|
|
|
|
مۇھاكىمە سوئالى
قاسىم سىدىق
بىز گالىلى تەجىربىسى ئارقىلىق ماسسىسى-ئېغىرلىغى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنىڭ ئەركىن تاشلانغاندا يەرگە تۈز سىزىق بويىچە تەڭ چۈشىدىغانلىغىنى بىلگەن.مۇشۇ تەجىربە نەتىجىسىگە ئاساسەن كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى تۇرغۇزۇلغان.بۇ تەجىربە ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
مەن ماسسسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى جىسىمنى بىر يىپنىڭ ئىككى ئوچىغا ئېسىپ بىر غالتەككە يىپ ئۇزۇنلۇغىنى باراۋەر قىلىپ ساڭگىلاتتىم ۋە ئەركىن قويۇپ بەردىم.نەتىجىدە ئېغىر جىسىم يېنىك جىسىمنى يۇقۇرىغا تارتىپ ئۆزى يەرگە قاراپ چۈشۈشكە باشلىدى،يەڭگىل جىسىم باراۋەر تېزلىكتە يۇقۇرى ئۆرلىدى.
ئېغىر جىسىمنى غالتەككە تىرەپ ئەڭ قىسقا قىلىپ ساڭگىلاتساممۇ قويۇپ بېرىلگەندە يەنىلا ئوخشاش ئەھۋال كۆرۆلدى.يەنى ئېغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمنى يۇقۇرىغا تارتىپ،ئۆزى تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى.
مەن بۇ ھادىسىدىن قايمۇقۇپلا قالدىم.بۇھادىسە گۇيا تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى،ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى،يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇقۇملاردا بىر مۇجىمەللىك بار دىگەندەكلا قىلاتتى.سىز،بۇ ھادىسىنى يۇقۇرقى ئۇقۇملارغا بولغان شۈبھېگە ئورۇن قالدۇرمىغان ھالدا چۈشەندۆرۆپ بېرەلەمسىز؟
2015.2.19
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 11:43 AM
|
|
|
|
|
|