مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 447|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇرتىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 10:39:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر تىلىم

(ئانا تىل بايرىمىغا بېغىشلايمەن )

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


چىققان تىلىم ئانا دەپلا ئانا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم ،

زۇلمەت ئارا نۇر ھېكمىتىڭ زىيا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .


تارىخ ئىزى ، كەچمىش سۆزى ، ھەق - ئادالەت ئەلنىڭ كۆزى ،

مەلئۇن ، يامان گەر باغرىغا ئوقيا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .


ئەۋۋىلىدىن  ، ھازىرغىچە ياشنىدى پاك ، ساپ ئەقىدە ،

ئەلەم ، بەخىت ھەممىگە چىن گۇۋاھ  تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .


ئۇلۇغ ۋىسال كامالى قۇت  جان سەۋداسى قوغلايدۇ جۇت ،

دىل بېتىنىڭ ئېزگۈسىدە  لاۋا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم  .


گۈلگۈن ھايات نۇسرەت قۇچۇپ كۆكلەپ يۈرەك بەركەت قونۇپ ،

ئەركىن نەپەس قوينىدا ساپ ھاۋا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .


تاڭ ۋەسلىدە روھلار كۆيەر ئارمان ئۇلۇغ ئۈمىد سۆيەر ،

مەنزىل بۈيۈك پايانىدا  ئۇۋا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .


مەنبە ؛ ئىجادىيىتىم .




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KUMALTAGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 10:40 PM  


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 517
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 11:18:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى   يېزىپسىز   ،   ئۇيغۇر   تىلىم   دىگەن   بۇ   نام   باشقىچە  زوق   بېغىشلىدى  .
ئەجرىڭىزگە   تەشەككۈر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىبا. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 11:18 AM  


بىزكىم ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38507
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5122
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 11:46:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەر .......
باشقىلار ئۇيغۇر تىلىنى بەك مۇرككەن تىلكەن ئۆگىنىش بەك قىيىنكەن دىيىشىدىكەن . ئۇيغۇرتىلى ھەقىقەتەن قىيىن بۇلىشى مۇمكىن لىكىن ئۇيغۇر تلىىنى پىششق ئۆگەنگەن كىشى . قازاق قىر غىز تىلىنى 60% ئۆزبېك تىلنى 96% تۈرك تىلى ئەزەربەيجان تىلى قاتارلىقلارنى 40% ئۆگىنىپ بولدۇم دىسە ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن .  چۈنكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر قازاق چە قىزغىزچە كىنولارنى ئۇدا 5 كۈن كۆرسە ئاساسەن چۈشۈنۈپ كىتىدۇ . ئىشقىلىپ بۇ تىل ئاجايىپ بىر تىل ........ئانا تىلىم .

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىللايدىغان مەرت باھادىرلار چىقمىسا بۇنداق مىللەت تىزلا ھالەك بۇلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 12:22:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىڭىز خېلى پاساھەتلىك چىقىپتۇ، ئۇيغۇر تىلىمىزنى ھەقىقەتەن قانچە مەدھىيلىسەك ئەرزىيدۇ، يۇقۇرىدىكى بىر تورداش ئېيتقاندەك ئۇيغۇر تىلى ھەقىقەتەن باشقا تىللارنى تېز ئۈگۈنۈشنىڭ ئاساسى دىسەكمۇ بولدىكەن،
تېخى يەنە تىل تاۋۇشىمىز يۇمشاق بولغاچ، باشقا چەتئەل تىللىرىنى ئۈگۈنۈشتىمۇ قىينالمايمىز.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 01:20:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز.رەھمەت...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 01:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1717
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 10:19:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى    يېزىپسىز

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4405
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 11:39:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109700
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 706
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 12:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمغا ئەزا بولغاندىن بىرى تورداشلارنىڭ شىئېر قۇشاقلىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم.دەسلەپتە راسلا ئوقۇشقا رايىم بارمىدى،بىر ئىككى قېتىم زورلاپ ئوقۇپ كۆرۈپ باقتىم، بىلىپ بىلمەي بونىڭدىنمۇ  كىتاب ۋە يازما  ئىنكاس ئوقۇپ ھۇزۇرلانغانغا ئوخشاش، زوق ئېلىش مۇمكىنچىلىگىنىڭ بارلىقىنى ھېس قېلدىم ، شۇندىن كېيىن بىر قۇشاق يېزىپ باقاي دېگەن ئويدا،  بىر نەچچە ھەپتە ھەپىلەشتىم ھېچ بىر كۇپىلىت شىر يازالايدىغاندەك ئەمەسمەن، شۇنىڭدىن بىرى شائىرلارغا بىلەكچىلا  قايىللىقىم تۇتتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 12:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 07:31:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلىنىڭ كائىناتتىكى ماۋجۇداتلارنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى بەك يۇقۇرى.مەسىلەن،ئادەملەرنى كىم؛-قىز-ئوغول،ئەر-ئايال.ئانا-دادا،بوۋا-موما.
قوينىڭ بالىسى-پاقلان،ئاتنىڭ بالىسى-تايچاق،ئىشەكنىڭ بالىسى-تەخەي.------

بەزى تىللار ھەممىنى ۋا ۋا.-----

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش