دۇنيا بۇ
كۆپ ئويلىما خوشلۇقى-قايغۇسى بار دۇنيا بۇ،
ھەر كارۋاننىڭ مەنزىلگە بارغۇسى بار دۇنيا بۇ.
ياخشى-يامان ئۆزۈڭگە،سىر بوپ قالماس ھېچبىرى،
قىلمىشىڭنى داستان قىپ يايغۇسى بار دۇنيا بۇ.
بەردى يەنە بېرىدۇ،قانائەتنى بىلمىسەڭ،
بەرگىنىنى تايلىتىپ ئالغۇسى بار دۇنيا بۇ.
كۈلسەڭ كۈلەر ياندىشىپ،يىغلىغاندا پەرۋاسىز،
سەن ياختۇرماس كۈيلەرگە چالغۇسى بار دۇنيا بۇ.
ئۈمىدلىرىڭ ئۈزۈلمەس ھەر قەدەمدە يىقىلساڭ،
مىڭ يىقىلسا بىر تۇرۇپ ماڭغۇسى بار دۇنيا بۇ.
چەكتىن ئاشقان چاقچىقى تېرڭكتۈرۈپ ئۆلتۈرسە،
كىم خالىماس كىملەرنى تاڭغۇسى بار دۇنيا بۇ.
قرقۇپتۇرۇپ قېرىشتىن،كۈندە چارچاپ ئۆلۈشتىن،
بىر كۈن ھەتتا بىر مىنۇت قالغۇسى بار دۇنيا بۇ.
مەنبە:ئىجادىيىتىم