پارچىلار(5)
 
دۇنياغا كەلدۇق بىز يەنە كېتىمىز ، 
ۋە لېكىن بىلمەيمىز قاچان كېتىمىز .
مەيلى بىز قاچانلا كەتسەك ۋە،لېكىن ،
تارىىختا قالسۇن بىر ئۆچمەس ئىزىمىز .
        *                    *
بەزىلەر ئۆمرىنى ئۆتكۈزۇر زارلاپ ،
ئالتۇندەك قىممەتلىك ۋاقتىنى خارلاپ .
ۋە لېكىن بەزىلەر ھاياتنى سۆيۈپ ،
ئۆمرىنى ئۆتكۈزۇر خۇشال ھەم يايراپ .
       *                    *
ئىش بىجىرىپ ئۆگەندىڭ پۇلغا قاراپ ، 
پۇلى يوقنى پەس كۆرۈپ ،ئىتتەك خارلاپ .
"خەلىق ئۈچۈن "دىگەن ئاڭ يوقمۇ سەندە ؟
ئۆلتۈرەمسەن دېھقاننى پىتتەك شوراپ .
       *                    *
ساۋاپ دەپ ئوقۇيسەن كۈندە بەش ناماز ،
بىرنى كەم قىلمايسەن سىجىل قىش ۋە ياز .
لېكىن سەن ئەل-يورتقا قىلدىڭمۇ خىزمەت ؟
نامزىڭدا بۇ ھەقتە ئويلانغىن بىر ئاز .
       *                   *
بىلىمنى يار تۇتسا ھەر قانداق كىشى ،
ھەر يەردە راۋاندۇر ھەر قانداق ئىشى .
كىمىكى بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتسا ،
دەريا بوپ ئاققۇسى كۆزىدن  يېشى .
 
مەنبە: ئۆز قەلىمىم (ئالىم ئىلى لۈكچۈن)
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   borkut- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 06:10 PM