگۈتۈپ كىرسەم مىھمانلارنىڭ ئۆمۈلەيدىغان بىر شۇمى ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆمۈلۈپ ئويناۋاتقاندەك قىلغان. شۇ شۇم ھىلىقى لېنتىنىڭ سىتوسى چۈشىدىغان چاقماق شەكىللىك ئورۇنغا بارمىقىنى سىلىپ 30~20 مىتىر كەلگۈدەك لېنتىنى چىقىرىپ پۇلاپ چايناپ يىگىلى تۇرۇپتۇ. نېرۋام %80 چىقتى
.gif)
....تەستەك بىلەن بىر سالاي دىسەم ئاتا-ئانىسى بار ھەممۇ ھىچ ئىشنى بىلمەيدىغان تۇرسا. مىھمانلارغا گەپ قىلالماي. ئانامغا چىچىلسام. ئانام بالام سىزمۇ قىزىق. كىچىك بالىنى كۆرگەندىن كىيىن لېنتىنى ئىگىز يەردە قويدىغان دەپ ماڭا دوق قىلىپ تۈگەتتى.
.gif)
ئاۋۇ مىھمانلارنى دەيمەن ۋات-ۋات قىلىشىپ غەيۋەت قىلغۇچە بالىسىغا ياخشى قارىماي ...... ھىچقانچە ئۆتمەي مىھمانلار كەتتى ھىلىقى بالىسىغا ياخشى قارىمىغان مىھماننى . ھىلىقى شۇمنى ئىچىمدەيۇ -تىشىمدا يۇ نەچچە مىڭنى قارغاپتىمەن.
.gif)
لىكىن لېنتا ئورنىغا كەلمەيدۇ دە ! شۇنىڭ بىلەن لەڭمەن يەيدىغان چوكىن لېنىتنىڭ ئوقۇغا سىلىپ بىر قولۇمدا چۇۋالچاق لېنتىنى ئوڭشاپ يۆگەپ جايىغا چۈشەي دىگەندە قارسام لېنتا ئالماش بولۇپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن لېنتىنىڭ قىپىنى چۇۋۇپ ئىككى لېنتا يۆگەيدىغان ئىغرقىنى ئالماشتۇرۇپ ئۈئالغۇغا سالسام ناخشا غاراڭ-غۇراڭ تەتۇر چىقىپ قالدى .
.gif)
ئىككى سائەت ھەپىلىشىپ ھىچ ئوڭشىيالماي. ئاخىرى لىنتىنى كىسىپ يىرىم كىچىدە قوشنامنىڭ ئۆيىدىن سۈزۈك پېلاستىر ئىلىپ چىقىپ شۇنىڭ بىلەن يەملەپ ئۇنئالغۇغا سالسام ناخشا نورمال چىقتى. بىراق ئۇنئالغۇ دىگەن كاساپەت ھەر قىتىم ناخشا چىقىپ ھىلىقى يەملەنگەن ئۇللاق يەرگە كەلسە توختاپ قالىدۇ . مەن ئالدىغا سۈرىمەن . يەنە شۇ يەرگە كەلگەندەك توختاپ قالىدۇ مەن ئالدىغا سۈرىمەن .... . ئىشقىلىپ خالەكنىڭ لېنىتنسى بەك جاپالىق بىر ئاڭلاشقا نائىل بولغان .
.gif)
ھازىر سىن قويغۇلار تەرەقى قىلىپ كەتتى ............. ھەي شۇ گۈزەل غەمسىز چاغلار !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 11:37 PM